×
ئۆسمۈرلەرگە تەلىم بېرىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ شەخسىيىتى ئوبرازلاشتۇرۇلغان سېنارىيە فىلىملىرىنى قويۇپ بېرىش دۇرۇسمۇ؟، شۇنداقلا مەريەم ئانىمىز ۋە بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، يۇسۇپ ئەلەيھىسسالام ۋە ئەررىسالە (رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن فىلىم) قاتارلىق سېنارىيە فىلىملىرىنى كۆرۈش توغرىمۇ؟، مەن پەرزەنتلىرىمگە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى يەتكۈزۈش يولىدا تارتقان جاپا-مۇشەققەتلەرنى چۈشەندۈرۈش ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەۋىردىكى ھاياتىنى تەلىم بېرىش ئۈچۈن، يۇقىرىقى ۋەسىلىنى قوللىنىمەن، بۇ قىلغىنىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    پەيغەمبەر ۋە ساھابىلار شەخسىيىتى ئوبرازلاشتۇرۇلغان سېنارىيە فىلىملىرىنى كۆرۈشنىڭ ھۆكمى

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2013 - 1434

    حكم مشاهدة الأفلام والمسلسلات التي تمثل

    الأنبياء والصحابة

    « باللغة الأويغورية »

    اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء والدعوة والإرشاد

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2013 - 1434

    پەيغەمبەر ۋە ساھابىلار شەخسىيىتى ئوبرازلاشتۇرۇلغان سېنارىيە فىلىملىرىنى كۆرۈشنىڭ ھۆكمى

    158232 - نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ئۆسمۈرلەرگە تەلىم بېرىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ شەخسىيىتى ئوبرازلاشتۇرۇلغان سېنارىيە فىلىملىرىنى قويۇپ بېرىش دۇرۇسمۇ؟، شۇنداقلا مەريەم ئانىمىز ۋە بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، يۇسۇپ ئەلەيھىسسالام ۋە ئەررىسالە (رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن فىلىم) قاتارلىق سېنارىيە فىلىملىرىنى كۆرۈش توغرىمۇ؟، مەن پەرزەنتلىرىمگە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى يەتكۈزۈش يولىدا تارتقان جاپا-مۇشەققەتلەرنى چۈشەندۈرۈش ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەۋىردىكى ھاياتىنى تەلىم بېرىش ئۈچۈن، يۇقىرىقى ۋەسىلىنى قوللىنىمەن، بۇ قىلغىنىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    بىرىنچى: بارلىق دىنى ئالىملار پەيغەمبەرلەرنى بولۇپمۇ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەخسىيىتىنى ئوبرازلاشتۇرۇشنىڭ ھاراملىقى يەنى قەتئىي چەكلەنگەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. بۇ قارار سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ۋە ئىسلام پىقھى ئاكىدىمىيسىنىڭ مەككە-مۇكەررەمە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشىدا، مەزكۇر ئشىنىڭ ھاراملىقىنى توغرىسىدا دىنى ئۆلىمالار بايانات ئىلان قىلغان.

    شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ شەخسىيىتى ئوبرازلاشتۇرۇش بولسا، ئۇلارنىڭ ئابرويىنى چۈشۈرۈش، كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىنى خۇنۇكلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، كىشىلەر قەلبىدىكى پەيغەمبەرلەرگە بولغان ھۆرمەت، سۆيگۈ، مېھرى-مۇھەببەت ۋە پىداكارلىق تۇيغۇلىرى بۇ ئارقىلىق سۇسلىشىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ سىنارىيىنىڭ قونچاق فىلىم شەكلىدە ئىشلىنىشىدۇر.

    پەيغەمبەرلەر ھەققىدە ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە قۇرئان كىرىمدە بايان قىلىپ بەرگەن قىسىسىلىرى يىتەرلىكتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَقَدْ كَانَ فِي قَصَصِهِمْ عِبْرَةٌ لِّأُولِي الْأَلْبَابِ ، مَا كَانَ حَدِيثًا يُفْتَرَىٰ وَلَـٰكِن تَصْدِيقَ الَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ وَتَفْصِيلَ كُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ قىسسىسىدىن ئەقىل ئىگىلىرى ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ. (قۇرئان) يالغاندىن توقۇلغان سۆز ئەمەس، لېكىن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر». [سۈرە يۈسۈپ 111- ئايەت].

