×
Image

ئۇممە سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھاياتى - (ئۇيغۇرچە)

«ئۇممە سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھاياتى» ناملىق بۇ لېكسىيەدە مۆمىنلارنىڭ ئانىسى ئۇممە سەلەمەنىڭ ئائىلە كىلىپ چېقىشى، ئىسلام دىنىغا كىرىشى، ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىشى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىكاھلىنىشى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ.

Image

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى يازغاندا (ساد ياكى ساد، لام، ئەيىن ۋە مىم) ھەرىپى بىلەن يىزىپ ئىپادىلەشنىڭ ھۆكمى - (ئۇيغۇرچە)

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا (ساد ياكى ساد، لام، ئەيىن ۋە مىم) ھەرىپىنى يېزىپ ئىپادىلىسە توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Image

رامزاندا قۇرئان تامام قىلىش توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

رامزان ئېيىدا قۇرئان كەرىمنى ئەڭ ياخشى تاماملاش ئۈچۈن جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرئان تىڭشاشقان ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش مۇمكىنمۇ؟

Image

ھەج تۇيغۇلىرى - (ئۇيغۇرچە)

«ھەج تۇيغۇلىرى» بۇ ماقالىدا، ھەجنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى، ئىنسان ھاياتىغا كورسىتىدىغان تەسىرى، تۈنجى قىتىم ئاللاھنىڭ بەيتىنى كورگەندە ئىنسان قانداق تۈيغۇلاردا بولىدىغانلىقى،ئۇ جايدىكى ئىلاھى قۇدرەتلەرنى كورگەندە، ئىي ئاللاھ ! سەن پاكتۇرسەن ... سەن ھەقدۇرسەن، دىنىڭ ھەقىقەتتۇر، رەسۇل ئەلەيھىسسلام راسچىل پەيغەمبەردۇر ،سەن ئەڭ قۇدرەتلىك شېرىكسىز ئاللاھسەن دىمەي تۇرالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ....

Image

ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتىڭىز - (ئۇيغۇرچە)

«ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتىڭىز» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، تۇرمۇشتا ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ھەق-ھوقۇق، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتىكى ئىمانى مەجبۇرىيەتلىرى ۋە ئاتا-ئانىلىق مەسئۇلىيەتلىرى، ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنت تەربىيىلەشتە ساغلام ئەقىدىنى چېقىش قىلغان ھالدا، ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەش بىلەن بىرگە، ئۆزىگە، مىللىتىگە، ئانا ۋەتىنىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان كېرەكلىك ئەۋلادلارنى تەربىيەلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

Image

تەۋبە قىلغۇچىلار باغچىسى - (ئۇيغۇرچە)

تەۋبە قىلغۇچىلار باغچىسى ناملىق بۇ كىتاپ ياش تەرجىمان دىنى زىيالى ئا.ئابدۇرەھمان خاقانى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاپ ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزىنىڭ تەسىرلىك ۋەقەلىكى بىلەن ئوقۇرمەننى ھېدايەت يولىغا يېتەكلەپ، ئىككى دۇنيالىق مۇرادىنىڭ ھاسىل بولىشىدا تۈرۈتكۈلۇك رول ئوينىغۇسى... قېنى مەرھەمەت!

Image

ھەقىقەت ئېزدىگۈچى سالمان - (ئۇيغۇرچە)

«ھەقىقەت ئېزدىگۈچى سالمان» بۇ لېكسىيە سالمان فارسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەرجىمىھالى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسلامغا كىرىشىدىن ئىلگىرىكى ھاياتى، ئىسلامغا كىرىشى، دىنى تەشۋىقات ۋە جىھادلارغا ئىشتىراك قىلىشى،ئۇنىڭ ئاللاھغا بولغان تەقۋالىق ۋە زاھىتلىقى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈشى ۋە شۇنداقلا خەندەق غازىتىنىڭ پىكىر ئىگىسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ۋاپاتى قاتارلىقلار ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنۇلدى.

Image

نەپلە نامازلارنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 10/10/1429 ھـ / 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەين ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.بۇ خۇتبىدا سۈننەت ۋە نەپلە نامازلارنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتى، مۇسۇلمان كۈندىلىك ھاياتىدا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان نەپلە نامازلارغا ھېرىس بولۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئاخىرەتتىكى ئەجرى، ناماز ئوقۇش....

Image

شەئبان ئېيىنىڭ كىيىنكى يىرىمىدا رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتۇش توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

مېنىڭ ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇت ۋاقتىم رامىزاندا بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن رامىزان روزىسىدىن بەزى كۈلەرنى تۇتالمىغان ئىدىم. ئاللاھ تائالانىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن يەتتە كۈنلۈك روزامدىن باشقا روزىلىرىمنىڭ قازاسىنى قىلىۋالدىم، يەتتە كۈنلۈك روزىنىڭ ئۈچ كۈنىنى شەئباننىڭ كىيىنكى يېرىمى كىرگەندىن كىيىن تۇتقان، قالغان تۆت كۈننىڭ روزىسىنىمۇ رامىزان كىرىشتىن بۇرۇن تولۇقلاشنى مەقسەت قىلىمەن. سىلەرنىڭ تور....

Image

ياشلىق ۋە پىداكارلىق - (ئۇيغۇرچە)

«ياشلىق ۋە پىداكارلىق»ناملىق بۇ لېنتا 30مىنۇتلىق بولۇپ ھەزرىتى مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى،ئۇنىڭ ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ھاياتى، ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىنكى ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش،ھەبەشىستانغا ھېجرەت قىلىشى،مەدىنىدە دىنى تەشۋىقاتنى باشلىشى،ئۇنىڭ بەدرى ۋە ئۆھۈد غازاتلىرىدا كۆرسەتكەن جەڭگىۋارلىقى ۋە ئۆھۈد غازىتىدا شەھېت بولىشى قاتارلىقلارنى بايان قىلىپ بىرىدۇ.

Image

ئاللاھ ۋۇجۇتقا كەل دەيدۇ، ئۇ ۋۇجۇتقا كىلىدۇ - (ئۇيغۇرچە)

«ئاللاھ ۋۇجۇتقا كەل دەيدۇ، ئۇ ۋۇجۇتقا كىلىدۇ» ناملىق بۇ لېنتىدا، "تەكۋىن ۋە تەشرىئ" يەنى ئاللاھنىڭ كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى يارىتىشتا يالغۇز ئېكەنلىكى،ۋە شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە ماس ۋە پايدىلىق بولغان شەرىئەتتىن ئېبارەت قانۇنىيەتنى بېكىتكەنلىكى قاتارلىق ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى ئەھلى سۈننەت ۋەلجەمائەنىڭ ئەقىدىسىگە ئۇيغۇن ھالدا قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئاساسلىنىپ بايان قىلىپ بىرىدۇ.

Image

ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئاللاھ ياراتقان ئەسلى سۈپەتلەر - (ئۇيغۇرچە)

پەزىلەتلىك شەيخ د. ھەيسەم سەرھان تەييارلىغان ئۇيغۇر تېلىدىكى تەبىئى سۈننەتلەردە، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلار پەيدا قىلغاندا ئۇلارنىڭ تەبىئىتىدە بار بولغان تەبىئى سۈننەتلەر دەلىلبىلەن بايان قىلىنىدۇ.