×
ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىگە ۋاجىپ بولامدۇ ياكى دىنى ئۆلىما ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەنلا چەكلىنەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش كىملەرگە ۋاجىپ بولىدۇ؟

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىين

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2013 - 1435

    على من تجب الدعوة إلى الله

    « باللغة الأويغورية »

    الشيخ محمد بن صالح بن عثيمين

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2013 - 1435

    ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش كىملەرگە ۋاجىپ بولىدۇ؟

    2023- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىگە ۋاجىپ بولامدۇ ياكى دىنى ئۆلىما ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەنلا چەكلىنەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    ئىنسان ئۆزىنىڭ نېمىگە دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدىكەن، ئۇنىڭ چوڭ ئالىم بولىشى ياكى ئىلىم تەلەپ قىلىۋاتقان تالىب بولىشى ياكى ئادەتتىكى بىر ئىنسان بولىشىنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، لېكىن ئۇ كىشى باشقىلارنى بۇيرىۋاتقان ياكى چەكلەۋاتقان ئىشنىڭ ھۆكمى ۋە ماھىيىتىنى ئىلمى ئاساستا تولۇق بىلىشى لازىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «مەندىن بىرەر ئايەت بولسىمۇ باشقىلارغا يەتكۈزۈڭلار.» [بۇخارى رىۋايىتى].

    دەۋەت قىلغۇچىنىڭ ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن چوڭ ئالىم بولىشى شەرت ئەمەس. بەلكى ئۇ باشقىلارنى نېمىگە دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشى شەرت قىلىنىدۇ.

    ئىنسان ئۆزىنىڭ ھېس- تۇيغۇلىرى ۋە قىزغىنلىقىغا تايىنىپ بىلمىگەن نەرسىگە كىشىلەرنى دەۋەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دىنغا دەۋەت قىلىۋاتقان بەزى قېرىنداشلىرىمىزغا قارايدىغان بولساق ئۇلاردا يېتەرلىك دىنى بىلىم بولمىسىمۇ ئەمما ئۆزلىرىنىڭ تۇيغۇلىرى ۋە قىزغىنلىقى بىلەن دەۋەت مەيدانىغا كىرىپ، كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا ھارام قىلمىغان ۋە چەكلىمىگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى چەكلەپ قويىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە رۇخسەت قىلغان بەزى ئەمەللەرنى ۋاجىپلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ قويىدۇ. مانا بۇ دىنى تەشۋىقات ساھەسىدە يۈز بېرىدىغان ناھايىتى خەتەرلىك بىر ئىش. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھالال قىلغان نەرسىنى چەكلەش خۇددى ئاللاھ تائالا ھارام قىلمىغان نەرسىنى ھارام قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ.

    مەسىلەن: ئۇلار باشقىلارنىڭ بىر نەرسىنى ھالال-دۇرۇس دېگەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ، باشقىلارمۇ ئۇلارنىڭ شۇ نەرسىنى ھارام دېگەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئىككىلا ھۆكۈمنىڭ خەتىرى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە باراۋەردۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا تَقُولُوا لِمَا تَصِفُ أَلْسِنَتُكُمُ الْكَذِبَ هَـٰذَا حَلَالٌ وَهَـٰذَا حَرَامٌ لِّتَفْتَرُوا عَلَى اللَّـهِ الْكَذِبَ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّـهِ الْكَذِبَ لَا يُفْلِحُونَ ، مَتَاعٌ قَلِيلٌ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (ھېچقانداق دەلىلسىز) «بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار، چۈنكى (مۇنداقتا) ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدورغۇچىلار ھەقىقەتەن (دۇنيا ئاخىرەتتە) مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. (ئۇلار دۇنيادىن پەقەت) ئازغىنا بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.» [سۈرە نەھل 116-117-ئايەتلەر].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچىدۇر.