×
ئاپتور ماقالىسىدا، ۋىتىر نامىزىنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە پەزىلىتى، ئۇنىڭ ھۆكمى ۋە ئادا قىلىنىدىغان ۋاقتى، رەكئەت سانى ۋە ئوقۇش ئۇسۇلى، قازا بولغان ۋىتىر نامىزىنى قانداق ئوقۇش كېرەكلىكى، قۇنۇت دۇئاسىنىڭ ھۆكمى قاتارلىق ۋىتىر نامىزىغا ئالاقىدار بولغان مەسىلىلەرنى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىف نۇرى ئاستىدا ئوقۇرمەنلەرگە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

ۋىتىر نامىزى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر

[ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

مىنەۋۋەر بىنتى نېئمەتۇللاھ

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

2014 - 1435

صلاة الوتر ومسائل التي تتعلق بها

« باللغة الأويغورية »

منورة بنت نعمة الله

مراجعة: نظام الدين تمكيني

2014 - 1435

 ۋىتىر نامىزى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر

 ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

 بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئۇلۇغ ئاللاھغا خاستۇر. بۈيۈك رەببىمىزدىن نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن، ئەمەللىرىمىزنىڭ ناچارلىقىدىن ئۇنىڭغا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمىز. سۆيۈملۈك رەسۇلىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابە كىراملارغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز.

 ئاللاھ بەندىلىرىگە ئىكرام قىلىپ، ئۇلارنىڭ دەرىجىلىرىنى ئۈستۈن ۋە خاتالىقلارنى كەچۈرۈم قىلىش ئۈچۈن ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىن نەپلە نامازلار بولۇپ، ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق دېگەن: «بەندەمنىڭ ماڭا مەن پەرز قىلغان ئەمەل ئارقىلىق يېقىنلىق ئىزدىگىنى، مەن ئۈچۈن باشقا ھەرقانداق ئەمەل ئارقىلىق يېقىنلىق ئىزدىگىنىدىنمۇ سۆيۈملۈكتۈر، بەندەم بۇيرۇلغان پەرز ئەمەللەردىن سىرت ماڭا قوشۇمچە(يەنى نەپلە)ئەمەللەر بىلەن يېقىنلىشىدۇ، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن...». [بۇخارى رىۋايىتى].

 نەپلە نامازغا ئەھمىيەت بېرىش جەننەتكە كىرىش ۋە سۆيۈملىك پەيغەمبىرىمىزنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىشتىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەبىئە ئىبنى كەئەب ئەسلىمىگە: «مەندىن سورىغىن» دېگەندە ئۇ ساھابە: مەن سىلىدىن جەننەتتىمۇ سىلىگە ھەمرا بولۇشۇمنى ئاللاھتىن سوراپ دۇئا قىلىشلىرىنى سورايمەن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭدىن باشقا نەرسە سورىمامسەن؟» دېۋىدى، ئۇ: پەقەت مۇشۇلا دىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداقتا، سەجدىنى كۆپ قىلىش بىلەن ماڭا ياردەم بەرگىن،» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى].

 ۋىتىر نامىزى نەپلە نامازلارنىڭ ئەۋزىلى ۋە تەرك ئېتىلمەسلىكى تەۋسىيە قىلىنغان ئىبادەتلەر جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كېچە نامازلىرىغا ئەھمىيەت بەرگەن كىشىلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿كَانُوا قَلِيلًا مِّنَ اللَّيْلِ مَا يَهْجَعُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى.» [سۈرە زارىيات 17- ئايەت].

