ئېھرامغا كىرگۈچىنىڭ ئادەتتىكى كىيىم-كېچەكنى سىلىۋېتىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟
بۇ ھۆججەت تەرجىمە قىلىنغان
كاتوگورىيەلەر
مەنبە
Full Description
ئېھرامغا كىرگۈچىنىڭ ئادەتتىكى كىيىم-كېچەكنى سىلىۋېتىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟
[ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]
پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ
2014 - 1435
الحكمة من تجرد المحرم من ثيابه المعتادة
« باللغة الأويغورية »
فضيلة الشيخ محمد بن صالح العثيمين
ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز
مراجعة: نظام الدين تمكيني
2014 - 1435
ئېھرامغا كىرگۈچىنىڭ ئادەتتىكى كىيىم-كېچەكنى سىلىۋېتىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟
109350- نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
ھەج-ئۆمرە ئىبادەتلەردە ئېھرام كىيگۈچىنىڭ تىكىلگەن كىيىم كېچەكلەرنى كەيمەسلىكىدىكى ھېكمەت نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ رەببىگە ئىچكى-تاشقى تەرەپتىن مۇكەممەل باش ئەگكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئېھرام كىيگەندە يىڭنىدە تىكىلگەن كىيىم-كېچەكلەرنى سىلىپ تاشلايدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ رىدا ۋە ئىزار (بىردانە ئاستى كىيىم ۋە بىر دانە ئۈستى كىيىم) دىن ئىبارەت ئىككى پارچە رەختنى كىيىم ئورنىدا قوللىنىشى ئۆزىنى ناھايىتى بەك تۆۋەن تۇتقانلىقىدىندۇر. سىز ھەج پائالىيىتى جەريانىدا ئەڭ ئېسىل كىيىم-كېچەكنى كىيەلەيدىغان باي كىشىلەرنى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇشتا، ئەڭ كەمبەغەل كىشىلەرگە ئوخشاش ھالەتتە كۆرىسىز.
بۇنىڭدىكى يەنە بىر ھېكمەت: مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بىرلىكنى نامايەندە قىلىش، ھەتتا ئۇلارنىڭ كىيىملىرىمۇ بىر خىل بولىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىر كەبىنى تاۋاب قىلىدۇ، بىر ئورۇندا تۇرىدۇ، بىر ئورۇندا قونىدۇ، بىر ئورۇندا تاش ئاتىدۇ. (ھەج ئىبادىتى جەريانىدىكى بارلىق پائالىيەتلەر بىرخىل ئۇسۇلدا ئىلىپ بېرىلىدۇ).
يەنە بىر ھېكمەت: شۇ ئارقىلىق ئىنسان ئۆزىنىڭ دۇنيادىن كېتىدىغان ۋاقتىدا ئىھرامدىكىدەك ھالەتتە كېتىدىغانلىقىنى ئەسلەيدۇ. چۈنكى ئىنسان دۇنيادىن ھەرگىزمۇ ئېسىل كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەن ھالەتتە ئايرىلمايدۇ، بەلكى دۇنيادىن كېپەن كىيگەن ھالەتتە ئايرىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەممەيلەنگە ياردەم بەرگۈچىدۇر.
[شەيخ ئىبنى ئۈسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 22-توم 136-بەت].