يەتتە قات ئاسمان ئۈستىدىن ئاقلانغان ئايال
كاتوگورىيەلەر
Full Description
يەتتە قات ئاسمان ئۈستىدىن ئاقلانغان ئايال
[ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]
مۇنەۋۋەر بىنتى نېئمەتۇللاھ
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
2014 - 1435
المرأة التي برأها الله من فوق سبع سماوات
« باللغة الأويغورية »
منورة بنت نعمة الله
مراجعة: نـظام الدين تمكيني
2014 - 1435
يەتتە قات ئاسمان ئۈستىدىن ئاقلانغان ئايال
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمى مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
بارلىق ھەمدۇ-سانا ۋە مەدھىيە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ پاك ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن.
ئاللاھ تەرىپىدىن بۈيۈك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئىلىپ، ئىنسانىيەتنى كۇپرىنىڭ زۇلمىتىدىن ئىمان يورۇقلىقىغا، ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەتكە باشلىغۇچى پەيغەمبەرلەر بىلەن ئۆز قەۋمى ئوتتۇرىسىدا ھەق بىلەن باتىل كۆرۈشى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىش نەتىجىسىدە، ئىنسانلارنىڭ كۆپلىرى ھەقىقەتتىن باش تارتىپ ئۆز پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغاندىن سىرت، ھەرخىل يامان نام ئاتاقلار بىلەن تەرىپلەپ، ئۇلارنىڭ شان-شەرەپلىرىنى تۆكۈشكە، جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە ھۆرمىتىگە داغ تەگكۈزۈشكە ئۈزلۈكسىز ئۇرۇنغان.
جۈملىدىن پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن ئىلگىرى ئۆز قەبىلىسى ئىچىدە ئامانەتدار ۋە راستچىللىق بىلەن سۈپەتلىنىدىغان سۆيۈملۈك رەسۇلىمىزمۇ، «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەبۇد بەرھەق يوق، مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى» دېگەن سۆزنى ئاشكارا جاكارلىغاندىن كىيىن، قۇرەيش مۇشرىكلىرى تەرىپىدىن ساراڭ، يالغانچى، سېھرىگەر، كاھىن دېگەندەك بەتناملار بىلەن ھاقارەتلەنگەندىن سىرت، يەنە بىر تۈركۈم مۇناپىقلار تەرىپىدىن ئۇ زاتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، پاك ئائىلىسىنىڭ شان-شەرىپى ئېغىر ئەزىيەتكە دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ مۇسىبەت بولسا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر سىناقلارنىڭ بىرى ئىدى. بۇ، راستچىللار قورۇسىدا بىخلىنىپ، ئىمان سۇيى بىلەن سۇغۇرلۇپ، ۋەھيى ھۇجرىسىدا ئېچىلغان غۇنچە، سۆيۈملۈك رەسۇلىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئايالى، ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ گۈزەل مىنۇتلىرىنى ئۆتكۈزگەن ۋە خۇشاللىقلىرىغا جور بولغان، بىر قاچىدا ئۇنىڭ لېۋى تەككەن ئورۇندىن چاي ئىچكەن، خەدىچە ئانىمىزدىن قالسىلا كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر، داڭلىق ئەدىب، مەشھۇر ناتىق، كاتتا پەقىھ ۋە ئالىمە، رەسۇلۇللاھ ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى باشقىلار ئالدىدا بايان قىلغان، ئۆزى ۋە ئاتىسى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تولىمۇ سۆيۈملۈك بولغان «مۆمىنلەرنىڭ پەخرى ئانىسى»، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئانىمىزنىڭ شەرىپىگە قىلىنغان تۆھمەت ئىدى.
