×
كوممۇنىست ئارمىيىسىدا خىزمەت ئۆتەۋاتقان مۇسۇلمان ئەسكەرلەر بىلەن كاپىر ئەسكەرلەر ئارىسىدا پات-پات توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ جەرياندا ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن ئەسكەرلەر ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى كوممۇنىست ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلمانلارنى شېھىتلەرنىڭ قاتارىدىن دەپ قارىساق توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

    دىنسىز كوممۇنىستلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار شېھىت ھېسابلىنامدۇ؟

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2014 - 1436

    هل من قتل في حرب مع الشيوعيين يعتبر شهيداً

    « باللغة الأويغورية »

    اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء والدعوة والإرشاد

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2014 - 1436

    دىنسىز كوممۇنىستلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار شېھىت ھېسابلىنامدۇ؟

    9478- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    كوممۇنىست ئارمىيىسىدا خىزمەت ئۆتەۋاتقان مۇسۇلمان ئەسكەرلەر بىلەن كاپىر ئەسكەرلەر ئارىسىدا پات-پات توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ جەرياندا ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن ئەسكەرلەر ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى كوممۇنىست ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلمانلارنى شېھىتلەرنىڭ قاتارىدىن دەپ قارىساق توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرىمىز، ئۇلارنىڭ نىيەتلىرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: بىرسى باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ، يەنە بىرسى ئۆز مىللىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ، يەنە بىرى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ۋە رىيا قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ، بۇلارنىڭ قايسىسى ئاللاھ يولىدا جىھات قىلغان ھېسابلىنىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىمكى ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدىكەن ئۇ كىشى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغان بولىدۇ،» دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. بۇخارى 1-توم 40-ھەدىس. مۇسلىم 3-توم 1513-ھەدىس].

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسەن، كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنى ئالى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن ئۇ كىشى شېھىت ھېسابلىنىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن. [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى (12/23)].