مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئولتۇراق ئۆي، ماشىنا قاتارلىق ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان نەرسىلىرىگىمۇ زاكات كىلەمدۇ؟

أعرض المحتوى باللغة العربية anchor

translation ئاپتور : ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى

    ئولتۇراق ئۆي، ماشىنا قاتارلىق ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان نەرسىلىرىگىمۇ زاكات كىلەمدۇ؟

    هل تجب الزكاة فيما يقتنيه المسلم من سيارات ومساكن؟

    < الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur >

    ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى

    القسم العلمي بموقع الإسلام سؤال وجواب

    —™

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    ئولتۇراق ئۆي، ماشىنا قاتارلىق ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان نەرسىلىرىگىمۇ زاكات كىلەمدۇ؟

    224770 – نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئولتۇراق ئۆي، ماشىنا قاتارلىق ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان شەخسى نەرسىلىرىگىمۇ زاكات كىلەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئۆلىمالار مال-مۈلۈكنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرگە ئايرىدى:

    بىرىنچى: ئالتۇن-كۈمۈش ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان قەغەز پۇللار.

    بۇ تۈردە نەخپۇل ياكى ئۇنىڭ ئورنىغا تۇرىدىغان نەرسىلەر شەرئى ئۆلچەمگە يىتىپ، بىر يىل ئۆتسە، ئۇنىڭدا 2.5% دىن زاكات بېرىش پەرز بولىدۇ.

    ئىككىنچى: مال-دۇنيا، يەنى ئىنسان نەخ پۇلنىڭ غەيرىدە ئىگە بولغان يەر-زېمىن، ئۆي-جاي، ماشىنا قاتارلىق كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا كېرەكلىك بولىدىغان بۇيۇملارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "لۇغەت ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا (ئەلئەرد) دېگەن سۆز (ئەيىننى زەبەر، رانى ساكىن ئوقۇغاندا) ئالتۇن-كۈمۈش ۋە ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەخ پۇلدىن باشقا مال-دۇنيانى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

    ئەمما (ئەيىننى زەبەر ۋە رەنىمۇ زەبەر ئوقۇغاندا ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بارلىق مال-دۇنيانى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ". [ئەلپاز ئەتتەنبىھ ناملىق ئەسەر 114-بەت. ئەلئەزھەرىينىڭ ئەززاھىر فى غەرىب ئەلفاز ئەششاپىئىي ناملىق ئەسىرىنىڭ 108-بېتىگە قارالسۇن].

    ئىنسان ئىگە بولغان يەر-زېمىن، چارۋا ماللار، ئۆي سايمانلىرى، كىيىم-كېچەك، كىتاپ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەرەب تىلىدا (ئەرد ياكى ئۇرۇد) دېيىلىدۇ، بۇ تۈردىكى ماللارغا زاكات كەلمەيدۇ ئەمما ئۇنىڭدا تىجارەتنى مەقسەت قىلسا زاكات كېلىدۇ.

    مۇسۇلمان كىشى تىجارەتنى مەقسەت قىلىپ توپلىغان مال-دۇنيالىرى بولسا يەر-زېمىن بولسۇن ياكى چارۋا ماللار بولسۇن، كىگىز-گىلەملەر بولسۇن ياكى توك سايمانلىرى، ماشىنا سايمانلىرى، كىتاب ماتېرىياللىرى، يېمەك-ئىچمەك، ئۇن، ماي، گۈرۈچ قاتارلىق ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى، كىيىم-كېچەك، رەخ، توقۇلمىلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماشىنا ئىلىپ سېتىش تىجارىتى قاتارلىق نەرسىلەردە زاكات پەرز بولىدۇ. بۇ توغرىدا 130487- نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تىجارەت ماللىرىغا زاكات بېرىش توغرىسىدا تەپسىلى سۆزلەپ ئۆتتۇق.

    ئەمما تىجارەتنى مەقسەت قىلمىغان مال-دۇنيالىرى بولسا يەنى ئۆزى ئىشلىتىدىغان ياكى ئائىلىسىدىكىلەر ئىشلىتىدىغان كىيىم-كېچەك، زىلچا-گىلەم، ماشىنا، ھارۋا، تۇرالغۇ ئۆي ياكى ئىجارىسىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىجارىگە بەرگەن ئۆي-زېمىن، كىراغا سېلىۋاتقان ماشىنا قاتارلىق نەرسىلەر بولسا بۇنىڭ مىقدارى قانچىلىك بولسۇن بارلىق ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا بۇ تۈردىكى مال-دۇنياغا زاكات كەلمەيدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مۇسۇلماننىڭ مىنىدىغان ئىتى ۋە خىزمەتچىسىنىڭ قىيمىتىگە زاكات كەلمەيدۇ،» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 1463-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 982-ھەدىس].

    ئىبنى مۇلەققىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس مۇسۇلماننىڭ تىجارەتنى مەقسەت قىلماستىن ئۆزى پايدىلىنىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە زاكات كەلمەيدىغانلىقىدىكى ئەسلى قائىدەدۇر". [ئەتتەۋدىھ شەرھى جامىئۇس سەھىھ ناملىق ئەسەر 10-توم 448-بەت].

    ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان پىقھى ھۆكۈمدە: مىنىدىغان ئات ۋە ئىش قىلىدىغان خىزمەتچىگە زاكات كەلمەيدۇ، ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا: ئالتۇن-كۈمۈش ياكى ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان پۇلدىن باشقا كىيىم-كېچەك، زىلچا-گىلەم، ئائىلە سايمانلىرى، دىخانچىلىق سايمانلىرى، ئۇنچە-مارجان، ئۆي-زېمىن، ئېشەك-خىچىر قاتارلىق نەرسىلەر خىزمەتچى بىلەن ئاتنىڭ ھۆكمىگە قىياس قىلىنىدۇ. ئۆلىمالارنىڭ كۆزقارىشىدا يۇقىرىقى نەرسىلەردە تىجارەتنى مەقسەت قىلمىسىلا زاكات كەلمەيدۇ." [ئەتتەمھىيد ناملىق ئەسەر 17-توم 125-بەت].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىس مۇسۇلماننىڭ ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان نەرسىلىرىگە تىجارەتنى مەقسەت قىلمىسىلا زاكات كەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاساسلىق قائىدىدۇر. ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بارلىق ئۆلىمالارمۇ شۇنداق دېگەن". [مۇسلىمنىڭ شەرھىسى 7-توم 55-بەت].

    ئىمام ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى بويىچە مۇسۇلماننىڭ تىجارەتنى مەقسەت قىلماستىن ئۆزى ئىشلىتىدىغان: ئۈنچە-مارجان، لەلى-ياقۇت، قاچا-قۇچا، قازان-قومۇچ، كىيىم-كېچەك، قوغۇشۇن ياكى تۆمۈر، تۇچ قاچا قاتارلىق مال-دۇنيالىرىغا زاكات كەلمەيدۇ". [ئەل مۇھەللا بىلئاسار ناملىق ئەسەر 4-توم 13-بەت].

    سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: "مۇسۇلماننىڭ تىجارەتنى مەقسەت قىلماستىن ئۆزى مەنپەئەتلىنىدىغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەخ پۇلدىن باشقا بارلىق مال-دۇنيالىرىغا زاكات كەلمەيدۇ".

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    1

    مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئولتۇراق ئۆي، ماشىنا قاتارلىق ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان نەرسىلىرىگىمۇ زاكات كىلەمدۇ

    3 MB DOC
    2

    مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئولتۇراق ئۆي، ماشىنا قاتارلىق ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان نەرسىلىرىگىمۇ زاكات كىلەمدۇ

    524.8 KB PDF

    كاتوگورىيەلەر