×
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ( 21/07/1434 ھـ / 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى ) جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا، مۇسۇلماننىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىپ ياشىشىنىڭ ۋاجىپلىقى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىگە ئەمەل قىلماسلىق ۋە ئىنكار قىلىشنىڭ خەتىرى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

    قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەگەشمەسلىكنىڭ خەتىرى

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئەلبۇدەير

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2013 - 1434

    خطورة ردّ القرآن والسنة

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ صلاح البدير

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2013 - 1434

    قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەگەشمەسلىكنىڭ خەتىرى

    (2013-يىلى 05-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى)

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلەپ، رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كېيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان جامائەتلەرگە: "قۇرئان ۋە سۈننەتگە ئەمەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرنى تاشلاپ قويۇش ياكى ئىنكار قىلىشنىڭ خەتىرى" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

    بىزگە دىننى كامىل قىلغان، نېمەتلەرنى تاماملىغان، بىزنى يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنى بارلىق ئۈممەتلەرنىڭ ياخشىسى قىلغان، ئۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق بىزگە ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى تەلىم بەرگەن، بىزنى تۈرلۈك خاتالىقلاردىن پاكلىغان ۋە بىزگە قۇرئان-ھەدىستىن تەلىم ئىلىشىمىزگە شارائىت يارىتىپ بەرگەن پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ تائالاغا چەكسىز مەدھىيە ۋە ھەمدۇ-سانالار بولسۇن.

    ئىي مۇسۇلمانلار! ئاشكارا-يوشۇرۇن بارلىق ئىشلىرىڭلاردا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.

    سەلەپ-سالىھلارغا ئەگەشكەن، ياخشى-سالىھ كىشىلەرنىڭ يولىدا ماڭغان، ئىلىم ئۈگىنىپ، باشقىلارغا يەتكۈزگەن، دىننى مۇھاپىزەت قىلىپ، ھەقىقەتنى قوغدىغان، سۈننەتنى مۇداپىئە قىلغان شەرىئەت ئۆلىمالىرىنىڭ ۋە ئىمان ئەھلىنىڭ ئاساسى پرىنسىپى ۋە ياشاش مېتودى قۇرئان كىرىم ۋە ھەدىس شەرىپنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ تەييارلىقى، ھەدىس شىرىپ ئۇلارنىڭ ھۆججەتلىرى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئۈلگىسىدۇر.

    ئۇلار كىشىلەرگە تەۋھىد ۋە ساغلام ئەقىدىنى ئۆگىتىدۇ، ئىسلام شەرىئىتىگە ياردەم بېرىدۇ، بىدئەت-خۇراپاتلارنى يوق قىلىدۇ، گورۇھۋازلىقنى ياقتۇرمايدۇ، قۇرئان-ھەدىسنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان گەپ-سۆزلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

    ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىدۇ، سۆزلىرىنى چوڭ بىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئەقىدىسىنى توغرىلايدۇ، مەزكۇر ھەدىسلەرگە تايىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، ھەممىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ھەممىسىگە بويسۇنىدۇ ۋە ھېچ بىر ھەدىسكە ئىتىراز بىلدۈرمەيدۇ. (بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى ساغلام ۋە سەھىھ ھەدىسلەر).

    ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقى ۋە توسقىنىغا خىلاپ بولغان ھەر قانداق ئىش ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. بۇنى بىرەر ئىشقا قىياس قىلىشقا ياكى كۈچلاندۇرۇشقا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك سۆزلىرى بىلەن بارلىق ئۆزرىلەرنى كېسىۋەتتى". (يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بار يەردە باشقا ھەرقانداق سۆز قوبۇل قىلىنمايدۇ).

    ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرى بىلەن سۈننەت قىلغان بىر ئىشتا باشقا بىر كىشىنىڭ كۆزقارىشى قوبۇل قىلىنمايدۇ".

    سۈننەتنى پەقەت ئازغۇن كىشى رەت قىلىدۇ. سۈننەتكە دىلىدا كېسەل بار كىشى قارشى تۇرىدۇ. سۈننەتكە بەختسىز كىشىلا تاپە-تەنە قىلىدۇ. سەھىھ ئىكەنلىكىگە بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن ھەدىسلەرنى رەت قىلغان ۋە ئېتىراپ قىلمىغان كىشى ئەھلى سۈننەت جامائىتى ۋە سەلەپ-سالىھلارنىڭ ساغلام يولىغا خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە مەزكۇر كىشى ئازغۇنلۇق ۋە گۇمراھلىق، بىدئەت ۋە خۇراپات، شەيتانى ھەۋەسنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغان بولىدۇ.

    ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى رەت قىلغان كىشى ھالاكەت گىردابىغا كېلىپ قالغان بولىدۇ".

    ئەقىدىسى بۇزۇلغان، ئەقلى بۇلغانغان كىشى ئۆزىنىڭ يارىماس ئەقلى ۋە ئېتىبارسىز قارىشىغا توغرا كەلمىگەن ھەدىسلەرنى رەت قىلىدۇ ۋە يالغانغا چىقىرىدۇ.

    ئىي مۇسۇلمانلار! ئىنسانلارنىڭ سەردارى بولغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇبارەك سۆزلىرىگە يالغاننى توقۇشقا ئۇرۇنغان ۋە جۈرئەت قىلغان كىشىنىڭ قانداق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟!.

    بارلىق ئىنسانلارنىڭ سەردارى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈكسەك ماقامى ۋە ئالى ئورنىنى مۇھاپىزەت قىلىش، سۈننەتنى ساقلاش ۋە شەرىئەتنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئۇنداق يالغانچى كىشىلەرنى جەمئىيەتتە يىتىم قالدۇرۇش، قىلمىشلىرىغا ئەجەللىك رەت قايتۇرۇش ۋە سۆزلىرىنى چەكلەش كېرەك.

    ئەبۇ مۇئاۋىيە رەھىمەھۇللاھ ھارۇن رەشىدكە "ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەقدىر توغرىسىدا ھۆججەت كەلتۈرۈشكەن" ھەدىسىنى سۆزلەپ بەرگەن ۋاقىتتا، بىر كىشى: ئۇلار قەيەردە ئۇچراشقان؟ دەپ سورايدۇ، ھارۇن رەشىد قاتتىق غەزەبلىنىپ: سىنىڭ بېشىڭنى يانچىپ، قىلىچ بىلەن چېپىش كېرەك دەپ بىر قانچە قېتىم دەيدۇ ۋە قاتتىق سىلكىپ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىگە شەك قىلغان ۋە ئۇنى مەنسىتمىگەن كىشى زىندىق-مۇناپىقتۇر دەيدۇ. ھەتتا ئۇ كىشى تەۋبە قىلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن ھەققە قايتقانلىقى ئاشكارا بولغاندا ئۇنى قويىۋېتىدۇ.

    سۈننەتكە قارشى چىققۇچىلار، ئۆزلىرىنىڭ باتىل قاراشلىرى سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، خۇددى ئۇلار مەزكۇر دەلىلگە غەزەپ بىلەن ئىزاھات بەرگەن شەكىلدە قارشى تۇرۇش يولىنى تۇتىدۇ. شۇنداقلا مەزكۇر ھەدىسكە كىنايە شەكىلدە قارشى تۇرۇپ چۈشەندۈرۈش جەريانىدا ئۆز كۆز قاراشلىرى بىلەن شەرھىلەيدۇ. ئۇلار سەھىھ ھەدىسلەرنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار سەھىھ ھەدىسلەرنى ناھايىتى ئىنچىكە ۋە ئۇستىلىق بىلەن رەت قىلىدۇ. مانا بۇ سۈننەتكە تاپا-تەنە قىلغۇچى ۋە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق سۈننەتنىڭ ھۆكۈملىرىنى بۇرمىلاش ۋە شەرىئەتتىكى مەرتىۋىسىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

    مۇسۇلمانلار، سۈننەتكە تاپا-تەنە قىلغۇچى پاسىق-پاجىر، زىندىق-مۇناپىق، پىتنىگە دەۋەت قىلغۇچى، بىدئەتكە ياردەم بەرگۈچى، ئىبلىس-شەيتاننىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ھەزەر قىلىشى لازىم. ئاللاھ تائالادىن مۆمىنلەرنى ئازغۇن، بىدئەتچى ۋە سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچى ئىنسانلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىشىنى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى بايان قىلىنغاندا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.

    سۈننەتكە ۋە سۈننەت ئەھلىگە ئەڭ دۈشمەنلىك قىلىدىغانلار ئىنسانلار بولسا، يالغان-توقۇلما سۆزلەرنى ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ياكى دىنى ئىشلىرىدا دەلىل قىلىدىغان، پەيغەمبەرلەردىن كېيىنكى ئەڭ ياخشى كىشىلەرنى، يەنى ئەسھاب كىراملارنى ئىنكار قىلىدىغان، ئۇلارنى ياخشى كۆرگەن ۋە دوست تۇتقان، ئۇلارغا ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق تىلىگەن كىشىلەرنى كۇپىرغا نىسبەت بېرىدىغان راپىزى-شىيئەلەردىن ئىبارەتتۇر.

    بۇ رەزىل نىيەتلىك راپىزىلار مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى تۆكۈشنى، ئۇلارنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى چۈشۈرۈشنى ۋە مال-مۈلكىنى تالان-تاراج قېلىشنى ئۆزلىرى توقۇپ چىققان ھېكايىلەر، ئىسپاتسىز رىۋايەتلەر بىلەن دەلىللەپ دۇرۇس دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى توقۇغان يالغانلارنى بارلىق ئىنسانلارنىڭ سەردارى بولغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ پاك ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا نىسبەت بېرىدۇ.

    راپىزىلار ئۆزلىرىنى مۇستەملىكە كۈچلەرگە قارشى تۇرىدىغان، مۇسۇلمانلارنى ھىمايە قىلىدىغان سەركەردە قوشۇن دەپ دەۋا قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار مۇستەملىكە كۈچلەرنىڭ غالچىسى ۋە ئۇلارنىڭ زاپاس تايانچىلىرىدۇر.

    مۇستەملىكىچىلەر مۇسۇلمانلارغا ۋارقىراش-جارقىراش بىلەن ھۇجۇم قىلسا، بۇ شىئەلەر مۇسۇلمانلارغا ئوت ئېچىش، مۇھاسىرە قىلىش ۋە قورال ئىشلىتىش ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىدۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ مۇستەملىكىگە قارشى تۇرمايدۇ ۋە ئۇلارنى چەكلەيدىغان غازاتچىلاردىن بولالمايدۇ. بەلكى ئۇلار مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان قانلىق نەيزىسىدۇر، ئۇلارنىڭ ئۆز قارىشىدا يالغاندىن بىز مۇستەملىكىگە قارشى كۆرەش قىلىمىز دېگەن سەپسەتىلىرى تارىخ سەھىپىلىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرلىرى، مەسچىتلىرى، تۇرالغۇ-ئۆيلىرىنى ۋەيران قىلىش، ياشانغانلار، ئاياللار ۋە نارىسىدە بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى دۇرۇس دەپ قارايدىغان قەبىھ يۈزىنى چىرايلىقلاشتۇرالمايدۇ. ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ھەممە ئىشلار ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَوْ شَاءَ اللَّـهُ مَا اقْتَتَلُوا وَلَـٰكِنَّ اللَّـهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ﴾ تەرجىمىسى: «ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.» [سۈرە بەقەرە 253-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

    ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَوْ يَشَاءُ اللَّـهُ لَانتَصَرَ مِنْهُمْ وَلَـٰكِن لِّيَبْلُوَ بَعْضَكُم بِبَعْضٍ ۗ وَالَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّـهِ فَلَن يُضِلَّ أَعْمَالَهُمْ ، سَيَهْدِيهِمْ وَيُصْلِحُ بَالَهُمْ ، وَيُدْخِلُهُمُ الْجَنَّةَ عَرَّفَهَا لَهُمْ﴾ تەرجىمىسى: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئەلۋەتتە سىلەرنى ئۇرۇشقا تەكلىپ قىلماستىنلا ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىناش ئۈچۈن يەنى ئىمانىڭلارنى سىناش ئۈچۈن جىھادقا ئەمر قىلدى، ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يەنى شېھىتلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىدۇ ۋە ھالىنى ياخشىلايدۇ. ئاللاھ ئۈلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئۇلارغا تونۇتتى يەنى جەننەتكە كىرگەن ئادەم ئۆزىنىڭ ئۇ يەردىكى جايىنى ئىلگىرى كۆرگەندەكلا بىلىدۇ.» [سۈرە مۇھەممەد 4-5-6-ئايەتلەر).

    ئاللاھنىڭ دىنىغا، تەۋھىدكە ياردەم بېرىش يولىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلغان كىشى ھەقىقى بەختكە ئېرىشىدىغان شەھىدلەردۇر. ئەمما شېرىك ئەھلىگە، بىدئەت-خۇراپاتچىلارغا ياردەم بېرىش يولىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان بەختسىزلاردۇر. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ دىنىغا ياردەم بەرگەنلەرگە غەلبە-نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەممىدىن كۈچلۈك ۋە غالىبتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَيَنصُرَنَّ اللَّـهُ مَن يَنصُرُهُ ۗ إِنَّ اللَّـهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر ۋە غالىبتۇر.» [سۈرە ھەج 40-ئايەت].

    جانابى ئاللاھتىن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا نۇسرەت تىلەيمىز.