ئىبادەت مەۋسۇمىدىن كىيىن پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا
كاتوگورىيەلەر
Full Description
ئىبادەت مەۋسۇمىدىن كىيىن پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا
[ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]
پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ
2013 - 1434
لزوم الطاعات بعد انتهاء موسم الخيرات
« باللغة الأويغورية »
فضيلة الشيخ علي بن عبد الرحمن الحذيفي
ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز
مراجعة: نظام الدين تمكيني
حقوق الطبع والنشر لكل مسلم
2013 - 1434
ئىبادەت مەۋسۇمىدىن كىيىن پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا
(2013-يىلى 08-ئاينىڭ 09-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى)
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھ تائالاغا مەدھىيە، رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كېيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈزمىڭلارچە جامائەتگە: "رامزاندا قىلغان تائەت-ئىبادەتلەرنى رامزاندىن كېيىن گۇناھ-مەسىيەتلەر بىلەن بىكار قىلىۋەتمەسلىك كېرەك" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار! تائەت-ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇش، چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك قېلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قېلىڭلار، ھەقىقى تەقۋادار كىشى دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇتۇق قازىنىدۇ، ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگەشكەن كىشى زىيان تارتقۇچىدۇر.
مۇسۇلمانلار رامزاندا چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولغان ھالدا، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ تائەت-ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇش ھارپىسىدا ھاسىل قىلغان پەزىلەت ۋە ياخشىلىقلارنى، رامزاندىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قېلىش، ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش ۋە قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىشتىن غاپىل قېلىش، پەرز ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلماسلىق ياكى سەل قاراش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بىكار قىلىۋەتمەسلىكى لازىم.
تائەت-ئىبادەتنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىگە، گۇناھ-مەسىيەتتىن ساقلىنىشتا سەۋرلىك بولۇش مۆمىنلەرنىڭ خىسلىتى، تەقۋادارلارنىڭ شۇئارىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِالصَّلَاةِ وَاصْطَبِرْ عَلَيْهَا ۖ لَا نَسْأَلُكَ رِزْقًا ۖ نَّحْنُ نَرْزُقُكَ ۗ وَالْعَاقِبَةُ لِلتَّقْوَىٰ﴾ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئائىلەڭدىكىلەرنى (ۋە ئۈممىتىڭنى) نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن، سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. ساڭا بىز رىزىق بېرىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر.» [سۈرە تاھا 132-ئايەت].
مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللىرىنىڭ ئاللاھ تائالا ياقتۇرمايدىغان ئەمەللەرگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ھەزەر قىلىشى كېرەك. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تائەت-ئىبادەت بىلەن بولغان توغرا يۆلىنىشىنى، نەپسى-خاھىشى ۋە شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىغا ئەگىشىپ، مۇنكەر-چەكلەنگەن ئىشلارنى ئىشلىسە، ئاللاھ تائالامۇ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ اللَّـهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوْمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُوا مَا بِأَنفُسِهِمْ﴾ تەرجىمىسى: «ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۈممىگىچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت ـ ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ.» [سۈرە رەئد11-ئايەت].
مۇسۇلماننىڭ ئەڭ ياخشى ئىشى، تائەت-ئىبادەتتىن كېيىن ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش، خاتالىقتىن يىراق بولۇش بىلەن بىرگە، ياخشىلىققا ياخشىلىقنى ئەگەشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭدىن تۆۋەنرەك بولغىنى؛ خاتالىق سادىر قىلغاندىن كىيىن ياخشى ئەمەل قىلىش ئارقىلىق، ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى ئۆچۈرۈشتۇر.
مۇسۇلماننىڭ ئەڭ ناچار ئىشى، خاتالىققا خاتالىقىنى ئۇلاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەللەرگە گۇناھ-مەسىيەتنى ئەگەشتۈرۈپ قېلىشتۇر. ياخشى ئەمەللەردىن كېيىن سادىر بولغان خاتالىقلار ئىلگىرى قىلغان ياخشى ئەمەلنىڭ ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ، ياخشىلىقنىڭ ساۋابى ۋە پەزىلىتىنى كېمەيتىۋېتىدۇ.
رامزاننىڭ غەيرىدە، مۇسۇلماننىڭ تائەت-ئىبادەتكە ھورۇنلۇق قېلىشى، چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىشتىن ئاجىز كېلىشى، رامزاندا ناماز ئوقۇپ، رامزاننىڭ غەيرىدە نامازنى تەرك قىلىشى قاتارلىقلار شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىدىن بولۇپ، شەيتان ئىنساننىڭ بۇ قىلمىشىنى چىرايلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق رامىزاندا يېتەلمىگەن مەقسىتىگە يېتىدۇ. چۈنكى رامىزاندا شەيتانلار باغلاقتا بولۇپ، مۇسۇلمانلارنى كۆپ ئازدۇرالمايدۇ.
مۇسۇلماننىڭ ھەرۋاقىت تائەت-ئىبادەتتە مۇستەھكەم تۇرۇشى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ نېمىتى ۋە پەزلىدۇر. چۈنكى بۇ مۆمىن ئۈچۈن چەكسىز بەخت ۋە چوڭ غەلبىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الَّذِينَ قَالُوا رَبُّنَا اللَّـهُ ثُمَّ اسْتَقَامُوا فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ ، أُولَـٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ خَالِدِينَ فِيهَا جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ﴾ تەرجىمىسى «"پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھدۇر" دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا، شۈبھىسىزكى، (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر. ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، (بۇ) ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر.» [سۈرە ئەھقاب 13-14-ئايەتلەر].
ھەسەن ئەلبەسەرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۆمىن ئۆلۈم كەلگۈنچە قەدەر ئىبادەتتىن توختىمايدۇ".
ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن رامزاندىن كېيىنمۇ قىلىدىغان نۇرغۇن پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى يولغا قويدى. پەرز-ۋاجىپ ئەمەللەر ۋە چەكلەنگەن ئىشلار ھەرۋاقىت ۋە ھەرزامان ئۆز ماھىيىتى ساقلاپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن قانۇنىيەتتۇر.
مۇسۇلمان دائىم ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نەپسىگە قارشى كۆرەش قېلىشى ۋە ئاللاھ تائالادىن ياردەم سورىشى كېرەك. رامزاندا قىلغان ۋە ئادەتلەنگەن تائەت-ئىبادەتلەرنى تەرك قىلماسلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ساناقسىز-چەكسىز نېمەتلىرىنى ئەسلەش بىلەن ئۇنىڭغا دائىم رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىشنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىم.
دىنىمىزدا رامىزاندىن كىيىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن نەپلە روزا تۇتۇش يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئەبۇئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامزان روزىسىنى تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈن روزىنى ئەگەشتۈرۈپ تۇتسا يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ». [بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].
ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى رامزاندىن كېيىن ۋە ھەر ۋاقىت تائەت-ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرۇشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئامىن.