×
ئىپتارلىق تاماق تەييارلاشتا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش روزىنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋىتەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

    106459- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ئىپتارلىق تاماق تەييارلاشتا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش روزىنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋىتەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

    بۇ روزىنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ، چۈنكى ئېغىز ئاچقاندىن كېيىن ئىنساندىن سادىر بولغان چەكلەنگەن ئىش گەرچە روزىنىڭ ساۋابنى كېمەيتىۋەتمىسىمۇ لېكىن ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ﴿وَكُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ وَلَا تُسۡرِفُوٓاْۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ ﴾ تەرجىمىسى: «يەڭلەر، ئېچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ» [سۈرە ئەئراپ 31-ئايەت] دېگەن ئايەتنىڭ ھۆكمىگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئىسراپخورلۇق چەكلەنگەن ئىش، ئىقتىسادچان بولۇش تۇرمۇشنىڭ يىرىمىدۇر. يېمەك-ئىچمەك ھاجەتتىن تاشقىرى كۆپ بولۇپ قالسا، ئىسراپ قىلماستىن كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىش ئەۋزەلدۇر.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 2- توم 118-بەتكە مۇاجىئەت قىلىنسۇن.