 ۋىتىر كەلىمىسى ئەرەبچە سۆز بولۇپ، لۇغەت مەنىسىدە: تاق، يالغۇز دېگەن مەنانى بىلدۇرىدۇ. ئەمما شەرئى ئاتالغۇسىدا: ناماز خۇپتەن بىلەن بامدات نامىزى ئارىسىدا ئوقۇلىدىغان ۋە كېچە نامىزى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدىغان، بىر رەكئەتلىك، ئۈچ رەكئەتلىك، بەش رەكئەتلىك، يەتتە رەكئەتلىك، توققۇز رەكئەتلىك نەپلە نامازنىڭ خاس ئاتالغۇسىدۇر. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا تاقتۇر، تاقنى ياخشى كۆرىدۇ، ئى قۇرئان ئەھلى! ۋىتىر ئوقۇڭلار.» [ئەبۇداۋۇد ۋە نەسائى رىۋايىتى].

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىتىر نامىزىنى مۇقىملىق ھالىتىدە ياكى سەپەردە بولسۇن تەرك قىلمىغانلىقى ۋە ساھابىلارغا مەزكۇر نامازنى مۇھاپىزەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشىنىڭ ئۆزىلا، بۇ نامازنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىگە يېتەرلىك دەلىلدۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ. «ماڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: ھەرئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، ئىككى رەكئەت دۇھا نامىزى (چاشكا نامىزى) ئوقۇش ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋىتىر نامىزى ئوقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشنى تەۋسىيە قىلدى، مەن ئۇنى ھايات بولساملا تەرك قىلمايمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

 ۋىتىر نامىزىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئىماننىڭ ئالامەتلىرىدىن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ۋىتىر نامىزىنى مۆمىنلەردىن باشقىلار مۇھاپىزەت قىلمايدۇ.» ۋىتىر نامىزى بەشۋاخ پەرز نامازدىن قالسىلا چاشكا نامىزى ۋە باشقا نەپلە نامازلاردىن ئەڭ ئەۋزەل ئەمەل ھېسابلىنىدۇ.

 ۋىتىر نامىزى تەكىتلەنگەن سۈننەت بولۇپ، بەزى ئۆلىمالار ۋاجىپ دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئەمما تۆۋەندىكى ھەدىسلەر ئۇنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ۋىتىر نامىزى پەرز نامازدەك پەرز قىلىنغان ئەمەس، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى سۈننەت قىلىپ بېكىتكەن.» [ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان].

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئاز ئىبنى جەبەلنى يەمەنگە ئەۋەتكەندە ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ نەسىھەت قىلغان: «شۈبھىسىزكى، سەن ئەھلى كىتابلارنىڭ يېنىغا بارىسەن. ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مېنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرغىن. ئەگەر ئۇلار بۇ چاقىرىقنى قوبۇل قىلسا، ئاللاھ -ئەززە ۋە جەللە- ئۇلارغا بىر كېچە- كۈندۈزدە بەش ۋاخ نامازنى پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن.» [بۇخارى رىۋايىتى 4090-ھەدىس]. ئۆلىمالار بۇ ھەدىستىن ئەگەردە ۋىتىر نامىزى ۋاجىپ بولغان بولسا ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئاللاھ تائالا ئالتە ۋاخ نامازنى پەرز قىلىپ بېكىتتى، دېگەن بولاتتى. چۈنكى ۋاجىپ دېگەن پەرزنىڭ ئوزىدۇر دېگەن قاراشتا بولغان.

 سالىم ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلىغىنىڭ ئۈستىدە قايسى تەرەپكە يۈزلەنگەن بولسا شۇ ھالەتتە ۋىتىر ئوقۇغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا پەرز نامازلارنى بۇ ھالەتتە ئوقۇمايتتى،» دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى]. ئۆلىمالار بۇ ھەدىسنى پەرز نامازلارنى ئۇلاغ ئۈستىدە ۋە قايسى تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقان بولسا، شۇ تەرەپكە يۈزلەنگەن ھالەتتە ئوقۇشنىڭ جايىز ئەمەسلىكىگە، شۇنداقلا ۋىتىر نامىزىنىڭ تەكىتلەنگەن سۈننەت نامازلىرىدىن ئىكەنلىكىگە دەلىل قىلغان.

