×
Image

ئۆز-ئارا سالاملىشىشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا سالاملىشىشنىڭ پەزلى ۋە ئىسلامدىكى ئورنى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ بۈيۈك سۈننەتنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى، سالاملىشىشنىڭ ئۇسلۇبى ۋە ئەدەب-ئەخلاقلىرى، قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ پەزىلىتى، مۇسۇلمان ھەرۋاقىت تەبەسسۇمنى لازىم تۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىقلارنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

رامىزاندىكى بىر كۈن (تەۋسىيە) - (ئۇيغۇرچە)

«رامىزاندىكى بىر كۈن» ناملىق بۇ ئەسەردە رامىزان ئېيىنى غەنىمەت بىلىش، كۈندىلىك ئىبادەتلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت روھىغا ئۇيغۇن ھالدا ئىلىپ بېرىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا روزىنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

Image

كۆڭۈلدىكى مېھمان (تەۋسىيە ئەسەر) - (ئۇيغۇرچە)

«كۆڭۈلدىكى مېھمان» ناملىق بۇ ئەسەردە رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى، رامىزاننىڭ ئىسلامدىكى ئورنى، قاچان پەرز قىلىنغانلىقى، روزىنىڭ پايدىسى، روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار، روزىدارنىڭ روزىسىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ئىشلار ۋە روزىغا دائىر ئەھكام قاتارلىقلارنى ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بايان قىلىپ بېرىدۇ.

Image

ئائىلە تەربىيەسى - (ئۇيغۇرچە)

«ئائىلە تەربىيەسى»ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتۇر ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىن ۋە ئەخلاقتىن يىراق بەزى بىر ناچار قىلمىشلارغا دىئاگۆنز قويۇش بىلەن بىرگە، ئۇ ئىللەتلەرنى ئىسلاھ قىلىشتا يەنىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇرۇتكۈلۇك رول ئوينايدىغانلىقى،خۇسۇسەن ئەركىشىنىڭ ،ئايالى ۋە قىزلىرىنى تەربىيەلەشتىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ ئىغىرلىقى، دىنى تەشۋىقات ۋە ئۇنىڭ ئىسلاھات ئىلىپ بىرىش يولىدىكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.

Image

ئىسلام ئەقىدىسىدىن ساۋات - (ئۇيغۇرچە)

«ئىسلام ئەقىدىسىدىن ساۋات» ناملىق بۇ ئەسەردە، ئىنسان قانداق قىلغاندا ھەقىقى مۆمىن بولالايدىغانلىقى، مۇسۇلماننى ئىسلام دىنىدىن چېقىرىدىغان ئامىللار، ئاللاھقا ئىمان كەلتۇرۇش،پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۇرۇش،سەماۋى كىتاپلارغا ئىمان كەلتۇرۇش، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۇرۇش،قىيامەتنىڭ بولىشىغا ئىمان كەلتۇرۇش، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىشىغا ئىمان كەلتۇرۇش،ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە ئىمان كەلتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە تايىنىپ....

Image

رامىزان، تېلۋىزور ۋە بىز - (ئۇيغۇرچە)

«رامىزان، تېلۋىزور ۋە بىز» ناملىق بۇ ماقالىدا، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، تېلۋىزىيە دىن ئىبارەت«دىلبۇزار»نى رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن كۆرمەسلىككە تىرىشىشىمىز ئارقىلىق، ئاللاھ تائالاغا، ئۇنىڭ دىنىغا، پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىخلاسىمىزنى نامايەن قىلىشىمىزنى ۋە شۇنداقلا مىللىي ئەنئەنە، ئۆرپ- ئادەتلىرىمىزنى بۇ....

Image

جەننەت قانداق جاي؟(بالىلار ئۈچۈن) - (ئۇيغۇرچە)

«جەننەت قانداق جاي؟» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ھىكايە كىچىك پەرزەنتلىرىمىزنىڭ جەننەتكە بولغان چۇشەنچىسىنى ئوستۈرىپلا قالماستىن, پانى دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى ھەقىقى ھايات جەننەتتىن ئىبارەت تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىز كىلىدىغان ئۇ گۈزەل ماكاندا ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ بىرىدۇ.

Image

قۇربانلىققا دائىر ئەھكاملار ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى - (ئۇيغۇرچە)

«قۇربانلىققا دائىر ئەھكاملار ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى» ناملىق بۇ ماقالىدا، قۇربانلىق قىلىش ئورپ-ئادەت بولماستىن،بەلكى ئىسلام دىنىدىكى ئىقتىسادى ئىبادەتلەردىن ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكى، قۇربانلىق قىلىشقا قادىر بولالايدىغان كىشىلەرنىڭ قۇربانلىق قىلىشى تەكىتلەنگەن سۈننەت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا ئائىت ھۆكۈم ۋە شەرت قاتارلىقلار توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

Image

زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى - (ئۇيغۇرچە)

«زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى»جانابى ئاللاھ بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىدىن ئۇلارنى ئىبادەتكە قىزىقتۇرۇش، سالىھ ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قۇزغاتقىلى ۋاقىتنى يارىتىپ، ئۇنى بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق پەزىلەتكە ئىگە قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كۈنلەرنىڭ دۇنيادىكى كۈنلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى. بەلكى ئاللاھنىڭ بۇ....

Image

ياشلارغا 75 نەسىھەت - (ئۇيغۇرچە)

«ياشلارغا 75 نەسىھەت» بۇ ماقالە يەتمىش بەش نەسىھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مۇسۇلماندا بولۇشقا تېگىشلىك، ئىبادەت،ئىجتىمائى مۇناسىۋەت، ئەدەپ-ئەخلاق قاتارلىقلارغا ئائىت مۇھىم نەسىھەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

Image

روزا تۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق ۋە چۇشەنچە - (ئۇيغۇرچە)

«روزا تۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق ۋە چۇشەنچە» ناملىق بۇ ماقالىدا، رامىزان ئېيىدا گۇناھ – مەئسىيەتتىن، چەكلەنگەن گەپ- سۆزدىن، ھارامغا قاراشتىن، ھارام قىلىنغان يەرگە قاراشتىن، ھارام قىلىنغان نەرسىنى ئاڭلاشتىن، ھارام يېيىش، ھارام ئىچىشتىن ساقلىنىش ئارقىلىق جەھەننەم ئازابىدىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىملىقى، بىر ئاي روزا تۇتۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن قازانغان روھانى كۈچنى داۋاملىق....

Image

مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق قارشى ئالىمىز؟ - (ئۇيغۇرچە)

«مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق قارشى ئالىمىز؟» ناملىق بۇ ماقالىدا، ئۆزىنى مۇسۇلمان ساناپ يۈرگەن ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ رامىزاندىن ئىبارەت، بۇ ئىبادەت مەۋسۇمىنى قولدىن بەرمەسلىكى، ئىبادەتكە، خەير ـ ساخاۋەتكە ھېرىسمەن بولۇشى، ھەر قانداق بىر سالىھ ئەمەل بولسا باشلامچىلىق بىلەن گويا مۇسابىقىگە چۈشكەندەك بەسلىشىپ تۇرۇپ ئادا قىلىشقا تىرىشىشى لازىملىقى توغرىسىدا چۇشەنچە بىرىدۇ.