كاتوگورىيەلەر

بۆلۇم سانى: 802

أيغوري

ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز

dropdown-icon-5 ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭغا زېت كىلىدىغان ئىشلار

ساغلام ئەقىدە ناملىق بۇ ئەسەر ئەللامە شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز نىڭ سۆزلىگەن نۈتۈقلىرىدىن بولۇپ ئۇنىڭدا ئەھل سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ ئەقىدىسىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئەمەل ۋە ئىبادەت ساغلام ئەقىدە بىلەن بولسا توغرا ۋە قوبۇل بولىدىغانلىقىنى،ئەگەر ئەمەل ۋە ئىبادەت باتىل ئەقىدە بىلەن بولسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇ ئەمەل ۋە ئىبادەتنىڭ ھېچ ئەھمېيىتى يوقلىقىنى قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە تەپسىلى بايان قىلىپ بىرىدۇ.

PDF
أيغوري

سەئىد ئىبنى ئەلى ئىبنى ۋەھەپ ئەلقەھتانى

dropdown-icon-5 ھىسنۇل مۇسلىم ( قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئېلىنغان دۇئا ۋە زىكىرلەر)

«ھىسنۇل مۇسلىم» ناملىق بۇ كىتاپچە قۇرئان ۋە ھەدىستىكى زىكىر ۋە دۇئالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بەندە بىلەن ياراتقۈچى ئوتتۇرىسىدا دائىمى ئالاقىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدا تۇرتكىلىك رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۈچرايدىغان ئىشلارنى ئاللاھقا سېغىنىش ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشنى تەلىم بېرىدۇ.

DOCX
أيغوري

ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز

dropdown-icon-5 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش ئۈسۈلى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش ئۈسۈلى ناملىق بۇ ئەسەردە، ئاپتور رەسۇلۇللاھنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇلىنى، تەكبىردىن تارتىپ تا سالام بەرگەنگە قەدەر ئېخچام ۋە چۈشۈنۈشلىك قىلىپ بايان قىلىپ بېرىدۇ.

DOC
أيغوري

ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين

dropdown-icon-5 ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئەقىدىسى

«ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئەقىدىسى» ناملىق بۇ كىتاپدا، ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئەقىدىسى، تەۋھىد ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۇپەتلىرى، مەلائىكىلەر، سەماۋى كىتاپلار، پەيغەمبەرلەر، ئاخىرەت كۈنى، تەقدىر يەنى ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھدىن بولىدىغانلىقى ... قاتارلىق ئەقىدىگە ئائىت مەسىلىلەرگە قانداق ئىمان كەلتۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى قۇرئان ۋە ھەدىسگە ئاساسلىنىپ تەپسىلى بايان قىلىدۇ.

PDF
أيغوري

بىر گورۇپ ئالىملار

dropdown-icon-5 قۇرئان كەرىمدىن ئاخىرقى ئۈچ پارىسىنىڭ تەپسىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر

«قۇرئان كەرىمدىن ئاخىرقى ئۈچ پارىسىنىڭ تەپسىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر» ناملىق بۇ ئەسەر ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھازىرگە قەدەر 22خىل تىلدا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى ۋە ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئالدى. بۇ كىتاپ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ﺋﯚﺯ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ رەۋىشتە ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ پايدىلىقتۇر. كىتاب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، 1-قىسمى قۇرئان كەرىمنىڭ ئاخىرقى ئۈچ پارىسىنىڭ قىسقىچە تەپسىرى شەيخ مۇھەممەد ئەلئەشقەرنىڭ «زۇبدەتۇل تەپسىر» ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىنغان. 2-قىسمى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئەھكاملار، ئەقىدىدىن سوئال -جاۋابلار، تەۋھىد توغرىسىدا دىئالوگ، ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى، دۇئا ۋە زىكىرلەر، پەزىلەتلىك ئەمەللەر، ئىسلامدا چەكلەنگەن ئىشلار، تاھارەت ۋە ناماز قائىدىلىرى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان دىنىمىزدىكى مۇھىم ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىتاب دىنى ئەھكاملارنى بىلمەيدىغان ياكى بىلىشكە قىزىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئەسەر دەپ قارىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى ۋە ئەمەل قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

PDF
أيغوري

ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين

dropdown-icon-5 ئىماننىڭ ئاساسلىرى

ئىماننىڭ ئاساسلىرى، ناملىق بۇ كىتاپ مەشھۇر ئالىم ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىننىڭ بولۇپ، ياش تەرجىمان دىنى زىيالىي نىزامىددىن تەمكىنى ئەپەندىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاپ ئىسلام دۇنياسىدا، ئەقىدە توغرىسىدا يېزىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى كىتابچە دەپ قارىلىدۇ. بۇ كىتابتا، ئاللاھغا توغرا رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش، پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر، ساماۋى كىتابلار، ئاخىرەت كۈنى، تەقدىر... قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە قانداق ئىمان كەلتۇرىشىمىز كېرەكلىكىنى قۇرئان ھەدىس ۋە ئەقلى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

PDF
أيغوري

ئابدۇراھمان ئىبنى ناسىر ئەلسەئدى

dropdown-icon-5 بەختلىك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پايدىلىق چارىلار

بەختلىك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پايدىلىق چارىلار ناملىق بۇ ئەسەردە، كىمكى ھاياتىدا بۇنى تەتبىقلىسا گۈزەل ھايات ۋە كەڭرىچىلىك تۇرمۇشقا ئېرىشسە، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلەرنىڭ ھاياتى ئۈمىدسىزلىك ۋە ئىزتىراپلىق ئىچىدە ئۆتۈدىغانلىقىنى قۇرئان ۋە سۈننەت روھى ئاستىدا روشەن بايان قىلىپ بېرىدۇ.

DOC
أيغوري

ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز

dropdown-icon-5 ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن مۇھىم دەرسلەر

ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن مۇھىم دەرسلەر ناملىق بۇ رىسالىدە، ئاپتور چوڭ-كىچىك مۇھىم پىقھى مەسىلىلەرنى بايان قىلغاندىن باشقا، مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقلىنىشى كېرەك بولغان ئىسلامى ئەخلاقلارنى روشەن ئىپادىلەپ بېرىدۇ. چوڭ گۇناھلارنىڭ تۈرلىرى ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ خەتىرى، مۇسۇلمان ئىسلام دىنىنىڭ ھەممە تەرىپىگە ئەمەل قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىدۇ.

PDF
أيغوري

الفريق العلمي بجمعية خدمة المحتوى الإسلامي باللغات

dropdown-icon-5 ئىسلام‬ ‫قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى كۆرە ئىسلام توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە.‬‬‬‬

ئىسلام‬ ‫قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى كۆرە ئىسلام توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە.‬‬‬‬

PDF
أيغوري

ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز

dropdown-icon-5 قەبرىستانلىقتا مېيىت ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇش ۋە نەزىر قىلىش توغرىسىدا

بىزنىڭ يۇرتىمىزدا مۇسىبەت ئىگىلىرىدىن بىرقىسىم كىشىلەر قۇرئان ئوقۇيالايدىغان بەزى قارىلارنى قەبرىستانلىققا تەكلىپ قىلىپ قۇرئان ئوقۇتىدۇ، ئۇلار بۇ ئوقۇلغان قۇرئاننىڭ ئۆلگۈچىگە پايدىسى بولىدۇ ۋە ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلىنىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، بەزىلەر چوڭ ماتەم مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەيدۇ ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەتمە قۇرئان ئوقۇتىدۇ، ئىسلام دىندا بۇ ئىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟ قەبرىستانلىقتا ۋە باشقا جايلاردا ئوقۇلغان قۇرئاننىڭ ئۆلۈككە پايدىسى بولامدۇ؟ ئۆلۈككە پايدىسى يېتىدىغان توغرا ئىشلار قايسى؟ بىزگە بۇنىڭ توغرىسىنى كۆرسىتىپ بەرسىلە، ئاللاھ سىلەرگە زىيادە ساۋاپ ئاتا قىلسۇن، بىزمۇ سىلەرگە كۆپ رەھمەت تەشەككۈر ئېيتىمىز.

PDF
أيغوري

ئىمام مۇھيىددىن ئىبنى شەرەپ نەۋەۋى

dropdown-icon-5 ياخشىلارنىڭ باغچىسى

ياخشىلارنىڭ باغچىسى ناملىق بۇ كىتاپ ھەدىسشۇناس ئىمام مۇھيىددىن ئىبنى شەرەپىددىن نەۋەۋىنىڭ ئۈلۈغ خىزمەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ كىتاپ ئۆزىنىڭ ئاممىباپلىقى بىلەن كىشىلىك جەمىيەت، ئىجتىمائى تۇرمۇش، ئىبادەت قاتارلىق ئىنسان ھاياتىدا بىلىشگە تېگىشلىك بولغان مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىتاپ ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى رىياسەتچىلىكى ئاستىدا بىر گورۇپ دىنى زىيالىلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.

PDF
أيغوري

پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ

dropdown-icon-5 سۈننەتكە ئەگىشىپ بىدئەتتىن ھەزەر قىلايلى

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 29/7/1429 ھـ / 2008-يىلى 08-ئاينىڭ 01-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.بۇ خۇتبىدا، ئىسلام دىنىنىڭ بۈيۈك ئىككى ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى؛ ئۇ بولسىمۇ ھەممە ئىشنى ئىخلاس بىلەن خالىس ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق قىلىش كېرەكلىكى، بىدئەت بولسا شېرىكتىن كىيىنكى دىننى بۇزىدىغان، دىننىڭ ئاساسىنى تەۋرىتىۋىتىدىغان، ئۇممەتنى زالالەتكە باشلاش بىلەن بىرگە چېچىلاڭغۇ ھالەتكە كېلىپ قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدىغان چوڭ گۇناھلاردىن ئىكەنلىكى، بىدئەتچىلەرگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەكلىكى قاتارلىق بىدئەتكە دائىر مەسىلىلەردە تەپسىلى توختىلىدۇ.

DOC