بۇ ۋەقە پەيغەمبىرىمىزنىڭ بەنى مۇستەلىق قەبىلىسىگە قىلغان يۈرۈشىدىن قايتىشىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئائىشە ئانىمىز (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرقېتىم سەپەرگە چىققاندا ئادىل بولۇش ئۈچۈن ئاياللىرى ئارىسىدا قۇرئە (يەنى چەك تاشلايتتى) سالاتتى، قۇرئە كىمگە چىقسا شۇ ئايالىنى سەپەرگە بىرگە ئىلىپ چىقاتتى. بۇ قېتىم قۇرئە ماڭا چىقىپ رەسۇلۇللاھقا ھەمراھ بولۇپ غازاتقا چىقتىم. بىز غازاتتىن قايتىپ مەدىنىگە يېقىن بىر قونالغۇدا ئارام ئىلىش ئۇچۇن چۈشكۈن قىلدۇق. ئۇ چاغلاردا ئاياللارنىڭ ئۇلاغدا راھەت ئولتۇرۇشى ئۈچۈن سەپەردە كاجۋا قوللىنىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوشۇننى ئۇ يەردىن كېچىدىلا قوزغىلىشقا بۇيرۇق بەردى. مەن بۇيرۇق بېرىلىپ بولغاندىن كىيىن، يول ئۇستىدە راھەتسىز بولماسلىقىمىز ئۈچۈن بىر نەچچە ئايال بىلەن ھاجىتىمىزنى ئادا قىلغىلى قوشۇندىن يىراقراق يەرگە باردۇق. بىز ھاجەتتىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، مەن بوينۇمدىكى ھېقىق مارجىنىمنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلدىم-دە، (ئۇ مارجان ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بولۇپ، ئائىشە ئانىمىز ئۇنىڭدىن ئارىيەت ئالغان ئىدى.) ئۇنى ئىزدەپ ھاجەتكە بارغان يەرگىچە بېرىپ، مارجىنىمنى تېپىپ كەلگىچە قوشۇن كېتىپ قاپتۇ. مەن ئۇ چاغلاردا ئونبەش ئون ئالتىنىڭ قارىسىنى ئالغان بولۇپ، ھەمدە ئورۇق ئىدىم. كاجۋىغا مەسئۇل كىشىلەر بولسا، كاجۋىنى تۆگە ئۈستىگە ئارتقاندا كاجۋىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن مېنىڭ يوقلىقىمنى ھېس قىلمىغان ئىدى. مەن، ئەگەر ئۇلار مىنىڭ يوقلۇقۇمنى سەزسە مېنى ئىزدەپ كېلىدۇ دەپ، شۇ يەردە ساقلاپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. مەن ئۇيقۇمدىن: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، بىز چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دېگەن قاتتىق بىر ئاۋاز بىلەن ئويغۇنۇپ كەتتىم، قارىسام ئۇ سەفۋان ئىبنى مۇئەتتەل دېگەن ساھابە ئىكەن. (بۇ ساھابىنى پەيغەمبىرىمىز قوشۇندىن چۈشۈپ قالغان، نەرسە-كېرەكلەرنى يىغىپ كېلىش ئۇچۇن ئورۇنلاشتۇرغان) ئۇ: بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالىغۇ؟!، دېدى. (ئۇ مېنى ھىجاپ پەرز بولۇشتىن ئىلگىرى كۆرگەن ئىدى). ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن ئۇنىڭدىن شۇ ئىككى ئېغىز سۆزدىن باشقا ھېچقانداق سۆز ئاڭلىمىدىم، مەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا رومىلىم بىلەن يۈزۈمنى ئورۇۋالدىم. ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇ تۆگىسىنى چۆكتۈردى، مەن تۆگىگە مىندىم ۋە قوشۇنغا يىتىشىۋالغۇچە قەدەر ئۇ تۆگىنى يېتىلەپ ماڭدى».
ئۇلار شۇ ماڭغانچە ئەتىسى چۈشتە قوشۇن دەم ئىلىشقا چۈشكۈن قىلغان يەرگە يىتىپ بارىدۇ. شۇ ئارىلىققىچە ئائىشە ئانىمىزنىڭ يوقلىقىنى ھېچكىم ھېس قىلمىغان ئىدى. ئائىشە ئانىمىزنىڭ سەفۋان ئىبنى مۇئەتتەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرگە كەلگەنلىكىنى كۆرگەن مۇناپىقلارنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي (ئۇ بۇرۇنمۇ بىر نەچچە قېتىم پەيغەمبىرىمىزگە يامان سۆزلەر بىلەن ئەزىيەت بەرگەن ئىدى)، بۇ ئىشنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە زەربە بېرىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق پۇرسەت ئىكەنلىكىنى سىزىپ، دەررۇ ئائىشە ئانىمىزنىڭ پاك ئىپپىتى ۋە ئېسىل نەسىبىگە، رەسۇلۇللاھنىڭ شان- شەرىپىگە ئىپلاس تىلىنى ئۇزۇتۇپ، ئائىشە ئانىمىز بىلەن سەفۋان ئىبنى مۇئەتتەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ توغرىسىدا يامان سۆزلەرنى تارقىتىدۇ.
شۇنداق؛ مۇناپىقلارنىڭ ھۆرمەت ۋە شەرەپ ئىگىلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىش يولىدا قوللانغان مېتۇدلىرىدا ئەزەلدىنلا ھېچقانداق ئىختىلاپ يوق بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى: كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر، يېتەكچىلىك ئىدىيىسىگە ئىگە، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ يۈز-ئابرويىنى تۆكۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى نوپۇزىنى چۈشۈرۈش، خەلقنىڭ ئۇلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇش، ئۇلارنى خەلقتىن ئايرىپ يېتىم قالدۇرۇش مەقسىتىدە پۇرسەت تاپسىلا ھېچقانداق ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرماستىن، خالىغان ماكان ۋە زاماندا خالىغان سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتى ۋە ماددى مەنپەئەتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشاتتى.
پىتنىخورلارنىڭ رەزىللىكلىرىدىن خەۋەرسىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىز، ئادەتتىكىدەكلە ئۆز كاجۋىسىغا قايتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىدا ھەممە ئىش مۇشۇنداقلا ئاددى تۈگىگەن ئىدى.