 ۋىتىر نامىزى خۇپتەن نامىزىدىن كىيىن تاكى بامداتقا ئەزان ئېيتىلغۇچە قەدەر ۋاقىت ئارىسىدا ئوقۇلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرگە بىر ناماز بىلەن ياردەم بەردى، ئۇ ۋىتىر نامىزىدىن ئىبارەتتۇر، ئۇنى خۇپتەندىن كىيىن بامدات ۋاقتىگىچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئوقۇڭلار.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

 ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇشنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ۋاقتى كېچىنىڭ ئاخىرىقى قىسمى بولۇپ، كىمكى كېچىنىڭ ئۈچتەن بىرىدە ئويغىنىشقا ئىشەنچ قىلالىسا كېچىكتۈرگىنى ياخشىدۇر. بولمىسا خۇپتەندىن كىيىن ياكى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئادا قىلىشى كېرەك. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى كېچىنىڭ ئاخىرىسىدا تۇرالماسلىقتىن ئەنسىرىسە، كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدىلا ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇۋالسۇن. كىمكى كېچىدە ئويغىنىشقا ئىشەنچىسى بولسا، ۋىتىرنى كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇسۇن. شۈبھىسىزكى، كېچىنىڭ ئاخىرىدىكى ناماز پەرىشتىلەر ھازىر بولىدىغان نامازدۇر. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتىكى ناماز ئەۋزەلدۇر.» [مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].

 ۋىتىر نامىزى ئەڭ ئاز دېگەندە بىر رەكئەت ئەڭ يۇقىرىسى ئونبىر رەكئەتتىن ئونئۈچ رەكئەتكىچە ئوقۇلىدۇ. ‏پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ۋىتىر نامىزى ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ئاللاھنىڭ ھەققىدۇر، كىمكى بىر رەكئەت ۋىتىر ئوقۇشنى ياخشى كۆرسە ئوقۇسۇن، كىمكى ئۈچ رەكئەت ۋىتىر ئوقۇشنى ياخشى كۆرسە ئوقۇسۇن، كىمكى بەش رەكئەت ۋىتىر ئوقۇشنى ياخشى كۆرسە ئوقۇسۇن.» [ئەبۇداۋۇد، نەسائى، ئىبنى ماجە، ئەھمەد رىۋايىتى].

 ۋىتىر نامىزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن نەقىل قىلىنغان ئالتە خىل ئوقۇش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇلار توۋەندىكىدىن ئىبارەتتۇر:

 1-بىر رەكئەت ئوقۇغاندا سۈرە فاتىھەدىن كىيىن سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇپ ئاندىن رۇكۇغا بېرىپ، ئىككى سەجدىدىن كىيىن تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ سالام بېرىدۇ. بۇ ھەقتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە ئوقۇيدىغان ئونبىر رەكئەت نامازدىن، بىر رەكئەتنى ئايرىم ئوقۇيتتى.» [ئىمام ئەھمەد، مۇسلىم، تىرمىزى، نەسائى ۋە ئەبۇ داۋۇد قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان].

 2-ئۈچ رەكئەتلىك ۋىتىر نامىزىنى ئىككى خىل ئوقۇش ئۇسۇلى بولۇپ، بىرىنچىسى: بىر تەشەھھۇد بىر سالام بىلەن ئوقۇش. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىتىر نامىزىنى ئۈچ رەكئەت ئوقۇيتتى، ئۇ، نامازلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تەشەھھۇدتتا ئولتۇراتتى.» [ھاكىم رىۋايىتى].

 ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ رەكئەتلىك ۋىتىر نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئىتىدە سۈرە ئەئلانى، ئىككىنچى رەكئىتىدە سۈرە كافىرۇننى، ئۈچىنچى رەكئىتىدە سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇيتتى، ئۇ، نامازلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا سالام بېرەتتى.» [نەسائىي رىۋايىتى. ئالبانى سەھىھ دېگەن].

