×
بەزى كىشىلەر بازارلاردا بىزدىن سەدىقە پىتىرنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلار دىندار كىشىلەرمۇ -ئەمەس، بىز بۇنى بىلمەيمىز، بەزىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى ناھايىتى پۇزۇر سەدىقە ئىلىپ ئائىلە - بالىلىرىغا خىراجەت قىلىدۇ، بەزى مائاشلىق ئاتالمىش مۇسۇلمانلارغا تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارغا سەدىقە پىتىرنى بەرسەك بولامدۇ؟

 پىتىر سەدىقىسى كىملەرگە بېرىلىدۇ؟

 لمن تدفع زكاة الفطر

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۈمتىتى

اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء والدعوة والإرشاد

پىتىر سەدىقىسى كىملەرگە بېرىلىدۇ؟

27006- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

بەزى كىشىلەر بازارلاردا بىزدىن سەدىقە پىتىرنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلار دىندار كىشىلەرمۇ -ئەمەس، بىز بۇنى بىلمەيمىز، بەزىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى ناھايىتى پۇزۇر سەدىقە ئىلىپ ئائىلە - بالىلىرىغا خىراجەت قىلىدۇ، بەزى مائاشلىق ئاتالمىش مۇسۇلمانلارغا تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارغا سەدىقە پىتىرنى بەرسەك بولامدۇ؟

جاۋاپ:  

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

سەدىقە پىتىر كەمبەغەل مۇسۇلمانلارغا بېرىلىدۇ گەرچە ئۇلاردا بەزەن گۇناھ - مەسىيەتلەر تېپىلسىمۇ بۇ گۇناھ-مەسىيەت ئۇلارنى ئىسلامدىن چىقىرىۋەتمەيدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشتە سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قارىلىدۇ، مۇمكىن بولسا سەدىقە پىتىرنى دىندار كەمبەغەللەرنى تېپىپ بېرىش كېرەك، ئەگەر كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى بىلمەي كەمبەغەل ئىكەن دەپ ئىقتىسادى ياخشى كىشىلەرگە بېرىپ قالغان بولسا بۇمۇ دۇرۇس بولىدۇ، بەرگۈچىنىڭ زىممىسىدىن مەجبۇرىيەت ئادا بولىدۇ. (ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۈمتىتى پەتىۋا مەجمۇئەسىدىن ئىلىندى).

ئاللاھ  ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.