×
ھەج قېلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇقلۇق سەۋەبسىز پەرز ھەجنى كېچىكتۈرگۈچىنىڭ شەرىئەتتە ھۆكمى نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

    ئۆزرىسىز پەرز ھەجنى كېچىكتۈرۈشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى توغرىسىدا

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2013 - 1434

    تأخير الحج بدون عذر

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ عبد العزيز بن عبد الله بن باز

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2013 - 1434

    ئۆزرىسىز پەرز ھەجنى كېچىكتۈرۈشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى توغرىسىدا

    26714-نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ھەج قېلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇقلۇق سەۋەبسىز پەرز ھەجنى كېچىكتۈرگۈچىنىڭ شەرىئەتتە ھۆكمى نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت، سالاملىرى بولسۇن.

    ھەج قېلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇقلۇق سەۋەبسىز پەرز ھەجنى كېچىكتۈرگەن كىشى، زور خاتالىق ۋە چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇ. ئۇ كىشى تىزدىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، پەرز ھەجنى ئادا قېلىشقا ئالدىرىشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلِلَّـهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا ۚ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ اللَّـهَ غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ جاھان ئەھلىدىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر.» [سۈرە ئال-ئىمران 97-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىسلام بەش ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش. ئىككىنچىسى: نامازنى بەرپا قىلىش. ئۈچىنچىسى: زاكات بېرىش. تۆتىنچىسى: رامىزان روزىسىنى تۇتۇش. بەشىنچىسى: ھەج قىلىش.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام توغرىسىدا سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: «ئىسلام دېگەن: بىر ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، نامازنى بەرپا قىلىش، زاكات بېرىش، رامزاندا روزا تۇتۇش ۋە قادىر بولغان كىشىلەرنىڭ بەيتۇللاھقا كېلىپ ھەج قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

    ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

    [شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ تۈرلۈك ماقالە ۋە پەتىۋالار توپلىمى16-توم 359-بەتكە قارالسۇن].