×
Image

دۇئانىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

«دۇئانىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ماقالىدا دۇئانىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدا نەقەدەر مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى، دۇئا ئېجابەت بولۇشنىڭ شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭغا زېت ئامىللار، دۇئانىڭ ئىنسان ھاياتىغا بولىدىغان تەسىرى ۋە ئۇنىڭ ئېجابەت بولىدىغان ئەڭ مۇناسىپ ۋاقىتلار ...قاتارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە ھەدىس بىلەن ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

Image

ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىڭىزنى تونۇۋىلىڭ! - (ئۇيغۇرچە)

قەدىمقى زامان دىن دۇشمەنلىرى بىلەن ھازىرقى زامان دىن دۇشمەنلىرىنىڭ ئۈلۈغ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆبرازىنى خۇنىكلاشتۇرۇشتا قوللانغان ۋەسىلىلىرىنىڭ سىلىشتۇرمىسى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزى يازغۇچىلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدە دىگەنلىرى ھۆزۇرۇڭلاردا.

Image

روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار - (ئۇيغۇرچە)

روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار ناملىق بۇ رىسالىدە، رامىزان روزىسى ۋە نەپلە روزىلارغا دائىر بولغان بارلىق ئەھكاملار، روزىنىڭ ۋاجىب ۋە شەرتلىرى، سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرى، تەراۋىھ نامىزى، ئېتىكاپ ۋە سەدىقە پىتىر قاتارلىق رامىزان ئېيىدىكى مۇھىم ئەمەللەرنى قۇرئان سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالدا تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

Image

دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار - (ئۇيغۇرچە)

«دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار» ناملىق بۇ كىتابچىدا، ئاپتور ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ۋە يولغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلىلەرنى، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىنىڭ قولايلىق بولىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان218 سوئال ۋە جاۋابنى، سوئال-جاۋاب شەكلىدە تەييارلاپ ھۆزۈرۈڭلارغا تەقدىم قىلدى.

Image

ئىبادەت بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتى - (ئۇيغۇرچە)

«ئىبادەت بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە ئەخلاق ھەققىدە ئومۇمى چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، گۈزەل ئەخلاقنىڭ شەرئىي ئىبادەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى، ئەخلاقنىڭ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولى، مۇسۇلمان رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ھاياتىدا ئۆرنەك قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلارنى ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنىدۇ.

Image

ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى - (ئۇيغۇرچە)

«ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى» بۇ قوللانما ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان كىتاپلارنىڭ بىرىدۇر.ھەج مەۋسۇمىنىڭ يېقىنلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيىتىنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا تاماملىشىنى كۆزدە تۇتۇپ تور بېكىتىمىزدە بۇ قوللانمىنى ئېلان قىلدۇق. بۇ قوللانمىدا، ھەج ۋە ئۆمرىنىڭ پەرز ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرى،....

Image

بەدەل ھەجنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى - (ئۇيغۇرچە)

بەدەل ھەجنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى ناملىق بۇ ئەسەردە، ئاپتور ھەج ۋە ئۆمرە ئىبادىتىنىڭ پەزىلىتى، بەدەل ھەجنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرىنى بايان قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، شۇنداقلا ئۇيغۇر ھاجىلىرى ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان بەدەل ھەج تىجارىتىنىڭ يىلدىن-يىلغا راۋاجلىنىشى، ئىبادەتنىڭ مىللىتىمىز ئارىسىدا تىجارەتكە ئايلىنىشى قاتارلىقلارنى قۇرئان- ھەدىسنىڭ نۇرى ئاستىدا مەزكۇر مەسىلىنىڭ خەتىرىنى روشەن....

Image

خۇشۇئ نامازنىڭ جىنىدۇر - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا، "خۇشۇئ " نىڭ مەنىسى ۋە ئۇنىڭ شەرئى ھۆكمى، "خۇشۇئ " نىڭ پەزىلىتى، نامازخان ھاياتىدا "خۇشۇئ " نىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنى قۇرئان، سۈننەت ۋە سەلەپ-سالىھلارنىڭ خۇشۇئ چۈشەنچىسىدىن دەلىللەپ ئوقۇرمەنلەرگە بۇ مەسىلىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

دىن ۋە ھايات - (ئۇيغۇرچە)

«دىن ۋە ھايات» ناملىق بۇ ئەسەر 2000 سوئال ۋە جاۋابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاپتۇر ئەسىرىدە تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتى ۋە تۈرلىرى، ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى، ئىسلام دىنىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭدىكى كەڭرىچىلىك، رەسۇلۇللاھنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، ئائىلە تۇزۇمى ۋە پەرزەنت تەربىيىسى قاتارلىق ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ بېلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان دىنى، ئىجتىمائى، سىياسى ۋە ئىقتىسادى،....

Image

قىز-خانىملارنىڭ رامىزاندىكى ئەڭ مۇھىم ئەمەللىرى - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا مۇسۇلمان قىز-خانىملارنىڭ ئائىلىدىكى رولى، ئىبادەت مەۋسۇملىرىدىكى ئەھمىيىتى، ئېرى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ روزا، تەھەججۈد نامازلىرىنى خاتىرجەم ئادا قىلىشى ئۈچۈن قانداق ياردەمدە بولىدىغانلىقى، ئاللاھقا بوي سۇنۇش، ئېرىگە ئىتائەت قىلىش، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنى يەتكۈزۇش، كەمبەغەل-يوقسۇللارغا ھېسداشلىق قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا قانداق قىلغاندا ئائىلىسىدە چاقنىغان يۇلتۇز بولۇپ ئاللاھ رازىلىقىنى قازىنىشتا ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالايدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلى....

Image

قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئەدەپ ۋە پەزىلەتلىرى - (ئۇيغۇرچە)

«قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئەدەپ ۋە پەزىلەتلىرى» ناملىق بۇ ماقالىدا ، قۇرئان ئوقۇغۇچىنىڭ، قۇرئان ئوقۇغاندا نېمە ئىشلارغا ئەمەل قىلىشىنىڭ كېرەكلىكى ، قۇرئان ئوقۇش ۋە ئۇنى يادلاشنىڭ پەزىلىتى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بىلىشى مۇھىم دەپ قارالغان قۇرئانغا دائىر بەزى مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە ھەدىس بىلەن ئىسپاتلاپ ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق ۋە ئېخچام ھالدا يورۇتۇپ بىرىدۇ.

Image

فىتىر سەدىقىسى ھەققىدە - (ئۇيغۇرچە)

«فىتىر سەدىقىسى ھەققىدە» ناملىق بۇ ماقالىدا ،ئىسلام شەرىئىتىدە فىتىر سەدىقىسىىنىڭ قاچان يولغا قويۇلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت،ئۇنىڭ كىملەرگە بىرىلىدىغانلىقى ۋە مىقدار ئۆلچىمى...قاتارلىق فىتىر سەدىقىسىگە ئائىت ھۆكۇملەرنى تەپسىلى بايان قىلىدۇ.