رامزاننىڭ كۈندۈزىدە قان ئالدۇرۇش روزىنى سۇندۇرامدۇ؟
كاتوگورىيەلەر
Full Description
رامزاننىڭ كۈندۈزىدە قان ئالدۇرۇش روزىنى سۇندۇرامدۇ؟
[ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ
2014 - 1435
سحب الدم هل يبطل الصيام ؟
« باللغة الأويغورية »
اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء والدعوة والإرشاد
ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز
مراجعة: نظام الدين تمكيني
2014 - 1435
رامزاننىڭ كۈندۈزىدە قان ئالدۇرۇش روزىنى سۇندۇرامدۇ؟
37780-نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئوكۇل يىڭنىسى ئارقىلىق ئىنسان بەدىنىدىن قان ئالسا روزا بۇزۇلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.
ئوكۇل يىڭنىسى ئارقىلىق ئېلىنغان قان ئاز مىقداردا بولسا، ئۇ كۈندىكى روزىنى قايتا تۇتۇش كېرەك بولمايدۇ. ئەمما ئىلىنغان قان كۆپ بولسا، ئىختىلاپتىن ساقلىنىش ۋە ئېھتىيات يۈزىسىدىن شۇ كۈنلۈك روزىنى قايتا ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ. [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى (10\263)].
شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن قان تەكشۈرتۈش ئۈچۈن رامزاننىڭ كۈندۈزىدە قان ئالدۇرسا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "قان تەكشۈرتۈش ئۈچۈن ئىلىنغان قان روزىنى بۇزمايدۇ بەلكى بۇنىڭدىن ئەپۇ قىلىنىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئەھۋال پاك شەرىئەتتە روزىنى بۇزىدىغان ئامىللاردىن بولماستىن، بەلكى ئىنساننىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈندۇر. ["ئىسلام پەتىۋالىرى"2-توم 133-بەت].
شەيخ ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر رامىزان ئېيىنىڭ كۈندۈزى روزا تۇتقۇچى بىرەرسىگە كۆپرەك قان ئىئانە قىلسا، ھىجامە قىلدۇرغانلىققا قىياس قىلىش بىلەن ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. چۈنكى ئۇ بىرەر كېسەلنى قۇتقۇزۇپ قىلىش ئۈچۈن ياكى جىددى قان كېرەك بولغاندا ئىشلىتىش ئۈچۈن تومۇردىن ئېلىنغان قاندىن ئىبارەتتۇر. ئەمما قان تەكشۈرۈتۈش ئۈچۈن يىڭنە بىلەن ئاز مىقداردا قان ئالدۇرغان بولسا روزا بۇزۇلمايدۇ". ["ئىسلام پەتىۋالىرى"2-توم 133-بەت.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.