قوشۇن مەدىنىگە قايتقاندىن كىيىن ئۇزاق سەپەرنىڭ ئاسارىتىدىن چارچىغان ئائىشە ئانىمىز كېسەل بولۇپ يىتىپ قالىدۇ. بۇ چاغقىچە پەس نىيەتلىك ئىنسانلار ئۆزىنىڭ بارلىق رەزىللىكلىرىنى ئىشقا سىلىپ، سۆيۈملۈك رەسۇلىمىزنىڭ ئابرۇيىغا داغ تەككۇزۇپ، ھۆرمەتلىك شەرەپلىرىنى چۈشۈرۈش ۋە غۇرۇرىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ پاك ئەھلىيەسى ھەققىدە ئويدۇرۇپ چىقارغان تۆھمەتلىرىنى مەدىنە خەلقىنىڭ ئىچىدە تارقىتىدۇ. دەرۋەقە كىشىلەر ئۇ تۆھمەتلەرگە ئىشەنسۇن ياكى ئىشەنمىسۇن، ئەمما مەدىنىدە ئېغىزدىن -ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن ئاساسلىق باش تېما بولۇپ قالىدۇ.
ئائىشە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: «شۇنچە ئىشلار يۈز بەرسىمۇ مەن ئۇ ئىشلاردىن كىچىككىنىمۇ تۇيماپتىمەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسىدە باشقا ئۆزگىرىش ھېس قىلمىساممۇ، پەقەت بۇ قېتىم كېسىلىمگە تۇتقان پوزىتسىيىسى مېنى بىرئاز گۇمانغا سىلىپ قويغان ئىدى. ئۇ، بۇ قېتىم، ماڭا ھەرقېتىم كېسەل بولۇپ قالغىنىمدىكىدەك مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلماستىن بەلكى قېشىمغا كىرگەندە "قانداق ئەھۋالىڭلار" دەپ كۆپچىلىك قاتارىدا ئەھۋال سوراپ قوياتتى».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئىلگىرى بۇنداق سوغۇق مۇئامىلە كۆرمىگەن ئائىشە ئانىمىز، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ مۇئامىلىسىدىن تولىمۇ مەيۈسلەنگەن ئىدى. ئۇ بىر ئاز ياخشىلانغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇممۇ مېستەھ (ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھامما ئاچىسى) بىلەن ھاجەت ئۈچۈن (ئۇ چاغدا ئەرەبلەر ھاجەتكە ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنى ئۆيلىرىنىڭ يانلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەزىيەت ھېسابلىغانلىقى ئۈچۈن، ھاجەتكە ئائىلىكلەردىن يىراقراق جايلارغا باراتتى) تاشقىرىغا چىقىدۇ. قايتىشىدا مىستەھنىڭ ئانىسى ئېتىكىنى دەسسىۋېلىپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالىدۇ-دە ۋە "مىستەھ بىشىنى يېسۇن" دەيدۇ. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭغا ھەجەپمۇ يامان گەپ قىلدىڭىز، بەدرى غازىتىغا قاتناشقان بىر ئادەمنى شۇنداق تىللامسىز؟ دېدىم. ئۇ: ئى گۆدەك قىزىم! سىز ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلىمىدىڭىزمۇ؟، دېدى. ئۇنىڭدىن كىيىن بۆھتانچىلارنىڭ مېنىڭ ھەققىمدە قىلغان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەردى. مەن ئۇنىڭدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كېسىلىم تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. بۇ ئىشلارنى ئاتا-ئانامدىن ئېنىقلاش ئۈچۈن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىگە بېرىشقا رۇخسەت سورىدىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىجازەت بەردى.
مەن ئانامنىڭ قېشىغا كىرىپ: ئى سۆيۈملۈك ئانا! كىشىلەر كەينىمدىن سۆز-چۆچەك قىلىپ يۈرسە مېنى ھېچ خەۋەلەندۇرۇپ قويماپسزغۇ؟، دېدىم. ئانام: قىزىم ئۆزىڭىزنى بىلىۋېلىڭ! ئۆزى چىرايلىق، ئېرى ياخشى كۆرىدىغان ئايالنىڭ كەينىدە ھەسەتخورلا ھەرقىسما گەپلەرنى تارقىتىدۇ، دەپ ماڭا تەسەللى بەردى. ئەمما مەن شۇ كېچىسى تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر يىغلاپ چىقتىم، ياشمۇ توختىمىدى، ئۇيقۇممۇ كەلمىدى، يۇرەك باغرىم قۇرۇپ كەتكىدەك يىغلىدىم». بىر ئىپپەتلىك پاك ئايال ئۇچۇن ئۇنىڭ شەرىپىگە قىلىنغان تۆھمەتتىنمۇ ئارتۇق ئازاب بارمۇ؟؟؟.
بۇ ۋاقىتلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەرخىل ھۆكۈملەر توغرىسىدا ۋەھيى چۈشۈۋاتقان بولۇپ، بۇ ۋەقە يۈز بەرگىلى بىرەر ئاي بولۇپ قالغان بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن ئىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تولىمۇ غەمكىن بولغان ھالدا ئائىلىسىدىكىلەردىن، ئائىشە ئانىمىز ھەققىدە مەسلىھەت ئىلىش ئۈچۈن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق كىشىلەرنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن ئائىشە ئانىمىزدىن غەيرى ئەھۋاللارنى بايقىغان ياكى بايقىمىغانلىقىنى، ئائىشە ئانىمىزنىڭ شۇنداق ئىشنى قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار ياكى يوقلۇقىنى سورىغىنىدا، ئۇسامە ئىبنى زەيىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى رەسۇلۇللاھ! مەن سىزنىڭ ئەھلىيەڭىز ھەققىدە پەقەت ياخشىلىقتىن باشقىنى بىلمەيمەن، دەپ ئائىشە ئانىمىزنى مەدھىيىلەيدۇ. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى رەسۇلۇللاھ! مەنمۇ ئائىلىڭىز ھەققىدە ياخشىلىقتىن باشقىنى بىلمەيمەن، ئۆزىڭىزنى بۇنچە سىقىپ كەتمەڭ، سىزنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللىرىڭىزمۇ بار، ئەگەر خالىسىڭىز ئۇنىڭ خىزمەتچىسىدىن سوراپ باقسىڭىز، ئۇ ئارقىلىق ياخشى جاۋابقا ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن، دەپ مەسلىھەت بېرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە ئانىمىزنىڭ خىزمەتچىسى بەرىرە ئىسىملىك چۆرىنى چاقىرىتىپ: ئى بەرىرە! سەن ئائىشەدىن سېنى گۇمانغا سالىدىغان بىرەر ئىشنى كۆردۈڭمۇ؟، دەپ سورىۋىدى، بەرىرە: سىنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭدىن ياخشىلىقتىن باشقىنى كۆرمىدىم. پەقەت، ئۇنىڭ يېشى كىچىك بولغانلىقتىن نان قىلىش ئۇچۇن خېمىر قىلىپ ئۇنىڭغا ساقلاشقا بەرسەم، ئۇ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قىلىپ، خېمىرنى توخۇلارغا يىگۇزۇپ قويغاندىن باشقا سەۋەنلىكىنى ئۇقمايمەن، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
بارلىق ئائىلە ئەزالىرى بۇ پەزىلەتلىك ئانىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن باشقا ھېچقانداق خاتالىق كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتىشىپ گۈزەل تەرىپلەرنى قېلىشتى. مۇناپىقلار ھەر-قېتىم پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ئىش سەۋەبلىك غەمكىن، روھى چۈشكۈن ھالىتىنى كۆرگەندە، ئۆزلىرىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يەتكەنلىكلىرىنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن گۈلقەقەلىرى ئىچىلىپ كېتەتتى.
بۇ سۆز چۆچەكلەر مەدىنىدە بارغانسېرى ئەۋج ئىلىشقا باشلىدى ۋە بەزى كىشىلەر، ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتنى ياراتقاندىن تارتىپ تا شۇ كۈنگە قەدەر، ئۇ زاتتەك گۈزەل-ئەخلاق پەزىلەتتە، ئېسىل نەسەپتە، ئىككى دۇنيالىق شان-شەرەپتە ئۇنىڭ قۇردىشىنى ياراتمىغان، رەببىنىڭ نەزىرىدە ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ پاك ئىززىتى، ئېسىل شەرىپى ھەققىدىكى بۆھتانلارنى قىلچە ھېيىقماستىن تىلغا ئىلىپ، ئۆز-ئارا كۆچۈرۈپ يۈرۈشكە جۈرئەت قىلغان ئىدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ، ئىككى ئالەمنىڭ سەردارى بولغان رەھمەت پەيغەمبىرىگە ھەرگىزمۇ گۇناھ-مەسىيەت ۋە پىسق-پۇجۇر بىلەن پەيغەمبىرىنىڭ شەنىنى بۇلغايدىغان بىر ئايالنى ئۇنىڭغا جورا قىلىپ تاللىمايدىغانلىقىنى، پەيغەمبىرىگە تاللىغان ئايالنىڭ شۇ زاماندىكى ئېسل نەسەبلىك، ھۆرمەتلىك كىشىلەرنىڭ قىزلىرى بولغانلىقى ۋە پەيغەمبەرگە مۇناسىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆز ئىرادىسى بىلەن تاللىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئويلىمىغان ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿الْخَبِيثَاتُ لِلْخَبِيثِينَ وَالْخَبِيثُونَ لِلْخَبِيثَاتِ، وَالطَّيِّبَاتُ لِلطَّيِّبِينَ وَالطَّيِّبُونَ لِلطَّيِّبَاتِ﴾ تەرجىمىسى: «يامان ئاياللار يامان ئەرلەرگە لايىقتۇر، يامان ئەرلەر يامان ئاياللارغا لايىقتۇر، ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر، ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر.» [سۇرە نۇر 26-ئايەت]
ئەزىز قېرىندىشىم! سۆيۈملۈك رەسۇلىڭىزنىڭ بۇ چاغدىكى ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟!. يېشى ئاتمىشقا يېقىنلىشىپ قالغان، پۈتكۈل ئۈممەت غېمىنى ئۈستىگە ئالغان، بىر تەرەپتىن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، تۇل ئايال، ئاچ-يالىڭاچلارنىڭ غېمى، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارامسىزلىق پەيدا قىلىشى قاتارلىقلارغا قوشۇلۇپ، ئۇ زاتنىڭ مۇبارەك خانىدانىدىكى خاتىرجەملىك ئورنىنى مۇناپىقلارنىڭ ئەزىيىتى قاپلىغان ئىدى.
سۆيۈملۈك رەسۇلىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەلقنىڭ ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بۇ پىتنىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن قەدەملىرىنى ئېغىر باسقان ھالدا مۇنبەرگە چىقىدۇ، ۋە: (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنبەرگە ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى خەۋەر بېرىش ئۈچۈنلا چىقاتتى) «ئى مۇسۇلمانلار گۇرۇھى! ئەزىيىتى ئائىلەمگىچە يەتكەن كىشىنىڭ ئەزىيىتىدىن كىم مېنى قوغداپ قالىدۇ؟، (رەسۇلۇللاھ بۇ يەردە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەينى كۆزدە تۇتقان ئىدى.) كىم مېنى ئۇنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلايدۇ؟، مەن ئەھلىيەم ھەققىدە ياخشىلىقتىن باشقىنى ئاڭلىمىدىم،» دەيدۇ. سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئورنىدىن تۇرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇنىڭدىن سەن ئۈچۈن مەن ئىنتىقام ئالىمەن. ئەگەر ئۇ ئەۋىس قەبىلىسىدىن بولسا ئۇنىڭ گەدىنىگە قىلىچ بىلەن ئۇرىمەن. ئەگەردە ئۇ خەزرەج قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن بولسا، سەن بىزگە قانداق بۇيرۇق بەرسەڭ، بىز سەن بۇيرۇغاندەك ئورۇندايمىز، دېدى. ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، خەزرەج قەبىلىسىنىڭ قەبىلە باشلىقى سەئىد ئىبنى ئۇبادە (ئەسلىدە بۇ كىشى تەقۋادار سالىھ كىشى بولۇپ، بۇرۇن بۇ ئىككى قەبىلە ئارىسىدا توقۇنۇش يۇز بەرگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى قەبىلىنى ياراشتۇرۇپ قويغان) ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! سەن ئۇنى ئۆلتۈرەلمەيسەن، ئۆلتۈرىمىز دەپمۇ پېتىنالمايسەن، دېدى. ئۇسەيد ئىبنى ھۇزەير ئورنىدىن تۇرۇپ سەئىد ئبنى ئۇبادىگە: يالغان سۆزلەيسەن، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى! ئەلۋەتتە ئۆلتۈرىمىز دېيىشىپ، بۇ ئىككى قەبىلە ئۆز-ئارا گەپ تالىشىپ قالىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇلارنى تىنچىتىپ تارقىلىپ كېتىشكە بۇيرۇغاندىن كىيىن، بۇ مەسىلىنى ئائىشە ئانىمىز بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ يول ئالىدۇ. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: «مەن كىچە-كۈندۈز توختىماي يىغلاۋاتاتتىم. ئاتا-ئانام يىغىنىڭ مېنى نابۇت قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلار يېنىمدىن كەتمەيتتى. شۇ پەيىتتە ئەنسارىلاردىن بولغان بىر ئايال كېرىشكە ئىجازەت سورىدى، مەن ئۇنىڭغا رۇخسەت بەردىم. ئۇ مېنىڭ ئەھۋالىمنى كۆرۈپ مەن بىلەن بىرگە قوشۇلۇپ يىغلاشقا باشلىدى. شۇ ئەسنادا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېرىپ كەلدى-دە، سالام بەرگەندىن كىيىن بىزنىڭ قېشىمىزغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇ ماڭا بۆھتان چاپلانغاندىن بىرى مېنىڭ قېشىمدا ئولتۇرۇپ باقمىغان ئىدى. مەن بەدەنلىرىمنى كۆتۈرگۈدەك ماغدۇرۇم يوق ھالسىز ياتاتتىم. رەسۇلۇللاھ شۇنداق بىر سۆز قىلدىكى، ئۇ سۆزنىڭ تەسىرىدىن پۈتكۈل جىسمىم تىترەپ كەتتى. ئۇ، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتقاندىن كىيىن: "ئى ئائىشە ئەگەر سەن پاك بولساڭ، ئاللاھ تائالا سىنى ئاقلايدۇ، ئەگەر گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولساڭ، ئاللاھدىن گۇناھىڭنى كەچۈرۈم قىلىشىنى تىلەپ ئۇنىڭغا تەۋبە قىل، چۈنكى بەندە ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىپ تەۋبە قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ". دېۋىدى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، كۆز ياشلىرىم قۇرۇپ بىر تاراممۇ ياش چىققىنىنى ھېس قىلمىدىم».
