×
Image

روزا تۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق ۋە چۇشەنچە - (ئۇيغۇرچە)

«روزا تۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق ۋە چۇشەنچە» ناملىق بۇ ماقالىدا، رامىزان ئېيىدا گۇناھ – مەئسىيەتتىن، چەكلەنگەن گەپ- سۆزدىن، ھارامغا قاراشتىن، ھارام قىلىنغان يەرگە قاراشتىن، ھارام قىلىنغان نەرسىنى ئاڭلاشتىن، ھارام يېيىش، ھارام ئىچىشتىن ساقلىنىش ئارقىلىق جەھەننەم ئازابىدىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىملىقى، بىر ئاي روزا تۇتۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن قازانغان روھانى كۈچنى داۋاملىق....

Image

مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق قارشى ئالىمىز؟ - (ئۇيغۇرچە)

«مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق قارشى ئالىمىز؟» ناملىق بۇ ماقالىدا، ئۆزىنى مۇسۇلمان ساناپ يۈرگەن ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ رامىزاندىن ئىبارەت، بۇ ئىبادەت مەۋسۇمىنى قولدىن بەرمەسلىكى، ئىبادەتكە، خەير ـ ساخاۋەتكە ھېرىسمەن بولۇشى، ھەر قانداق بىر سالىھ ئەمەل بولسا باشلامچىلىق بىلەن گويا مۇسابىقىگە چۈشكەندەك بەسلىشىپ تۇرۇپ ئادا قىلىشقا تىرىشىشى لازىملىقى توغرىسىدا چۇشەنچە بىرىدۇ.

Image

رامىزاننى قانداق قارشى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە لايىھەلەر - (ئۇيغۇرچە)

«رامىزاننى قانداق قارشى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە لايىھەلەر» ناملىق بۇ ماقالىدا، قانداق قىلغاندا روھانىيىتىمىزنى تەربىيەلەيمىز؟ رامىزاندا ئائىلىدە ئىلىپ بىرىلىدىغان تەربىيە خاراكتىرلىق پائالىيەتلەر، مەسجىدلەرنىڭ رامىزاندىكى رولى...قاتارلىق بىر قىسىم مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

Image

روزا ھەققىدە دەسلەپكى چۇشەنچە - (ئۇيغۇرچە)

«روزا ھەققىدە دەسلەپكى چۇشەنچە» ناملىق بۇ ماقالە، روزا تۇتقۇچىلارنىڭ ئالدىن بىلىشى زورۇر دەپ قارالغان، روزىغا ئائىت بەزى مەسىلىلەر، روزىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى، روزىدىن مەقسەت نېمە ئىكەنلىكى، رۇزىنىڭ تەرىپى، رۇزىنىڭ پەزىلىتى ...قاتارلىق مەسىلىلەرنى رامىزاننىڭ كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھۆزۇرىغا سۇنۇلدى.

Image

مەشھۇر ئۆلىمالارنى ئەيىبلىمەسلىك توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

«مەشھۇر ئۆلىمالارنى ئەيىبلىمەسلىك توغرىسىدا» ناملىق بۇ ئەسەردە ، ئىسلام ئۈممىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئىماملارنىڭ ھېچبىرى قەستەن ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەيلى كىچىك، مەيلى چوڭ بىر سۈننىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقى، ئۇلار ھەر تۈرلۈك شۈبھە ۋە ئىككېلىنىشلەردىن يىراق ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنىڭ ۋاجىبلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ سۆزىنىڭ توغرا-خاتاسىنىڭ بولىدىغانلىقى، بۇ....

Image

پەيغەمبەر تىبابىتى - (ئۇيغۇرچە)

«پەيغەمبەر تىبابىتى»ناملىق بۇ ئەسەردە، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىبابەتكە ئائىت مەيلى قۇرئان ئايەتلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئۆزىنىڭ سوزلىرى بولسۇن، ئۆزى داۋالىغان ۋە دىئاگىنوز قويغان ۋە ياكى داۋالىنىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەرگەن قاتارلىقلارنى ئىسلام شەرىئىتىدىكى سەھىيە كۆز قاراشلىرى بىلەن ئىلمى ئاساستا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

Image

ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى سۆيۈملۈك ئىنسان - (ئۇيغۇرچە)

«ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى سۆيۈملۈك ئىنسان» ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتور ئىنسان ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەكلىكى، مۇسۇلمان دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە توغرا يۆلىنىش بىلەن مېڭىشنىڭ مۇھىملىقى، مۇسۇلمان ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرى بويىچە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ئىشلەش تەلەپ قىلىنغان ئىنسان ئىكەنلىكى، بىكار تەلەپلىكنى ئاللاھنىڭمۇ ياخشى كۆرمەيدىغانلىقى توغرىلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا....

Image

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۇسۇلى - (ئۇيغۇرچە)

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۇسۇلى» ناملىق بۇ ئەسەردە، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىغا تاپشۇرۇلغان ئامانەت ئىكەنلىكى، ئۇلارنى ساغلام يېتەكچى بولالايدىغان ئىسلام تەربىيەسىدىن ئىبارەت، بۇ بۈيۈك يېتەكچى بىلەن تەربىيىلەش كېرەكلىكى، شۇنداق قىلغىنىمىزدا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىگە تەۋرەنمەس ئۈل ھازىرلىغان بولىدىغانلىقىمىز ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلغان بولىدىغانلىقىمىزنى قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

Image

كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك - (ئۇيغۇرچە)

«كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، ئىسلامدا ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھى، ئىسلامدا ئىنسان ھەقلىرى پرىنسىپى ساغلام ئەقىدىنى ئۆلچەم قىلىدىغانلىقى، ئىسلامدا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئومۇمىي تۈرلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلارنىڭ ھاكىمىيەت دەۋرىدىن مىساللارنى كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرنەك ئېلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا توختىلىدۇ.

Image

روزا ھېيت نامىزى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور بۇ ماقالىدا روزا ھېيت نامىزىنىڭ قاچان يولغا قويۇلغانلىقى، روزا ھېيت نامىزىنىڭ ئەھكاملىرى، قايسى ۋاقىتتا ئوقۇلىدىغانلىقى ۋە ئادا قىلىش تەرىقىسى، ھېيت نامىزى خۇتبىسى، ھېيت كۈنى قىلىش ياخشى كۆرۈلگەن ئىشلار قاتارلىق روزا ھېيت نامىزىغا دائىر مۇھىم بىلىملەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى تەمىن ئەتكۈسى.

Image

قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى - (ئۇيغۇرچە)

قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى، ناملىق بۇ كىتاپ ياش تەرجىمان ۋە مۇھەررىر ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئەپەندىمنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بۇ كىتاپتا، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى سىرلىق تەرەپلىرى ئۇستىدىن ئىلىپ بىرىلغان تەتقىقاتلار، سۈرە ، ئايەت ۋە ھەرپلەرنىڭ ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ماتېماتىكىلىق سېستىم بىلەن تۇزۇلگەنلىكىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ ھەق كىتابى ئىكەنلىكىگە دەلىل ئىسپاتلىقىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ....