مىيقاتتىن ئېھرامغا كىرمەي ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ھۆكمى
بۇ ھۆججەت تەرجىمە قىلىنغان
كاتوگورىيەلەر
مەنبە
Full Description
مىيقاتتىن ئېھرامغا كىرمەي ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ھۆكمى
[ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]
پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ
2014 - 1435
حكم تجاوز الميقات بدون إحرام
« باللغة الأويغورية »
فضيلة الشيخ محمد بن صالح العثيمين
ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز
مراجعة: نظام الدين تمكيني
2014 - 1435
مىيقاتتىن ئېھرامغا كىرمەي ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ھۆكمى
47357- نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
ئېھرامغا كىرىدىغان ئورۇنلاردىن ئېھرام كىيمەي ئۆتۈپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.
بەلگىلەنگەن ئورۇندىن (مىيقاتتىن) ئېھرامغا كىرىش بولسا، ھەج-ئۆمرىدە مۇھىم بولغان ئەمەللەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھەج ياكى ئۆمرىنى مەقسەت قىلغۇچى ھەرەمگە ھاۋا يولى ياكى دېڭىز يولى ۋە ياكى قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق كەلسۇن، ئېھرامغا كىرمەستىن مىيقاتتىن ئۆتىشى توغرا بولمايدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللادىن، ھەج ياكى ئۆمرە قىلغۇچى مىيقاتتىن ئېھرام كىيمەي ھەرەمگە كەلسە قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: "مىيقاتتىن ئېھرام كىيمەي ئۆتۈپ كەتكەن كىشى مۇنداق ئىككى ھالەتتىن خالى بولالمايدۇ: بىرى، ئۇ كىشى ھەج-ئۆمرىنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن ئېھرامغا كېرىش ئۈچۈن مىيقاتقا قايتىپ ئېھرامغا كىرىپ ھەرەمگە قايتا كىرىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، ئۇ كىشى ھەج ياكى ئۆمرە ئىبادىتىدە قىلىش زۆرۈر بولغان (ۋاجىپ) ئەمەلنى تەرك قىلغان بولىدۇ. ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قارىشى بويىچە، ئۇ كىشىگە پىديە كېلىدۇ. يەنى قويدىن بىرنى ئۆلتۈرۈپ مەككىدىكى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ.
يەنە بىرى: ئەگەر ئۇ كىشى ھەج ياكى ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلماستىن مىيقاتتىن ئۆتكەن بولسا، بۇ كىشى مەككىدە كۆپ ياكى ئاز ۋاقىت تۇرسۇن ئۇ كىشىگە ھېچنەرسە بولمايدۇ، (يەنى پىديە كەلمەيدۇ). چۈنكى مىيقاتتىن ئۆتكەن ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئېھرام كىيىش زۆرۈر دەپ قارالسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىگە ھاياتىدا بىر قانچە قېتىم ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش پەرز قىلىنغان بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، مۇسۇلمان ئۈچۈن ھەج قىلىش ئۆمرىدە بىر قېتىم پەرز بولىدۇ، دېيىلگەن. ئەمما ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولغىنى نەپلە بولىدۇ.
مانا بۇ ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كۈچلۈك قارىشى بويىچە، ھەج ياكى ئۆمرىنى مەقسەت قىلماستىن بەلگىلەنگەن ئورۇندىن (يەنى مىيقاتتىن) ئېھرامسىز ئۆتكەن كىشىگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، قايتىدىن مىيقاتقا چىقىپ ئېھرامغا كىرىپ مەككىگە قايتىشى كېرەك ئەمەس." [پىقھۇل ئىبادات ناملىق ئەسەر 283-بەت. ئىسلام ئاساسلىرى توغرىسىدا پەتىۋالار ناملىق ئەسەر 513-بەت].
مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، بىزنىڭ سىزگە بېرىدىغان جاۋابىمىز، سىز ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن ئېھرام كىيىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قايتىپ، ئېھرامغا كىرگەندىن كىيىن قايتىدىن كېلىشىڭىز ۋاجىپ بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلماستىن، ئايدۇرۇمدا ياكى مەككىدە ئېھرام كىيسىڭىز ئۇ ۋاقىتتا ئەھلى ئىلىملارنىڭ قارىشى بويۇنچە سىزگە بىر قوي جازا كېلىدۇ، بۇ قوينى مەككىدە ئۆلتۈرۈپ، شۇ يەردىكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىشىڭىز ۋاجىپ بولىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.