×
Image

ئەبۇ زەر ئەلغەپپارى بىلەن تونۇشىۋېلىڭ - (ئۇيغۇرچە)

«ئەبۇ زەر ئەلغەپپارى بىلەن تونۇشىۋېلىڭ » ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە جەڭگىۋار سەھابە جۇندۇ ئىبنى جۇنادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى، دىن تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى ۋە تۆلىگەن بەدەللىرى، رەسۇلۇللاھنى ياخشى كۆرۈشى، زاھىتلىق ۋە تەقۋادارلىقى، ۋاپاتى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلاردا.

Image

سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس كىم؟ - (ئۇيغۇرچە)

سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس كىم؟ ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر ھۆرمەتكە سازاۋەر ساھابە سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتىدىن ئارىيە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسلامغا كېرىشى، ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن ئائىلىسى تەرىپىدىن ھەر-خىل ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرىشى، ئاللاھنىڭ دىنىنى تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقى، ۋاپاتى قاتارلىق تەربىۋىيى ئەھمىيىتى بولغان مۇھىم ئۇچۇرلار ھۆزۈرۈڭلاردا.

Image

سەفىيە بىنتى ئابدۇلمۇتتەلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھاياتىدىن قىسقىچە چۈشەنچە - (ئۇيغۇرچە)

«سەفىيە بىنتى ئابدۇلمۇتتەلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھاياتىدىن قىسقىچە چۈشەنچە» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، سەفىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىسلامغا كېرىشى، جەڭ مەيدانلىرىدا مۇجاھىتلارغا ياردەمدە بولىشى ۋە جەسۇرلۇقى، ئىسلامدا مۇشرىك ئۆلتۈرگەن تۈنجى ئايال ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم مەزمۇنلار ھوزۇرۇڭلاردا.

Image

ھەزرىتى نۇھ ئەلەيھىسسالام ھاياتىدىن ئارىيە - (ئۇيغۇرچە)

«ھەزرىتى نۇھ ئەلەيھىسسالام ھاياتىدىن ئارىيە» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ سەرخىل پەيغەمبەرلىرىدىن (ئۇلۇلئەزمى) ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىنىشى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزۈشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ئىخلاسى، تۇپان ئاپىتى ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرىڭىزدا.

Image

زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتىدىن ئارىيە - (ئۇيغۇرچە)

بۇ ئاۋازلىق ئەسەر زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتىدىن ئارىيە بولۇپ، ئۇ زاتنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن تەلىم تەربىيە ئىلىشقا مۇيەسسەر بولغانلىقى، تەقۋادار ۋە ئاۋانگارتلىق روھى، قۇرئاننى جەملىگۈچى، ۋەھيى يازغۇچى، قۇرئان ۋە مىراس بىلىملىرىدە يۇقىرى سەۋىيىگە ئىگە ئىكەنلىكى قاتارلىق ئۇنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم ئىش-ئىزلىرى ھۆزۈرۈڭلاردا.

Image

ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەرجىمىھالى - (ئۇيغۇرچە)

«ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەرجىمىھالى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، پەزىلەتلىك سەھابە ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ ئىسلامغا كېرىشى، دىن تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى، مال-دۇنياسىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغانلىقى، ئىككى قېتىم ھىجرەت قىلىشتەك بۈيۈك ئەجىرگە ئىگە بولغانلىقى، جەننەتتىن بىشارەت بېرىلگەنلەردىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.

Image

سېخى تەلھەنىڭ ھاياتىدىن قىسقىچە ئارىيە - (ئۇيغۇرچە)

«سېخى تەلھەنىڭ ھاياتىدىن قىسقىچە ئارىيە» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر، جەننەت بىلەن بىشارەت بىرىلگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماختىشىغا ئىرىشكەن، سەرخىل ساھابىلاردىن بولغان، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ، ئىسلامغا كېرىشى ۋە ئىسلامغا كىرگەندىن كىيىنكى تەسىرلىك ھاياتىدىن قىسقىچە ئارىيە لەر ھۆزۈرۈڭلاردا.

Image

جەننەت ئاياللىرىنىڭ سەردارى - (ئۇيغۇرچە)

«جەننەت ئاياللىرىنىڭ سەردارى» ناملىق بۇ لېكسىيە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قىسقىچە ھاياتى بولۇپ، ئۇنىڭ جەننەتكە نائىل بولغۇچى ئاياللارنىڭ سەردارلىرىدىن ئىكەنلىكى، ئىسلامغا كىرىشى ۋە پەزىلىتى، ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈشى ۋە كاپىرلارنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن قوغدىشى، تۇرمۇشقا چىقىشى ۋە ۋاپاتى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنۇلدى.

Image

قۇرئان كەرىم ھەققىدە چۇشەنچە - (ئۇيغۇرچە)

«قۇرئان كەرىم ھەققىدە چۇشەنچە» ناملىق بۇ لىېكسىيەدە قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكى،مۇھەممەد ئەلەيىسسالامغا ۋەھىي ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەنلىكى،ئۇنىڭ مۈجىزە ۋە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت ئىكەنلىكى، ئىسلام شەرىئەت ھۆكۈملىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاساسى مەنبە ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى رولى قاتارلىقلارنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

Image

تەقۋالىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادىتى - (ئۇيغۇرچە)

«تەقۋالىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادىتى» ناملىق بۇ لېنتىدا، تەقۋالىقنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقى چۇشەنچىسى، ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىغا كورسىتىدىغان تەسىرى، ئۇنىڭ بىلەن مۆمىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقى ۋە نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ تەقۋالىق بىلەن زېچ مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن ئىسپاتلاپ بايان قىلىپ بىرىدۇ.

Image

قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى - (ئۇيغۇرچە)

قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى، ناملىق بۇ كىتاپ ياش تەرجىمان ۋە مۇھەررىر ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئەپەندىمنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بۇ كىتاپتا، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى سىرلىق تەرەپلىرى ئۇستىدىن ئىلىپ بىرىلغان تەتقىقاتلار، سۈرە ، ئايەت ۋە ھەرپلەرنىڭ ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ماتېماتىكىلىق سېستىم بىلەن تۇزۇلگەنلىكىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ ھەق كىتابى ئىكەنلىكىگە دەلىل ئىسپاتلىقىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ....