×
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2014 - 1435

    حكم الاحتفال بالمولد النبوي

    « باللغة الأويغورية »

    الشيخ عبدالعزيز بن عبدالله بن باز

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2014 - 1435

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

    ناھايتى شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابە كىراملارغا ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىش ۋە پائالىيەت جەريانىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا سالام يوللاش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەۋلۇت كۈنىدە ئىلىپ بېرىلىدىغان باشقا ئەمەللەرنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا كۆپ سوئاللار سورالدى. بۇنىڭ جاۋابىنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز:

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئىلىپ بېرىش توغرا ئەمەس، چۈنكى بۇ دىندا ئەسلى بولمىغان بىدئەت ئىشلاردىندۇر.

    بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىزباسار خەلىپىلەر، ساھابىلار (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن)، شۇنداقلا دەسلەپكى دەۋرىدە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەن تابىئىنلاردىن ھېچبىر كىشى قىلغان ئىش ئەمەس. ئۇلار كېيىنكى دەۋرىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى ياخشىراق بىلگۈچى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بەكراق ياخشى كۆرگۈچى ۋە كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلغۇچى كىشىلەردۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى بىزنىڭ ئىشىمىزدا (دىنىمىزدا) يوق نەرسىنى پەيدا قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ (يەنى قوبۇل قىلىنمايدۇ)». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ سۈننىتىم بىلەن، ئۆزى توغرا يولدا بولغۇچى ۋە باشقىلارنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى خەلىپىلەرنىڭ يولىنى چىڭ تۇتۇڭلار، ۋە ئۇنىڭغا چىشىڭلارنى چىشلەپ تۇرۇپ ئەمەل قىلىڭلار، بىدئەت ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار، شۈبھىسىزكى، دىندا پەيدا قىلىنغان ھەرقانداق يېڭىلىق بىدئەتتۇر، ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» [ئەبۇ داۋۇت ۋە تىرمىزى رىۋايىتى].

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى ھەدىس دىندا بولمىغان بىدئەت ئىشلارنى پەيدا قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا﴾ تەرجىمىسى: «پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.» [سۈرە ھەشىر 7-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ﴾ تەرجىمىسى: «پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن.» [سۈرە نۇر 63-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَّقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّـهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُو اللَّـهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّـهَ كَثِيرًا﴾ تەرجىمىسى: «سىلەرگە - ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە - رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر.» [سۈرە ئەھزاب 21-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالسَّابِقُونَ الْأَوَّلُونَ مِنَ الْمُهَاجِرِينَ وَالْأَنصَارِ وَالَّذِينَ اتَّبَعُوهُم بِإِحْسَانٍ رَّضِيَ اللَّـهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ وَأَعَدَّ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي تَحْتَهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ﴾ تەرجىمىسى: «ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر (يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار) دىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھ تىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر.» [سۈرە تەۋبە 100-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الْإِسْلَامَ دِينًا﴾ تەرجىمىسى: «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم.» [سۈرە مائىدە 3-ئايەت].

    بۇنىڭغا ئوخشاش دىندا ئەسلى بولمىغان مەۋلۇت پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلىشىدىن: ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن دىننى مۇكەممەل قىلىپ بەرمىگەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممەتنىڭ ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىنىدىغان ئەمەللەرنى تولۇق يەتكۈزمىگەن دېگەن ئۇقۇم شەكىللىنىدۇ. ھەتتا كېيىنكى ئاشۇ كىشىلەر دىندا ئاللاھ تائالا رۇخسەت قىلمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلىپ، ئۆز چۈشەنچىسىدە مەزكۇر ئىش بىزنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدۇ دەپ ئويلىدى. ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەقىقەتەن خەتەرلىك ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە دىننى مۇكەممەل قىلىپ، نېمەتلەرنى تولۇقلاپ بەردى.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ۋە روشەن يەتكۈزدى. جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان ۋە دوزاختىن يىراق قىلىدىغان بارلىق يوللارنى ئۈممەتكە تولۇق بايان قىلىپ بەردى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قېلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ھەرقانداق بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتسە، ئۇ پەيغەمبەر ئۈممىتىنى ياخشىلىققا باشلايدۇ ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئۇلارغا تەلىم بېرىدۇ، يامان-ناچار ئەمەللەردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە ئۇ ئىشلارنىڭ ماھىيىتىنى ئۈممىتىگە بايان قىلىپ بېرىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس].

    ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋزىلى ۋە تۈگەنچىسىدۇر. ئۈممەتكە نەسىھەت قىلىش ۋە دىننى يەتكۈزۈشتە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ كامىلراقىدۇر. ئەگەر تۇغۇلغان كۈنىدە پائالىيەت ئىلىپ بېرىش دىندا ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان ئەمەللەردىن بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممەتكە بايان قىلىپ بەرگەن بولاتتى ياكى ھايات ۋاختىدا ئۆزى قىلاتتى ۋەياكى ساھابىلار قىلغان بولاتتى. مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىش ھەققىدە بىرەر شەرئى دەلىلنىڭ بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ ئىسلام دىندا ئەسلى بولمىغان بىدئەت ئىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بەلكى ئۇ، بىز يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، پەيغەمبەرئەلەيھسسالام ئۈممىتىنى ئاگاھلاندۇرغان بىدئەت ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

    يۇقىرىدىكى ھەدىسنى كۈچلەندۈرىدىغان باشقا ھەدىسلەرمۇ بايان قىلىنغان بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ جۈمە خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «سۆزنىڭ ئەڭ توغرىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. يولنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر. ئىشلارنىڭ ناچىرى دىندا پەيدا قىلىنغان بىدئەتتۇر، ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى]. بۇ ھەقتە بايان قىلىنغان ئايەت-ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دەلىللەرگە ئەمەل قىلغان ئاساستا، كۆپچىلىك ئالىملار مەۋلۇت پائالىيىتىنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇردى. ئەمما كېيىنكى دەۋىردىكى بەزى ئالىملار: مەۋلۇت پائالىيىتى جەريانىدا دىندا چەكلەنگەن ئىشلار سادىر بولمىسا، يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسلامنى ھەددىدىن زىيادە كۆككە كۆتۈرۈش ۋە ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ پائالىيەت ئىلىپ بېرىش، تۈرلۈك چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىق ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ئىشلار يۈز بەرمىسە، ئۇ ۋاقىتتا مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىش ئىنكار قىلىنىدىغان بىدئەت بولماستىن بەلكى ياخشى بىدئەت بولىدۇ دەپ قارىغان.

    شەرىئەت قائىدىسىدە: كىشىلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ يۈز بەرگەندە تالاش-تارتىش قىلىنغان مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە مۇراجىئەت قىلىش تەلەپ قېلىنىدۇ.

    بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنْكُمْ فَإِنْ تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِنْ كُنْتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ذَلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلاً﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر.» [سۈرە نىسا 59-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا اخْتَلَفْتُمْ فِيهِ مِنْ شَيْءٍ فَحُكْمُهُ إِلَى اللَّهِ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەر (دىن ئۈستىدە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا) ھەر قانداق نەرسە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) ئەنە شۇ ئاللاھ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، (ھەممە ئىشتا) ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلىمەن.» [سۈرە شورا 10-ئايەت].

    بىز مەۋلۇت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمگە قايتۇرساق، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىزنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇيرىغانغا ئەگىشىش ۋە چەكلىگەن ياكى ئاگاھلاندۇرغان ئىشلاردىن ساقلىنىشقا بۇيرىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئاللاھ تائالا بۇ ئۈممەت ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دىنىنى مۇكەممەل قىلىپ بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىش ئاللاھ تائالا بىزگە مۇكەممەل قىلىپ بەرگەن شەرىئەتتە، يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە بۇيرىغان دىنى ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس ۋە رەسۇلۇللاھ بايان قىلىپ بەرگەن شەرئى كۆرسەتمىلەر ئارىسىدا يوق.

    بۇ ئىشنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغانلىقى ياكى قىلىشقا بۇيرىغانلىقى ۋە ساھابىلارنىڭ بىرەرسىنىڭمۇ قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق بىر دەلىلنىڭ يوقلىقى سەۋەبلىك، مەۋلۇت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش دىندا بۇيرۇلغان ئىشلاردىن بولماستىن، بەلكى ئۇ يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەت ئىشلاردىن دەپ بىلىپ، يەھۇدى-ناسارالاردىن ئىبارەت بولغان ئەھلى كىتابلارنىڭ بايرام كۈنلىرىنى خاتىرلەش پائالىيەتلىرىگە ئوخشاپ قالغانلىق بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۇردۇق.

    ھەقىقەتكە قىزىقىدىغان ۋە ئەقلىنى توغرىغا يېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىشتە ئىنساپنى ئۆلچەم قىلىدىغان كىشىلەر، مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىشنىڭ ئىسلام دىنىدىن ئەمەسلىكىنى، بەلكى بۇنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئاگاھلاندۇرغان ۋە تەرك قىلىشقا بۇيرىغان، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەت ئىشلاردىن ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بىلىۋالالايدۇ.

    ئەقىل-پاراسەتلىك كىشى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان بۇ پائالىيەتلىرىگە ئالدىنىپ قالماسلىقى كېرەك. چۈنكى ھەقىقەت كۆپ كىشىلەرنىڭ قىلىشى بىلەن ئەمەس بەلكى شەرئى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ.

    ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە يەھۇدىي-ناسارالارنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَالُوا لَنْ يَدْخُلَ الْجَنَّةَ إِلَّا مَنْ كَانَ هُوداً أَوْ نَصَارَى تِلْكَ أَمَانِيُّهُمْ قُلْ هَاتُوا بُرْهَانَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار: يەھۇدىي ياكى ناسارا بولمىغان ئادەم (يەنى يەھۇدىيلار يەھۇدىي بولمىغان ئادەم، ناسارالار ناسارا بولمىغان ئادەم) ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ، دېيىشتى. بۇ، ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر. ئەگەر سىلەر سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار، دېگىن.» [سۈرە بەقەرە 111-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِنْ تُطِعْ أَكْثَرَ مَنْ فِي الْأَرْضِ يُضِلُّوكَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ﴾ تەرجىمىسى: «ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كۆپچىلىك كىشىلەر (يەنى كۇففارلار) گە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ.» [سۈرە ئەنئام 116-ئايەت].

    مەۋلۇت پائالىيەتلىرى بىدئەت بولغاندىن سىرت كۆپۈنچە ئەھۋاللاردا، ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ بىرلىكتە پائالىيەت ئىلىپ بېرىشتەك، ناخشا-مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى قوللىنىشتەك، چەكلەنگەن ئىچىملىك-چېكىملىك ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن مۇنكەر ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن خالى بولالمايدۇ. ھەممىدىن خەتەرلىك بولغىنى؛ ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىچىلىكىدىن ئايرىپ باشقا بىر ماقامغا كۆتۈرۈپ چەكتىن ئاشۇرۇشى، ئەۋلىيا-ماشايىخلاردىن مەدەت ۋە ياردەم سورىشى، ئۇلارنى غەيبنى بىلىدۇ دەپ ئېتىقاد قېلىشىدىن ئىبارەت، ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشتەك قەبىھ گۇناھ بارلىققا كېلىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەردىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە باشقا ئەۋلىيا-ماشايىخلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش جەريانىدا كۇپرى ئىشلار سادىر بولىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر دىندا ھەددىدىن ئاشۇرۋىتىشتىن ساقلىنىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى كىشىلەر دىندا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ھالاك بولغان.» [نەسائى رىۋايىتى].

    يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر مىنى ناسارالار مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسانى ئولۇغلىغاندەك ئولۇغلىماڭلار، مەن ئاللاھنىڭ بىر بەندىسىدۇرمەن، مىنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى دەڭلار.» [بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

    ھەيران قالارلىق ئاجايىپ ئىشلار بولىدۇكى، بەزى كىشىلەر مۇشۇنداق بىدئەت پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جانلىنىپ، بۇ پائالىيەتنى مۇداپىئە قىلىپ كېتىدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قاتنىشىشىنى پەرز قىلغان يىغىلىش ۋە جامائەت سورۇنلىرىغا بارمايدۇ ۋە پەرۋامۇ قىلمايدۇ. ئۆزىنى بۈيۈك مۇنكەر ئىش قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلىمايدۇ. ھەقىقەتەن بۇ بولسا ئىماننىڭ ئاجىزلىقى ۋە ھەقنى كۆرۈشنىڭ تۆۋەنلىكى، قەلبگە تۈرلۈك گۇناھ-مەسىيەتلەرنىڭ داغلىرى ئورناپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئاللاھ تائالا بىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى بۇ ئىشلاردىن ساقلىسۇن.

    بەزىلەر بۇ ئاتالمىش مەۋلۇت سورۇنىغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھازىر بولىدۇ دەپ گۇمان قىلىپ، مەۋلۇت قەسىدىلىرى ئوقۇلغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھۆرمەتلەپ ۋە مۇبارەكلەپ ئورنىدىن تۇرىدۇ. بۇ ئەڭ بۈيۈك باتىللىق ۋە ئەڭ چوڭ جاھىللىقتىن ئىبارەتتۇر.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت بولۇشتىن بۇرۇن قەبرىسىدىن چىقمايدۇ، بىرەر كىشىلەر بىلەن ئۇچراشمايدۇ ۋە پائالىيەت سورۇنلىرىغىمۇ ھازىر بولمايدۇ. بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنىگىچە قەبرىسىدە مۇقىم تۇرىدۇ. ئۇنىڭ روھى بولسا ئۆز پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدىكى ئىززەت-ئىكرام دىيارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىرىدە بولىدۇ.

    بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ثُمَّ إِنَّكُمْ بَعْدَ ذَلِكَ لَمَيِّتُونَ * ثُمَّ إِنَّكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ تُبْعَثُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاندىن سىلەر چوقۇم ئۆلۈسىلەر. ئاندىن سىلەر ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى (قەبرەڭلاردىن) تۇرغۇزۇلىسىلەر.» [سۈرە مۆمىنۇن 15-16-ئايەتلەر].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەت كۈنى تۇنجى قېتىم قەبرىسى ئېچىلىدىغان كىشى مەن بولىمەن، مەن ئەڭ ئەۋۋەل شاپائەت قىلغۇچى ۋە شاپائەت قىلىنغۇچىدۇرمەن.» [مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

    يۇقىرىدىكى ئايەت-ھەدىس ۋە بۇ مەزمۇندىكى ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مېيىتلەرنىڭ قىيامەت كۈنىدە قەبرىدىن چىقىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئىسلام ئالىملىرى ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپسىز بىرلىككە كەلگەن مەسىلىدۇر.

    مۇسۇلمان كىشىنىڭ بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىشى، جاھىل-نادان كىشىلەرنىڭ شەرىئەتتە ئاساسى يوق ئۆزلىرى ئىبادەت دەپ گۇمان قىلغان بىدئەت ۋە خۇراپات قىلمىشلىرىدىن ئاگاھ بولىشى زۆرۈردۇر. ئاللاھ تائالادىن ياردەم تەلەپ قىلىمىز، ئاللاھ تائالاغا تايىنىمىز، ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىسىز ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت بولمايدۇ.

    ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش بولسا، بەندە ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەللەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

    بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ اللَّهَ وَمَلائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيماً﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت قىلىدۇ، شەنىنى ئۇلۇغ قىلىدۇ، دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ)، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرگە) مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار. چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەققى چوڭدۇر، ئۇ سىلەرنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە، زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىقارغۇچىدۇر.» [سۈرە ئەھزاب 56-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ماڭا بىر قېتىم دۇرۇت يوللىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ئون ساۋاپ بېرىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش ھەممە ۋاقىتتا يولغا قويۇلغان بولۇپ، شۇنداقلا نامازنىڭ ئاخىرىدا دۇرۇت ئوقۇش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. بەلكى بارلىق ئىسلام ئالىملىرى نامازنىڭ ئاخىرىقى تەشەھھۇتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشنى ۋاجىپ دەپ قارىغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىش بولسا، ئەزان ئوقۇلغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسمى-شەرىپلىرى زىكىر قىلىنغاندا، جۈمە كۈنى كېچىسى ۋە كۈندۈزىدە كۆپلەپ دۇرۇت-سالام يوللاش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن سۈننەت دەپ قارىلىدۇ.

    جانابى ئاللاھ تائالادىن بىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى دىننى توغرا چۈشۈنۈش، دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشقا مۇۋەپپەق قىلىشنى سورايمىز. جانابى ئاللاھ ھەممەيلەننى سۈننەتكە ئەمەل قىلىپ، بىدئەتتىن ھەزەر قىلىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن. ئاللاھ تائالا مەرھەمەتلىك ۋە سېخىدۇر.

    پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭ ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.