×
Image

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىم؟ - (ئۇيغۇرچە)

«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىم؟» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە كېلىپ چېقىشى، دۇنياغا كېلىشى ۋە ۋەھيى چۈشۈشتىن ئىلگىرىكى ھاياتى، ئەخلاقى ۋە پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىنكى دىنى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى، ھىجرەت ۋە غازاتلىرى، دىن تارقىتىش يولىدا تارتقان ئەزىيەتلىرى ۋە سەۋرچانلىقى، ۋاپاتى قاتارلىق ئۇ زاتنىڭ ھاياتىغا ئائىت ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار mp3 پورماتى بىلەن ھوزۇرۇڭلاردا.

Image

ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر - (ئۇيغۇرچە)

«ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى، ياشلىق دەۋرى، ئۆز قەۋمىنى ھىدايەتكە چاقىرىشى، ئاللاھنىڭ ئۇنى ئۆز دەرگاھىغا كۆتۈرۈشى، ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى باتىل كۆز قاراشلارغا قۇرئان ۋە سۈننەتتىن دەلىللىك جاۋاپ بېرىش بىلەن بىرگە، خىرىستىئانلارنىڭ كىتابلىرىدىكى زىتلىقلارنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلاھ بولماستىن بەلكى....

Image

قانداق قىلسام تاھارەت ۋە نامازنى ساغلام ئادا قىلالايمەن - (ئۇيغۇرچە)

«قانداق قىلسام تاھارەت ۋە نامازنى ساغلام ئادا قىلالايمەن» ناملىق بۇ لېكسىيە، نامازنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە ئىنسان ھاياتىغا بولىدىغان تەسىرى، نامازنى قەستەن تەرك قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى، تاھارەت ئىلىش ۋە نامازنى توغرا ئادا قىلىش قاتارلىق، نامازغا ئائىت مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

Image

نامازنىڭ ئەھمېيىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

نامازنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى، بۇ لېكسىيە مەرھۇم ئابدۇرىشىت مەخسۇم ھاجىمنىڭ جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ لېكسىيەدە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى توغرىسىدا قىسقا چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، نامازنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە ھېكمىتى ھەققىدە نوختىلىق توختىلىدۇ.

Image

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرلۇق ھاياتى - (ئۇيغۇرچە)

«ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرلۇق ھاياتى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ياشلىق دەۋرى، ئۆز قەۋمىنى ھىدايەتكە چاقىرىشى ۋە بۇتلارنى چىقىپ تاشلىشى، ئۆز قەۋمى بىلەن ئىلمى مۇنازىرە قىلىشى، ئاللاھنىڭ ئۇنى دوستلۇققا تاللىشى ۋە ئېغىر سىناقلار بىلەن سىنىشى، ئاللاھقا بولغان چەكسىز ئىتائەتمەنلىكى، ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بەيتۇللاھنى بىنا قىلىشى ۋە زېمىندا....

Image

دەۋەتنىڭ ئەھمىيىتى، دەۋەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە رولى - (ئۇيغۇرچە)

«دەۋەتنىڭ ئەھمىيىتى، دەۋەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە رولى» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاللاھدىن يىراقلاپ كېتىش، دىنى ئېتىقادتىن سۇسلىشىش، ئەخلاقى، سىياسى، ئىجتىمائىي، ئائىلە ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە يۇز بىرىۋاتقان زالالەت يوللىرى، خۇددى جەمئىيىتىمىزدە دىنى ھەقىقەتپەرۋەر دەۋەتچى زىيالىلار يوق بولۇپ كەتكىنىدەك، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان دەۋەتچىلىك ئىشلىرىدا زور دەرىجىدە چېكىنىشنىڭ بارلىققا كېلىشى....

Image

زاكات ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى - (ئۇيغۇرچە)

«زاكات ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى» ناملىق بۇ لېكسىيە زاكاتنىڭ ئەھمىيىتى، ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت، زاكاتنىڭ روھ ۋە ئەخلاق، ئىجتىمائىي جەمئىيەت ، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە رولى، زاكاتنىڭ شەرتلىرى ۋە نىساۋى، زاكاتنىڭ كىملەرگە بېرىلىدىغانلىقى، زاكات ئايرىمىغۇچىلارنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى قاتارلىق، ئىقتىسادى ئىبادەت ھېسابلىنىدىغان زاكاتقا دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.

Image

ئىبادەت بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتى - (ئۇيغۇرچە)

«ئىبادەت بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە ئەخلاق ھەققىدە ئومۇمى چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، گۈزەل ئەخلاقنىڭ شەرئىي ئىبادەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى، ئەخلاقنىڭ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولى، مۇسۇلمان رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ھاياتىدا ئۆرنەك قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلارنى ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنىدۇ.

Image

تەڭداشسىز ھەقىقەت - (ئۇيغۇرچە)

«تەڭداشسىز ھەقىقەت» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە ھەقىقەتنىڭ زامان ۋە ماكان ئايرىماستىن ئۈستۈنلۈك شەرىپىگە نائىل ئىكەنلىكى، ساغلام ئەقىدە بىلەن شەرەپلەنگۈچىلەر ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرۇشى ۋە پەخىرلىنىشى لازىملىقى، مۇسۇلماننىڭ ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ دىنى تەشۋىقاتىنىڭ ئەۋۋەلقى باسقۇچلىرىدا ئۆز قەۋمى تەرىپىدىن ئۇچرىغان تىراگىدىيىلىك ۋەقەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلىرىنىڭ....

Image

ئىسلامدا رەھىم-شەپقەت پرىنسىپى - (ئۇيغۇرچە)

«ئىسلامدا رەھىم-شەپقەت پرىنسىپى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە رەھىم-شەپقەت ئالى جاناپلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكى، مۇسۇلماننىڭ رەھىم-شەپقەت بىلەن ئەخلاقلىنىشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، رەھىم-شەپقەتتە رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ رەھىم-شەپقەتتە باشقا دىن ۋە ئىدىلوگىيەلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقى، مۇسۇلمان ھاياتىنىڭ ئومۇمى قاتلىمىدا رەھىم-شەپقەتنى ئۆلچەم قىلىپ ياشاش ئارقىلىق قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ رەھىم-شەپقەت....

Image

مۇقەددەس ئارمان - (ئۇيغۇرچە)

مۇقەددەس ئارمان، ناملىق بۇ لېكسىيەدە، ئۇممە ئەممارە رەزىيەللاھۇ ئەنھا نىڭ ئوھۇد ئۇرۇشى كۆنى پەيغەمبىرىمىزنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى... ھەقىقى مۆمىنە ئاياللارغا خاس جەسۇرانە روھ ئىمانى بۇرچنى نامايەند قىلغانلىقىنى ئۈچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

روھى گۈزەللىك - (ئۇيغۇرچە)

سەئدۇل ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ قىسقىغىنا ھېكايىسى بىزگە نىسبەتەن ھېسابسىز ساۋاق، نەسىھەت ئەڭگۈشتەرلىرىگە تولغان قىممەتلىك خەزىنىگە ئوخشايدۇ. ئارىمىزدىن قېنى كىم بۇ ئەڭگۈشتەرلەر بىلەن ئېتىكىنى تولدۇرۇشقا بەل باغلىيالايدۇ؟ ئارىمىزدا قېنى كىم ئىنسان دېگەن سۆزنىڭ ئادەملەرنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ئەمەس، بەلكى ئىچكى روھىيەت دۇنياسىغا قارىتىلغانلىقىنى چىن مەنىدىن تونۇپ يېتەلەيدۇ؟