 ئىككىنچىسى: ئىككى رەكئەتتىن كىيىن تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ سالام بېرىپ، ئۈچىنچى رەكئەتنى ئايرىم ئوقۇپ سالام بېرىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى رەكئەت ناماز بىلەن ئاخىرىقى بىر رەكئەت ناماز ئارىسىنى سالام بىلەن ئايرىيتتى، بىز ئۇنى ئاڭلايتتۇق.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايتى. بۇ ھەدىسنى ئالبانى سەھىھ دېگەن].

 ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ۋىتىر نامىزىنىڭ ئىككى سالام بىلەن ئايرىپ ئوقۇلغىنى ئەڭ ئەۋزەلدۇر، چۈنكى بۇ توغرىدا كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر ئىنتايىن كۆپتۇر. شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق نىيەت يېڭىلىنىدۇ ۋە ۋۋۋە كۆپرەك ئىبادەت قىلىش پۇرسىتى بولىدۇ، ناماز باشلاش دۇئاسى ۋە تەشەھھۇدتا ئۆقۇلىدىغان دۇئا ۋە سالاملار تەكرار ئوقۇلىدۇ. ئۈچ رەكئەتلىك ۋىتىر نامىزىنى ئىككى تەشەھھۇد بىر سالام بىلەن ئوقۇش جايىز ئەمەس، بەلكى بۇخىل ئوقۇش ئۇسۇلى مەنئى قىلىنغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ۋىتىرنى شام نامىزىغا ئۆخشاش شەكىلدە ئوقۇماڭلار، بەش رەكئەت ئوقۇڭلار ياكى يەتتە رەكئەت ئوقۇڭلار.» [ئىبنى ھەببان ۋە بەيھەقى رىۋايىتى. ھاپىز رەھىمۇھۇللاھ بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم ۋە ئىمام بۇخارىنىڭ ھەدىس قوبۇل قىلىش شەرتىگە چۈشىدۇ دەپ بېكىتكەن. ئىمام زەھەبى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى كۈچلۈك دەپ قارىغان].

 3-بەش رەكئەتلىك ۋىتىر نامىزىنى بىر خىل ئوقۇش ئۇسۇلى بولۇپ، بەش رەكئەتنى ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلاپ ئوقۇپ، ئاخىرىقى رەكئەتتە تەشەھھۇدتا ئولتۇرىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە ئون ئۈچ رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى، بۇنىڭ بەش رەكئىتى ۋىتىر بولۇپ، بۇ نامازنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تەشەھھۇدتا ئولتۇراتتى.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

 4-يەتتە رەكئەتلىك ۋىتىر نامىزىنىڭ ئىككى خىل ئوقۇش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىدىن ئىبارەتتۇر:

 بىرىنچىسى: ئالتە رەكئەتنى ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلاپ ئوقۇپ، ئالتىنچى رەكئەتتە تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ سالام بەرمەستىن يەتتىنچى رەكئەتنى ئوقۇپ تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ سالام بېرىدۇ.

 ئىككىنچىسى: يەتتە رەكئەتنى بىر تەكبىر بىر تەشەھھۇد بىلەن ئوقۇپ سالام بېرىدۇ. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەش رەكئەت ۋە يەتتە رەكئەت قىلىپ ۋىتىر ئوقۇيتتى ۋە ئۇ نامازلارنىڭ ئارىسىنى سالام بىلەن ئايرىۋەتمەيتتى.» [نەسائىي رىۋايىتى. بۇ ھەدىسنى ئالبانى سەھىھ دېگەن].

