×
Image

ئىنتېرنېت ۋە دىنى تەشۋىقات - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا ئىنتېرنېتنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئۇنىڭ تەرەققىيات ۋە قوللىنىش جەريانى، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئاقارتىش خىزمىتىگە توھپە قوشۇش ۋە تەشۋىقاتچىلارنىڭ دىنى دەۋەتنى مىللەتكە يەتكۈزۇش ئۈچۈن تىخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ تەشۋىقات ئىلىپ بېرىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختىلىدۇ.

Image

بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز(بالىلار ئۈچۈن) - (ئۇيغۇرچە)

«بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز» ناملىق بۇ ئەسەر سۆيۇملۇك ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، پەيغەەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كىلىشى، ئائىلە كىلىپ چىقىشى، ئوسمۇرلۇك دەۋرى، پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ھاياتى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى، ئەخلاقى، سەۋىرچانلىقى،كەمتەرلىكى، ئىنسانپەرۋەرلىكى...قاتارلىق پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىغا ئائىت، ياش ئۆسمۇرلەرنىڭ بىلىشى زورۇر دەپ قارالغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

Image

كېمىكى ئاللاھ يۇلىدا بىر نەرسىدىن ۋاز كەچسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشىسىنى تولۇقلاپ بىرىدۇ - (ئۇيغۇرچە)

«كېمىكى ئاللاھ يۇلىدا بىر نەرسىدىن ۋاز كەچسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشىسىنى تولۇقلاپ بىرىدۇ» ناملىق بۇ ماقالىدا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن دىندا چەكلەنگەن ئىشلاردىن ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭدىن قول ئۇزسە ئاللاھ ئۇنىڭ بارلىق مۇشەققەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سائادەتكە ئىرىشىدىغانلىقىنى 20 نۈقتىغا يىغىنچاقلاپ بايان قىلىدۇ.

Image

ئىسلامدا ئاياللارنىڭ ئورنى - (ئۇيغۇرچە)

«ئىسلامدا ئاياللارنىڭ ئورنى» بۇ ماقالىدا ئاياللار ھاياتتا ئىززەت- ئىكرامغا ئىرىشىش ئۈچۈن ئەسلىيىتىگە قايتىشى لازىملىقى. بىراق، دىن دۈشمەنلىرى دائىم ئىلىمنى يالىڭاچلىقتىن، مەدەنىيەتنى ئۆزلۈكتىن تېنىشتىن ئايرىغىلى يول قويمايدىغانلىقى، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى خۇنۇكلەشتۈرۇش ئۈچۈن ھەر دائىم بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى باغلاشقا تۈرلۈك ۋاستىلارنى قوللىنىدىغانلىقى جانلىق مىساللار بىلەن ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىلگەن.

Image

يېڭى ھايات - (ئۇيغۇرچە)

بۇ ھاياتنى، ئاسىيلىق زۇلمەتلىرىدىن نۇرلوق ئىتائەتكە، تىڭىرقاش تەڭقىسلىقىدىن راھەتلىك مەمنۇنىيەتكە، خار ـ زەبۇنلۇق ئازگاللىرىدىن يۈكسەكلىك ئەرشىگە، دۇنيادا يۇقىرى ئىززەت مەرتىۋىگە شۇنداقلا ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك بەختىيارلىققا قەدەم قويۇش، دېيىش لازىم.

Image

مۇقەددەس ئارمان - (ئۇيغۇرچە)

مۇقەددەس ئارمان، ناملىق بۇ لېكسىيەدە، ئۇممە ئەممارە رەزىيەللاھۇ ئەنھا نىڭ ئوھۇد ئۇرۇشى كۆنى پەيغەمبىرىمىزنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى... ھەقىقى مۆمىنە ئاياللارغا خاس جەسۇرانە روھ ئىمانى بۇرچنى نامايەند قىلغانلىقىنى ئۈچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

روھى گۈزەللىك - (ئۇيغۇرچە)

سەئدۇل ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ قىسقىغىنا ھېكايىسى بىزگە نىسبەتەن ھېسابسىز ساۋاق، نەسىھەت ئەڭگۈشتەرلىرىگە تولغان قىممەتلىك خەزىنىگە ئوخشايدۇ. ئارىمىزدىن قېنى كىم بۇ ئەڭگۈشتەرلەر بىلەن ئېتىكىنى تولدۇرۇشقا بەل باغلىيالايدۇ؟ ئارىمىزدا قېنى كىم ئىنسان دېگەن سۆزنىڭ ئادەملەرنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ئەمەس، بەلكى ئىچكى روھىيەت دۇنياسىغا قارىتىلغانلىقىنى چىن مەنىدىن تونۇپ يېتەلەيدۇ؟

Image

ئائىلە تەربىيەسى - (ئۇيغۇرچە)

«ئائىلە تەربىيەسى»ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتۇر ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىن ۋە ئەخلاقتىن يىراق بەزى بىر ناچار قىلمىشلارغا دىئاگۆنز قويۇش بىلەن بىرگە، ئۇ ئىللەتلەرنى ئىسلاھ قىلىشتا يەنىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇرۇتكۈلۇك رول ئوينايدىغانلىقى،خۇسۇسەن ئەركىشىنىڭ ،ئايالى ۋە قىزلىرىنى تەربىيەلەشتىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ ئىغىرلىقى، دىنى تەشۋىقات ۋە ئۇنىڭ ئىسلاھات ئىلىپ بىرىش يولىدىكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.

Image

ئىسلام ئەقىدىسىدىن ساۋات - (ئۇيغۇرچە)

«ئىسلام ئەقىدىسىدىن ساۋات» ناملىق بۇ ئەسەردە، ئىنسان قانداق قىلغاندا ھەقىقى مۆمىن بولالايدىغانلىقى، مۇسۇلماننى ئىسلام دىنىدىن چېقىرىدىغان ئامىللار، ئاللاھقا ئىمان كەلتۇرۇش،پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۇرۇش،سەماۋى كىتاپلارغا ئىمان كەلتۇرۇش، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۇرۇش،قىيامەتنىڭ بولىشىغا ئىمان كەلتۇرۇش، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىشىغا ئىمان كەلتۇرۇش،ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە ئىمان كەلتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە تايىنىپ....

Image

رامىزان، تېلۋىزور ۋە بىز - (ئۇيغۇرچە)

«رامىزان، تېلۋىزور ۋە بىز» ناملىق بۇ ماقالىدا، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، تېلۋىزىيە دىن ئىبارەت«دىلبۇزار»نى رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن كۆرمەسلىككە تىرىشىشىمىز ئارقىلىق، ئاللاھ تائالاغا، ئۇنىڭ دىنىغا، پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىخلاسىمىزنى نامايەن قىلىشىمىزنى ۋە شۇنداقلا مىللىي ئەنئەنە، ئۆرپ- ئادەتلىرىمىزنى بۇ....

Image

جەننەت قانداق جاي؟(بالىلار ئۈچۈن) - (ئۇيغۇرچە)

«جەننەت قانداق جاي؟» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ھىكايە كىچىك پەرزەنتلىرىمىزنىڭ جەننەتكە بولغان چۇشەنچىسىنى ئوستۈرىپلا قالماستىن, پانى دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى ھەقىقى ھايات جەننەتتىن ئىبارەت تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىز كىلىدىغان ئۇ گۈزەل ماكاندا ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ بىرىدۇ.

Image

تەڭداشسىز ھەقىقەت - (ئۇيغۇرچە)

«تەڭداشسىز ھەقىقەت» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە ھەقىقەتنىڭ زامان ۋە ماكان ئايرىماستىن ئۈستۈنلۈك شەرىپىگە نائىل ئىكەنلىكى، ساغلام ئەقىدە بىلەن شەرەپلەنگۈچىلەر ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرۇشى ۋە پەخىرلىنىشى لازىملىقى، مۇسۇلماننىڭ ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ دىنى تەشۋىقاتىنىڭ ئەۋۋەلقى باسقۇچلىرىدا ئۆز قەۋمى تەرىپىدىن ئۇچرىغان تىراگىدىيىلىك ۋەقەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلىرىنىڭ....