×
شەيخ ئۇسەيمىيننىڭ قىسقىچە ھاياتى نەسىبى: ئۇ ئىمام، ئەللامە، فەقىھ ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنىى سالىھ ئىبنىى ئۇسەيمىين ئەلمۇقبىل ئەلۋۇھەيبى ئەتتەمىيمىي. ھاياتى: ئەللامە ئەبۇ ئابدۇللاھ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قەسىم رايونىغا قاراشلىق ئۇنەيزە شەھىرىدە ھىجرىيە 1347- يىلى، رامىزان ئېيىنىڭ 27- كۈنى دىن ۋە دىيانەتتە ھەممىگە تونۇشلۇق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. شەيخ ئەبۇ ئابدۇللاھ ئۆزىنىڭ ئانا تەرەپ چوڭ دادىسى شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنىى سۇلايمان ئال دامىغدا تەلىم ئالغان. ئۇنىڭدا قۇرئاننى يادلىغان ۋە خەت يېزىش، ھېساب، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىلىملىرىنىمۇ ئۈگەنگەن. ئاللاھ شەيخقا ھۇشيارلىق ۋە ئىلىم ئېلىش قىزغىنلىقى ئاتا قىلغان. شەيخ ئابدۇرراھمان ئەسسەئدىي باشلىق نۇرغۇن ئالىملارنىڭ ھوزۇرىدا دەرس ئوقۇغان. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رىيادتىن باشقا جايلارغا ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلمىغان. ئۇنىڭ رىيادقا كېلىپ ئوقۇشى ھىجرىيە 1372- يىلى ئىلمىي ئىنىستىتوتلار ئېچىلغاندىن كېيىن توغرا كېلىدۇ. ئۇ ھىجرىيە 1421- يىلى 15- شەۋۋال (مىلادىيە 2001- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى، ناماز شامدىن كېيىن جىددە شەھرىدە ۋاپات بولدى. 1- ئاينىڭ 11- كۈنى (چارشەنبە) ئەسىر نامىزىدا مەككە مۇكەررەمەدە نامىزى چۈشۈرۈلدى. ئىلمىي ھاياتى: ئۇستازى ئابدۇرراھمان ئەسسەئدى ۋاپات قىلغاندىن كېيىن، شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىن ئۇستازىنىڭ جامىئىل كەبىر دەپ ئاتالغان مەسجىدىگە ئىماملىققا تەيىنلەنگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇستازىنىڭ ئورنىدا دەرس ئۆتۈشنى باشلىۋەتكەن. ئۇ يېزىقچىلىق ئىشلىرىنى پەقەت ھىجرىيە 1382- يىلى تۇنجى قېتىم «فتح رب البريە بتلخيص الحمويە» ناملىق كىتابى ئارقىلىق باشلىغان. (بۇ ئىبنىى تەيمىييەنىڭ «الحمويە في العقيدە» دېگەن كىتابىنىڭ قىسقارتىلمىسى ئىدى) شەيخ رىيادتىكى شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، ئابدۇلئەزىز ئىبنى بازدا سەھىھۇلبۇخارى، ئىبنى تەيمىييەنىڭ رىسالىلىرى ۋە بىر قىسىم فىقھىي كىتابلارنى ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئۇستازلىرى: ئەللامە ئىبنى بازنىڭ ئۇستازى ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەسسەئدى شەيخ مۇھەممەد ئەلئەمىين ئەششەنقىيتى شەيخ ئەلىي ئىبنى ھەمەد ئەسسالىھى شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئەلمۇتەۋۋەئ شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەلىي ئەۋدان شەيخ ئابدۇررھمان ئىبنى سۇلايمان ئال دامىغ شەرئىي مەسىلىلەردە تۇتقان يولى: ئۇ ئۆزىنىڭ شەرئىي مەسىلىلەردىكى مەيدانىنىڭ ئۇستازى ئابدۇرراھمان ئىبنى سەئدىنىڭ تۇتقان يولى بويىچە ئىكەنلىكىنى بىر نەچچە قېتىم تەكىتلىگەن. ئابدۇرراھمان ئىبنى سەئدىنىڭ تۇتقان يولى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى كۆپىنچە ئۆلىمالار تۇتقان يولغا ئوخشىمايتتى. شاخچە (فەرئىي) مەسىلىلەردە ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ فىقھىي ئەھكاملىرىغا تايىنىپ (زادۇل مۇستەقنىئ ناملىق كىتابنى ئاساس قىلىپ) تورۇپ ھۆكۈم چىقىراتتى. ئابدۇرراھمان ئىبنى سەئدى نۇرغۇن مەسىلىلەردە ھەنبەلىي مەزھىبىنى ئاساس قىلمايدىغانلىقى بىلەن ھەممىگە مەشھۇر ئىدى. شەيخ سەئدى كۆپىنچە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئىبنىۇل قەييۇمنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ ئۈستىگە قۇياتتى. ئۇنىڭدا مۇئەييەن مەزھەبكە باغلىنىپ قېلىش قاتماللىقى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ھەقىقەت قەيەردە بولسا، شۇ يەردىن ئېلىش روھىي شاگىرتى ئىبنى ئۇسەيمىينگە يۆتكەلگەن ئىدى. شەيخ ئۇسەيمىيننىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى 50 پارچىدىن ئاشقان. ئاللاھ ئۇنىڭ شۇ خىزمەتلىرىگە ئۆز دەرگاھىدىن كاتتا ئەجىر ئاتا قىلغاي!