    ئىسلام پىقھى ئاكىدىمىيسىنىڭ قارارىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: «ئارتىسلار تەقلىد قىلىپ رول ئالسا، تاماشىبىنلارغا نىسبەتەن ھۆرمەتلىك كىشىلەرنىڭ سىماسى خىيال قىلىنىدۇ، بۇ سېنارىيە كىنو شەكلىدە ياكى درامما شەكلىدە ياكى قونچاق فىلىم شەكلىدە ياكى ئۇلارنىڭ سىماسى ئىپادىلىنىدىغان ياكى ئىپادىلەنمەيدىغان ھالەتتە بولسۇن بەرىبىر ئوخشاشلا ھارامدۇر. بۇنداق قىلىش ئىسلام شەرىئەت پرىنسىپىدا چەكلىنىدۇ.

    بۇ شەكىلدىكى فىلىملەرنى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ياكى مەلۇم غەرەزلەر بىلەن ئىشلەش ۋە بۇنى تارقىتىش توغرا ئەمەس چۈنكى بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان بۇزۇقچىلىق ناھايىتى كۆپ ۋە كېيىنكى خەتەرنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

    مۇسۇلمان دۆلەت رەھبەرلىرى، تەلىم-تەربىيە ۋە تەشۋىقات-مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرى، ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ باشلىقلىرى، قىسىسە، رىۋايەت، سەھنە ئەسەرلىرى، بالىلار كىتابلىرى، قونچاق فىلىم، تىلېۋىزىيە قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى سۈرەتلىك ياكى سۈرەتسىز گەۋدىلەندۈرۈشنى كەسكىن چەكلىشى كېرەك. بۇنداق قىلمىشلار كۆرۈلسە كەسكىن چارە قوللىنىش ۋە بۇ شەكىلدىكى ئەسەرى بۇيۇملارنى يوق قىلىۋېتىش لازىم.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شەخسىيىتىنى تەسۋىرلەپ فىلىمغا ئىلىش`چەكلەنگەندەك، ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ شەخسىيىتىنى تەسۋىرلەپ فىلىمغا ئىلىش چەكلىنىدۇ. بۇ قىلمىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەخسىيىتى ھەققىدە ھارام بولغاندەك، باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەققىدىمۇ ھارامدۇر». مانا بۇ، ئىسلام پىقھى ئاكىدىمىيسىنىڭ 8- نۆۋەتلىك يىغىندىكى 6- قارارى.

    يۇقىرىدىكى قارارغا ئاساسلانغاندا، بۇ سېنارىيە فىلىملەر كىنو شەكىلدە ياكى قونچاق فىلىم شەكلىدە بولسۇن ئۇنى كۆرۈش ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ.

    ئىككىنچى: دىنى ئالىملارنىڭ توغرا كۆز قارىشىغا ئاساسەن، ساھابىلارنىڭ شەخسىيىتىنى ئوبرازلاشتۇرۇپ فىلىم ئىشلەش توغرا ئەمەس. بۇ توغرىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىملار ھەيئىتى پەتىۋا چىقارغان ۋە ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ئىسلام پىقھى ئاكىدىمىيسىمۇ قارار چىقارغان. بۇ قارارلار (163107) بۇ نومۇردىكى سۇئاللارنىڭ جاۋابىغا تەپسىلى بايان قىلىنغان.

    ساھابىلارنى تەقلىد قىلىشتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، مەيلى مەشھۇر تۆت خەلىپىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ بولسۇن، ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىنى تەسۋىرلەپ رولغا چىقىش ياكى فىلىم ئىشلەش ئوخشاشلا چەكلەنگەندۇر. چۈنكى بۇ ئارقىلىق ساھابىلەرنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ھۆرمىتى ۋە شانلىق ئوبرازىنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەپ بولىدۇ.