ئائىشە ئانىمىز بۇ سۆزلەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئىشتا ئېھتىماللىق قويۇپ قويغانلىقىنى، ئۆزىنى ئاقلاشنىڭ ھېچقانداق ئىمكانىيىتى يوقلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن دادامغا: مىنىڭ ئورنۇمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سىز جاۋاپ بېرىڭ، دېدىم. دادام: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى! مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن، دېدى. ئانامغا: مىنىڭ ئورنۇمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سىز جاۋاپ بىرىڭ، دېدىم. ئانام: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى! مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن، دېدى. مەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى! مەن سىلەرنىڭ بۇ سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا كۆڭلۈڭلەردە ئىشەنگىنىڭلارنى بىلدىم. ئەگەر مەن سىلەرگە مەن پاك دېسەم (ئەلۋەتتە ئاللاھ مېنىڭ پاكلىقىمنى بىلىدۇ)، سىلەر ماڭا ئىشەنمەيسىلەر. ئەگەر مەن سىلەرگە مەن ئۇ ئىشنى قىلدىم دېسەم (ئاللاھ مېنىڭ ئۇ ئىشنى قىلمىغانلىقىمنى بىلىدۇ)، سىلەر بۇنىڭغا ئىشىنىسىلەر. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى! مەن سىلەرگە دېگىلى، يۇسۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسى ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ: ﴿فَصَبْرٌ جَمِيلٌ ۖ وَاللَّـهُ الْمُسْتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ﴾ تەرجىمىسى: «مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋىر قىلىمەن. سىلەرنىڭ (مۇشۇ يالغان) سۆزۇڭلارنى كۆتۈرۈشۈمگە ئاللاھ مەدەتكاردۇر،» دېگەن سۆزىدىن باشقا سۆز تاپالمايمەن، دېدىم-دە، ياغلىقىم بىلەن يۈزۈمنى ئورىغان پىتىم بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم.
ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن قوزغالماستا ھەتتا ئۆيدىكىلەرنىڭ بىرەرسىمۇ ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدا ھەرقېتىم ۋەھيى نازىل بولغاندا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر يۈز بېرىشكە باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى نازىل بولۇۋاتقاندا ئۇ ناھايىتى قاتتىق تەرلەپ كېتەتتى. ۋەھيى چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇشاللىقىدىن: "ئى ئائىشە خۇش-بىشارەت ئالغىن، ئاللاھ سىنىڭ پاكلىقىڭنى ئىسپاتلىدى،" دېدى. ئانام: قىزىم تۇر ئورنىڭدىن!، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت ئېيتقىن، دېدى. مەن: ياق، ئاللاھتىن باشقا كىمسىگە رەھمەت ئېيتمايمەن. مىنى ئاقلىغان، مىنىڭ پاك ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلىغان ئۇلۇغ رەببىمگە ھەمدۇ-سانا ئېيتىمەن،» دېدىم.
ئائىشە ئانىمىز تولىمۇ كەمتەرلىك بىلەن: «مەن ئاللاھنىڭ مىنى ئاقلايدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئەمما ئۆزۈمنى داۋاملىق تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدىغان ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنىشىمدىن تولىمۇ تۆۋەن دەپ قارايتتىم. بەلكى رەسۇلۇللاھنىڭ بىرەر چۈش كۆرۈشى ئارقىلىق، مەزكۇر تۆھمەتتىن پاك ئىكەنلىكىمنىڭ ئىسپاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم،» دەيدۇ.
ئاللاھ تائالا سۈرە نۇرنىڭ بېشىدا زىنا ۋە زىناخورلارغا ئىلىپ بېرىلىدىغان جازالارنى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان كىشىنىڭ سۆزىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۆت نەپەر گۇۋاھچى كەلتۈرۈشى ۋە ئەگەر گۇۋاھچى كەلتۈرەلمىسە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازا، ئاياللىرىنى زىنا بىلەن قارىلىغانلارنىڭ گۇۋاھچى كەلتۈرەلمىگەنلەرگە سۆزلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۆزىگە لەنەت ئېيتىشى توغرىسىدىكى ھۆكۈملەرنى بايان قىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئائىشە ئانىمىزنىڭ پاكلىقىنى، مۇناپىقلارنىڭ يالغانچىلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن 11-ئايەتتىن 19-ئايەتكىچە ئايەتلەر نازىل بولدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الَّذِينَ جَاءُوا بِالْإِفْكِ عُصْبَةٌ مِّنكُمْ ۚ لَا تَحْسَبُوهُ شَرًّا لَّكُم ۖ بَلْ هُوَ خَيْرٌ لَّكُمْ ۚ لِكُلِّ امْرِئٍ مِّنْهُم مَّا اكْتَسَبَ مِنَ الْإِثْمِ ۚ وَالَّذِي تَوَلَّىٰ كِبْرَهُ مِنْهُمْ لَهُ عَذَابٌ عَظِيمٌ . لَّوْلَا إِذْ سَمِعْتُمُوهُ ظَنَّ الْمُؤْمِنُونَ وَالْمُؤْمِنَاتُ بِأَنفُسِهِمْ خَيْرًا وَقَالُوا هَـٰذَا إِفْكٌ مُّبِينٌ . لَّوْلَا جَاءُوا عَلَيْهِ بِأَرْبَعَةِ شُهَدَاءَ ۚ فَإِذْ لَمْ يَأْتُوا بِالشُّهَدَاءِ فَأُولَـٰئِكَ عِندَ اللَّـهِ هُمُ الْكَاذِبُونَ . وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّـهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ لَمَسَّكُمْ فِي مَا أَفَضْتُمْ فِيهِ عَذَابٌ عَظِيمٌ . إِذْ تَلَقَّوْنَهُ بِأَلْسِنَتِكُمْ وَتَقُولُونَ بِأَفْوَاهِكُم مَّا لَيْسَ لَكُم بِهِ عِلْمٌ وَتَحْسَبُونَهُ هَيِّنًا وَهُوَ عِندَ اللَّـهِ عَظِيمٌ . وَلَوْلَا إِذْ سَمِعْتُمُوهُ قُلْتُم مَّا يَكُونُ لَنَا أَن نَّتَكَلَّمَ بِهَـٰذَا سُبْحَانَكَ هَـٰذَا بُهْتَانٌ عَظِيمٌ . يَعِظُكُمُ اللَّـهُ أَن تَعُودُوا لِمِثْلِهِ أَبَدًا إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ . وَيُبَيِّنُ اللَّـهُ لَكُمُ الْآيَاتِ ۚ وَاللَّـهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ . إِنَّ الَّذِينَ يُحِبُّونَ أَن تَشِيعَ الْفَاحِشَةُ فِي الَّذِينَ آمَنُوا لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۚ وَاللَّـهُ يَعْلَمُ وَأَنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ﴾ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم (ئائىشەگە) بوھتان چاپلىدى. بۇ سىلەر ئۈچۈن يامان ئەمەستۇر، (سەۋر قىلغانلىقىڭلار بىلەن ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ۋە ئائىشە، سەفۋانلارنىڭ پاكلىقى ئاشكارا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن) بەلكى ياخشىدۇر، بوھتان چاپلىغۇچىلاردىن كىمنىڭ قانچىلىك گۇناھى بولسا، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك جازا بېرىلىدۇ، بوھتاننىڭ چوڭ قىسمىنى تارقاتقان ئادەم (يەنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. بوھتاننى ئاڭلىغان چاغلىرىڭلاردا ئەر - ئايال مۆمىنلەر نېمىشقا ئۆزلىرىنى ياخشى دەپ قاراپ، بۇ ئېنىق بوھتان دېمىدى؟. ئۇلار نېمىشقا تۆت نەپەر گۇۋاھچىنى كەلتۈرمىدى؟ گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرەلمىگەن ئىكەن، ئۇلار ئاللاھ نىڭ نەزىرىدە يالغانچى ھېسابلىنىدۇ. سىلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھ نىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، بوھتان چاپلىغىنىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە چوڭ ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار. ئۆز ۋاقتىدا بوھتاننى تىلىڭلار بىلەن تارقاتتىڭلار، بىلمەيدىغان نەرسەڭلارنى ئېغىزىڭلارغا ئالدىڭلار، ئۇنى سەل چاغلىدىڭلار، ھالبۇكى، ئاللاھ نىڭ نەزىرىدە، ئۇ چوڭ گۇناھتۇر. ئۇنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، نېمىشقا مۇنداق سۆزلەرنى قىلىش بىزگە مۇناسىپ ئەمەس، (ئى ئاللاھ!) سەن پاكتۇرسەنكى، بۇ چوڭ بوھتاندۇر دېمىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇكى، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ھەرگىز قايتا مۇنداق سۆزلەرنى قىلماڭلار. ئاللاھ سىلەرگە (شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ۋە گۈزەل ئەدەب - ئەخلاقلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلەرنى بايان قىلىدۇ، ئاللاھ (بەندىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، (تەدبىر قوللىنىشتا ۋە شەرىئىتىنى بەرپا قىلىشتا) ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. مۆمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ، ئاللاھ (سىرلارنى ۋە نىيەتلەرنى) بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.» [سۈرە نۇر 11-ئايەتتىن 19-ئايەتكىچە].
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! سىز ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿لَا تَحْسَبُوهُ شَرًّا لَّكُم ۖ بَلْ هُوَ خَيْرٌ لَّكُمْ﴾ تەرجىمىسى: «بۇ ئىشنى سىلەر يامان ھېسابلىماڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن خەيرلىكتۇر» دېگەن بۇ ئايىتىدىن تولىمۇ ئەجەبلەنگەن بولىشىڭىز، شۇنداقلا، زېھنىڭىزدە، بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ سەردارى جانابى رەسۇلۇللاھنىڭ شان-شەرپى ۋە ئىززەت-ئابرۇيىغا، ئىپپەتلىك نومۇسچان ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئار-نومۇسىغا، سىددىقلار ئائىلىسىنىڭ ئېسىل نەسىبىگە تاقىشىدىغان ئىش تۇرسا، بۇنىڭدا قانداقمۇ خەيرلىك بولسۇن!؟ دېگەندەك سوئال تۇغۇلىشى مۇمكىن. توغرا، بۇ ئىززەت-ئابروي، شان-شەرەپكە چېتىلىدىغان مۇھىم بىر ۋەقە، ئەمما ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زات ئۇلۇغ ئاللاھ مەزكۇر ۋەقەلىكنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە نۇرغۇنلىغان ھېكمەت ۋە ھەقىقەتلەرنى يوشۇرغان بولۇپ، بۇ ھادىسە ئارقىلىق؛ ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئىچىپ، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرلىرىدا تۇرۇپ، ئىسلامنى داۋا قىلىپ، جەڭ مەيدانلىرىدا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆرەش قىلغان ھالەتتىمۇ قەلبى بىلەن تىلىنىڭ بىر ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ، ئىماندا راستچىللار بىلەن يالغانچىلارنىڭ سېپىنى ئايرىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەرقانداق ئىش ۋە سۆزنى ئۆز خاھىشى بىلەن قىلمايدىغانلىقى ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا بىلدۈرگەن غەيبى ئىشلاردىن باشقا غەيبقا ئالاقىدار ئىشلارنى بىلمەيدىغانلىقى قاتارلىق ھېكمەتلەرنى نامايەندە قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھ تائالا ئائىشە ئانىمىز بىلەن سەفۋان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تۆھمەتكە سەبىر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پاكلىقى قىيامەتكىچە قۇرئان كەرىم تىلاۋەتلىرىدە زىكىر قىلىنىشىنى، ھەتتا ئائىشە ئانىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ پاك شەرىپىنى ھىمايە قىلىشنى ئىرادە قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. (ئۆلىمالار زامانىمىزدىكى شىيئەلەرنىڭ ئائىشە ئانىمىزغا ھەرخىل بۆھتانلارنى چاپلاپ ھاقارەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئاشۇرا كۈنىدىكى ئۆز-ئۆزىنى ئۇرۇپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈشى، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ئىلاھي جازا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.)
ئاللاھ تائالا: كىمكى بۇ تۆھمەتكە قايتسا (يەنى ئائىشە ئانىمىزغا قايتا بۆھتان چاپلىسا ياكى مەزكۇر گۇمانغا قايتسا) ئۇنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يۇقىرىدىكى ئايەتتە بايان قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ ھەقىقەت ئاللاھ تەرىپىدىن ئايدىڭلاشتۇرۇلغاندىن كىيىن، تۆھمەت تارقاتقۇچىلاردىن: مېستەھ، ھەسسان ئىبنى سابىت، ھەمىنە قاتارلىقلار ئۆز گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا شەرئى جازا ئىجرا قىلىنىدۇ. (يەنى 80 دەررە ئۇرۇلۇپ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنغان.) ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي قاتارلىق پەردە ئارقىسىدا رەسۇلۇللاھقا ئەزىيەت بېرىشكە يېتەكچىلىك قىلغان بىرنەچچە كىشىلەر، ئۆز گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلماي تىنىۋالغانلىقلىرى ئۈچۈن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆپ سۈرۈشتە قىلماستىن، ئۇلارنىڭ جازاسىنى ئاللاھقا قويۇپ قويىدۇ. قۇرئان كەرىمدە تۆھمەتنىڭ باش تاراتقۇچىسى بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەينىڭ مەزكۇر قىلمىشلىرى تۈپەيلى قىيامەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى زىكىر قىلىپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالَّذِي تَوَلَّىٰ كِبْرَهُ مِنْهُمْ لَهُ عَذَابٌ عَظِيمٌ﴾ تەرجىمىسى: «بوھتاننىڭ چوڭ قىسمىنى تارقاتقان ئادەم (يەنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.» [سۈرە نۇر 11-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
شۇنداق قىلىپ، بىر ئاي سۈرۈلگەن بۇ مۇدھىش كۈنلەر ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ۋەھيى ئارقىلىق ئىسپاتلانغاندىن كىيىن، ھەقىقەت يۈزىنى قاپلىغان تۇمان، ئاستا-ئاستا سۈزۈلۈشكە باشلايدۇ. پۈتكۈل مەدىنە خەلقى بىر مەزگىللىك ئېغىر ئىمتىھاندىن كىيىن چەكسىز خۇشاللىققا چۆمىدۇ.
ئۇلۇغ ئاللاھ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ مۇبارەك ئائىلىسىنى، سىددىقلار ئائىلىسنى مۇناپىقلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداپ، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى تېخىمۇ ئۈستۈن قىلىش بىلەن بىرگە بارلىق مۆمىنلەرگە ئال-بەيتنىڭ شەرىپىنى ھىمايە قىلىش ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەشنىڭ ئىماننىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى، رەسۇلۇللاھنىڭ شەرىپىنى قوغداش ئارقىلىق ئۇنىڭغا بولغان ئىمان مۇستەھكەملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پۈتكۇل ئىنسانىيەتكە بۈيۈك دەرس بەرگەن.
ئۇلۇغ ئاللاھ ھۆرمەتلىك ئائىشە ئانىمىزدىن رازى بولسۇن.