 5-توققۇز رەكئەتلىك ۋىتىر نامىزىنىڭ بىر خىل ئوقۇش ئۇسۇلى بولۇپ، سەككىز رەكئەتنى بىر ئوقۇپ تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ سالام بەرمەستىن توققۇزۇنچى رەكئەتنى ئوقۇپ سالام بېرىدۇ. بۇ ھەقتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسۋىكىنى ۋە تاھارەت ئىلىشى ئۈچۈن سۈيىنى تەييارلايتتۇق، ئاللاھ قاچانكى ئۇنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەندىن تارتىپ، ئۇ، كېچىسى تۇرۇپ مىسۋاك ئىشلىتىپ تاھارەت ئالاتتى ۋە توققۇز رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى، سەككىزىنچى رەكئەتتە تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ ئاللاھنى زىكىر قىلىپ ھەمدۇ ئېيتىپ دۇئا قىلغاندىن كىيىن سالام بەرمەستىن ئورنىدىن تۇرۇپ، توققۇزۇنچى رەكئەتنى ئوقۇپ تەشەھھۇدتا ئولتۇراتتى ۋە ئاللاھنى زىكىر قىلىپ ھەمدۇ ئېيتىپ دۇئا قىلىپ، بىز ئاڭلىغىدەك ھالەتتە سالام بىرەتتى.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

 6-ئونبىر رەكئەتلىك ۋىتىر نامىزىنىڭ بىر خىل ئوقۇش ئۇسۇلى بولۇپ، ھەر ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ، ئاخىرىدا بىر رەكئەت ۋىتىرنى ئايرىم ئوقۇپ سالام بېرىدۇ.

 مانا بۇ يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغانلىرى ۋىتىر نامىزىنىڭ سۈننەتتە بايان قىلىنغان ئوقۇش ئۇسۇللىرىدىن ئىبارەتتۇر.

 كىمكى ۋىتىر نامىزى ئوقۇماستىن ئۇخلاپ قىلىپ سەھەردە ئويغىنالماي قالسا ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن كېچىسى ئوقۇيالمىغان بولسا، چاشكا ۋاقتىدىن تارتىپ ئوقۇسا بولىدۇ.

 ئەبى سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ۋىتىر نامزىنى ئوقۇماستىن ئۇخلاپ قالسا ياكى ئۇنتۇسا ئېسىگە كەلگەندە ئوقۇسۇن.» [ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى].

 ۋاقتى ئۆتكەن ۋىتىر نامىزى(يەنى قازا بولغان ۋىتىر نامىزى) كۈندۇزى تاق ئوقۇلمايدۇ. چۈنكى ۋىتىر نامىزى كېچىدە ئوقۇلىدىغان ناماز بولغانلىقى ئۈچۈن، سۈبھى يورۇغاندىن كىيىنلا تاق نامازلىق خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ۋىتىر نامىزىنى تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى ئادا قىلىڭلار.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

 يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ۋىتىر نامىزىنى خۇپتەن نامىزى بىلەن بامدات نامىزى ئارىسىدىكى ۋاقىتتا ئوقۇڭلار.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

 ئەگەردە كىمكى ۋىتىر نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلماقچى بولسا، مەزكۇر نامازنى كېچىدە بىر رەكئەت ئوقۇپ ئادەتلەنگەن كىشى، ئۇنىڭغا يەنە بىر رەكئەت قوشۇپ ئوقۇيدۇ. ئەگەر كېچىدە ئۈچ رەكئەت ئوقۇپ ئادەتلەنگەن بولسا، ئۇنىڭغا بىر رەكئەت قوشۇپ ئىككى رەكئەتتىن قىلىپ تۆت رەكئەت ئوقۇيدۇ. ئەگەر كېچىدە بەش رەكئەت ئوقۇپ ئادەتلەنگەن بولسا، ئۇنىڭغا بىر رەكئەت قوشۇپ ئالتە رەكئەتنى ئىككى رەكئەتتىن قىلىپ ئوقۇيدۇ.

 كىمكى ۋىتىر نامىزىغا كېچىنىڭ ئاخىرىقى قىسمىدا تۇرالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، خۇپتەن نامىزىدىن كىيىنلا ياكى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئوقۇپ ئۇخلىسا، ئەگەر ئۇ كىشى كېچىنىڭ ئاخىرىقى قىسمىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇماقچى بولسا ۋىتىر ئوقۇماستىن تەھەججۇد نامىزى ئوقۇيدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىچىدە ئىككى قېتىم ۋىتىر ئوقۇش يوق.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

 تۆت مەزھەپ ئۆلىمالىرىنىڭ دۇئايى قۇنۇت توغرسىدىكى كۆز قاراشلىرى تۆۋەندىكىدەك:

 مالىكى مەزھەب ئالىملىرى: بامدات نامىزىدىلا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇلىدۇ، ۋىتىر ۋە باشقا نامازلاردا دۇئايى قۇنۇت ئوقۇلمايدۇ دەپ قارايدۇ.

 شافىى مەزھەب ئالىملىرى: رامىزاننىڭ ئاخىرىقى يىرىمىدىن باشقا ۋاقىتلاردىكى نامازدا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇلمايدۇ. ئەگەر مۇسۇلمانلارنىڭ بېشغا بالا-قازا مۇسىبەتلەر چۈشكەن بولسا، بۇ جەرياندا ھەرۋاقىت ناماز بامداتتا ۋە باشقا پەرز نامازلاردا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇلىدۇ دەپ قارايدۇ.

 ھەنىفىي مەزھەب ئالىملىرى: ۋىتىر نامىزىدا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇلىدۇ، ئەمما باشقا نامازلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا قىيىنچىلىق ۋە مۇسىبەت چۈشكەن ۋاقىتلاردا بامدات نامىزىدا ئىمام قۇنۇت ئوقۇيدۇ، جامائەتلەر ئامىن دىيىشىپ بېرىدۇ. يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچى ۋىتىر نامىزىدىن باشقا نامازلاردا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇمايدۇ دەپ قارايدۇ.

 ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرى: ۋىتىر نامىزىدىن باشقا نامازلاردا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇلمايدۇ. پەقەت، مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا ۋابادىن باشقا بالا مۇسىبەتلەر چۈشسە، جۈمە نامىزىدىن باشقا پەرز نامازلاردا ئىمام قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇيدۇ دەپ قارايدۇ. يۇقىرىدىكى سۆزلەر بولسا، تۆت مەزھەب ئۆلىمالىرىنىڭ قۇنۇت دۇئاسى ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىدىن ئىبارەتتۇر.

 بۇ مەسىلىدە ئەڭ ئىشەنچىلىك بولغىنى بولسا: پەرز نامازلاردا پەقەت، مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا مۇسىبەت ۋە بالايى -ئاپەتلەر چۈشكەندە قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇش كېرەك. ئەمما ۋىتىردا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇغانلىقى توغرسىدىكى ھەدىس سەھىھ ھەدىس ئەمەس، لېكىن سۈننەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ۋىتىر نامىزىدا ئوقۇيدىغان «ئى ئاللاھ مىنى سەن ھىدايەت قىلغان بەندىلىرىڭ قاتارىدا ھىدايەت قىلغىن...» دېگەن دۇئانى تەلىم بەرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بەزى ئەھلى ئىلىملەر بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ قارىغان. ناماز ئوقۇغۇچى قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇشنى ھەرۋاقىت ئادەتكە ئايلاندۇرىۋالماستىن، بەزىدە ئوقۇپ، يەنە بەزىدە تەرك قىلغىنى ياخشى دەپ قارىلىدۇ. [شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئەلئۇسەيمىين].

 ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى ۋىتىر نامىزىنى قەستەن تەرك ئېتىدىكەن، ئۇ ياخشى كىشى ئەمەس ۋە گۇۋاھلىققىمۇ يارىمايدۇ" ئىمام ئەھمەد يۇقىرىقى سۆزى بىلەن ۋىتىر نامىزىنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدا نەقەدەر ئەھمىيەتلىك سۈننەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. [ئەلمۇغنى 2-توم 594-بەت].

 شەيخۇل ئ‍ىسلام ئ‍ىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى ۋىتىر نامىزىنى ئ‍ىزچىل تۈردە تەرك ئ‍ېتىدىكەن ئ‍ۇنىڭ گۇۋاھچىلىقى رەت قىلىنىدۇ".

 ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ھەممىمىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا مۇيەسسەر قىلسۇن.