×
Image

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش ئۈسۈلى - (ئۇيغۇرچە)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش ئۈسۈلى ناملىق بۇ ئەسەردە، ئاپتور رەسۇلۇللاھنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇلىنى، تەكبىردىن تارتىپ تا سالام بەرگەنگە قەدەر ئېخچام ۋە چۈشۈنۈشلىك قىلىپ بايان قىلىپ بېرىدۇ.

Image

ئىماننىڭ ئاساسلىرى - (ئۇيغۇرچە)

ئىماننىڭ ئاساسلىرى، ناملىق بۇ كىتاپ مەشھۇر ئالىم ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىننىڭ بولۇپ، ياش تەرجىمان دىنى زىيالىي نىزامىددىن تەمكىنى ئەپەندىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاپ ئىسلام دۇنياسىدا، ئەقىدە توغرىسىدا يېزىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى كىتابچە دەپ قارىلىدۇ. بۇ كىتابتا، ئاللاھغا توغرا رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش، پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر، ساماۋى كىتابلار، ئاخىرەت كۈنى، تەقدىر... قاتارلىق مۇھىم....

Image

بەختلىك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پايدىلىق چارىلار - (ئۇيغۇرچە)

بەختلىك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پايدىلىق چارىلار ناملىق بۇ ئەسەردە، كىمكى ھاياتىدا بۇنى تەتبىقلىسا گۈزەل ھايات ۋە كەڭرىچىلىك تۇرمۇشقا ئېرىشسە، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلەرنىڭ ھاياتى ئۈمىدسىزلىك ۋە ئىزتىراپلىق ئىچىدە ئۆتۈدىغانلىقىنى قۇرئان ۋە سۈننەت روھى ئاستىدا روشەن بايان قىلىپ بېرىدۇ.

Image

ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن مۇھىم دەرسلەر - (ئۇيغۇرچە)

ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن مۇھىم دەرسلەر ناملىق بۇ رىسالىدە، ئاپتور چوڭ-كىچىك مۇھىم پىقھى مەسىلىلەرنى بايان قىلغاندىن باشقا، مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقلىنىشى كېرەك بولغان ئىسلامى ئەخلاقلارنى روشەن ئىپادىلەپ بېرىدۇ. چوڭ گۇناھلارنىڭ تۈرلىرى ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ خەتىرى، مۇسۇلمان ئىسلام دىنىنىڭ ھەممە تەرىپىگە ئەمەل قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىدۇ.

Image

ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭغا زېت كىلىدىغان ئىشلار - (ئۇيغۇرچە)

ساغلام ئەقىدە ناملىق بۇ ئەسەر ئەللامە شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز نىڭ سۆزلىگەن نۈتۈقلىرىدىن بولۇپ ئۇنىڭدا ئەھل سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ ئەقىدىسىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئەمەل ۋە ئىبادەت ساغلام ئەقىدە بىلەن بولسا توغرا ۋە قوبۇل بولىدىغانلىقىنى،ئەگەر ئەمەل ۋە ئىبادەت باتىل ئەقىدە بىلەن بولسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇ ئەمەل ۋە ئىبادەتنىڭ ھېچ....

Image

قۇرئان كەرىمدىن ئاخىرقى ئۈچ پارىسىنىڭ تەپسىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر - (ئۇيغۇرچە)

«قۇرئان كەرىمدىن ئاخىرقى ئۈچ پارىسىنىڭ تەپسىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر» ناملىق بۇ ئەسەر ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھازىرگە قەدەر 22خىل تىلدا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى ۋە ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئالدى. بۇ كىتاپ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ﺋﯚﺯ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ رەۋىشتە ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ پايدىلىقتۇر. كىتاب ئىككى قىسىمغا....

Image

ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئەقىدىسى - (ئۇيغۇرچە)

«ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئەقىدىسى» ناملىق بۇ كىتاپدا، ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئەقىدىسى، تەۋھىد ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۇپەتلىرى، مەلائىكىلەر، سەماۋى كىتاپلار، پەيغەمبەرلەر، ئاخىرەت كۈنى، تەقدىر يەنى ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھدىن بولىدىغانلىقى ... قاتارلىق ئەقىدىگە ئائىت مەسىلىلەرگە قانداق ئىمان كەلتۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى قۇرئان ۋە ھەدىسگە ئاساسلىنىپ تەپسىلى بايان قىلىدۇ.

Image

ھىسنۇل مۇسلىم ( قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئېلىنغان دۇئا ۋە زىكىرلەر) - (ئۇيغۇرچە)

«ھىسنۇل مۇسلىم» ناملىق بۇ كىتاپچە قۇرئان ۋە ھەدىستىكى زىكىر ۋە دۇئالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بەندە بىلەن ياراتقۈچى ئوتتۇرىسىدا دائىمى ئالاقىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدا تۇرتكىلىك رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۈچرايدىغان ئىشلارنى ئاللاھقا سېغىنىش ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشنى تەلىم بېرىدۇ.

Image

بەندىلەرنى ئىبادەت ئۈچۈن يارىتىش بىلەن ئىمتىھان ئۈچۈن يارىتىشنىڭ ئارىسىدا زىتلىق بارمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

ئاللاھ تائالا كىتابىدا بىزنى پەقەت ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى دېدى، لېكىن بىز قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا ئايەتلىرىدە بىزنى ئىمتىھان ئۈچۈن ياراتقان دىگەن ئىبارىنىمۇ ئۇچرىتىمىز، بۇ ئىككى سۆز قارمۇ-قارشى ھېسابلانمامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Image

رەسۇلۇللاھنىڭ يادىكارلىقى بىلەن تەۋەررۇك قىلىش دۇرۇس بولىدۇ - (ئۇيغۇرچە)

دىنى قېرىنداشلار!، مەن تور بەتلىرىدىن مەن بىدئەت دەپ ئويلايدىغان بىر ئىش توغرىسىدىكى ھەدىسنى كۆردۈم، بۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر. ماڭا بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىڭلار. مەن بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىدىن شەكلىنىپ قالدىم. بۇ ئىمام مۇسلىم كەلتۈرگەن 5409-نومۇرلۇق ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىس ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئازاتگەردىسى....

Image

دۇنيا ۋە ئاخىرەت ھالاكىتىنىڭ سەۋەبلىرى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ17/2/1432ھـ 2011-يىلى01-ئاينىڭ21-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ يولىنى تۇتمىغانلىقى، بۇ كۇلپەتلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يەنىلا قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيۇپ، ئۇنىڭ ھۆكمىگە....

Image

يېگانە ئاللاھقىلا ئىتائەت قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ22/1/1431-ھىجرىيە 2010-يىلى01-ئاينىڭ08-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت ۋە ئىتائەت قىلىشنىڭ ئىنسانىيەت ئۈستىدىكى ۋاجىپ ئىكەنلىكى، ئاللاھ كائىناتتىكى بارچە مەخلۇقاتلارنىڭ ياراتقۇچىسى، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى كۈزىتىپ ۋە تەرتىپكە سالغۇچىسى ئىكەنلىكى، ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىشنىڭ شەرىئەت، ئەقىل ۋە مەنتىقمۇ قوبۇل قىلمايدىغان....