    ھەقىقەتەن ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇشتىن ئىبارەت چوڭ شەرەپكە ئېرىشكەن. دىننى قوغداش، ئىسلامنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ روسۇلىغا ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا بولغان ئىخلاسى بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن غازاتلارغا قاتناشقان. ئاللاھنىڭ پەزلى، ئاندىن ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى سەۋەپلىك دىن ۋە ئىلىم-مەرىپەت بىزلەرگە قەدەر يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ھۆرمەتلەش، ئېھتىرام قىلىش زۆرۈر بولىدۇ.

    ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىنى دوراپ رول ئىلىش ئۇلارنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ھەيۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ، ھەتتا بەزى تاماشىبىنلارنىڭ زېھنىدە تەقلىدى رول ئىلىپ چىققان ئارتىسنى ساھابىنىڭ ئۆزى دەيدىغان خاتا چۈشەنچە شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭدىن سېرىت سېنارىيە فىلىملىرى كۆپلىگەن ئۆزگەرتىش ۋە ئۇلارنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈشتەك ناچار بۆلۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەشۋىقات ۋاستىلىرى ياكى سىياسى غەرەز تەقەززا قىلىدىغان بەزى توقۇلما ۋاقىئەلىكلەرنى كىرىشتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. (بۇنىڭ تىپىك مىسالى؛ يۇسۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ سېنارىيە فىلىمىدىكى، بەزى مەزمۇنلار قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان قىسسە بىلەن پەرقلىق بولىشىدۇر. مۇھەررىر).

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىنىڭ (1\712) نومۇرلۇق پەتىۋاسىدا: «ساھابىلارنى ياكى ئۇلاردىن بىرەرسىنىڭ شەخسىيىتى ئوبرازلاشتۇرۇپ فىلىم ئىشلەش توغرا ئەمەس. گەرچە مەزكۇر ئىشتىن ئۆز گۇمانىدا ياخشىلىق مەقسەت قىلىنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرۈش، ھۆرمىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئىشلار بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ياخشى نەتىجىدىن بۇزۇقچىلىق ئېشىپ كېتىدۇ، بۇزۇقچىلىقى ئارتۇق بولغان ھەرقانداق ئىش چەكلىنىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىملار ھەيئىتى تەرىپىدىنمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنىڭ ھەرقاندىقىنى چەكلەش توغرىسىدا قارار چىقىرىلغان».

    ھەممەيلەننىڭ تەڭ بەھرىمان بولىشى ۋە پايدىلىنىشى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىملار ھەيئىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان قارارىنى بايان قىلىمىز، مەزكۇر قارار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

    1-ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ساھابىلارنى مەدھىيىلىدى، ئۇلارنىڭ ئالى مەرتىۋىلىرىنى بايان قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سىماسى ئىپادىلەنگەن كىنو- تىياتىر، درامما، قونچاق فىلىم قاتارلىق سىنارىيىلەرنى ئىشلەش ۋە كۆرۈش ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى مەدھىيىلىشىگە، ئۇلارغا تەييارلانغان يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە ۋە ئۇلارغا قىلىنغان ئىززەت-ئىكراملارغا زىت كېلىدۇ.

    2 - ئۇلارنىڭ قايسى بىرىنى دوراپ رول ئىلىش بولسا، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش ۋە ھۆرمەتسىزلىككە ئىلىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ شەخسىيىتى تەقلىد قىلىپ رول ئالغان ئارتىس تەقۋادارلىق ۋە ياخشىلىق تەرەپتىن، ئىسلامى ئەخلاق-پەزىلەتتىن تولۇق يېتىشكەن كىشىلەردىن بولۇشى ناتايىن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، فىلىم شىركەتلىرى تارىخى شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى سىنارىيىلەشتۇرۇشنى پۇل تېپىشنىڭ دەسمىسى قىلىپ، ئۆزى بىلىپ-بىلمەي ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىنى خۇنۇكلاشتۇرىدۇ.

    ھەرقانچە ساقلانغان تەقدىردىمۇ بۇ سېنارىيىلەر يالغانچىلىق-ساختىپەزلىك ۋە غەيۋەت-شىكايەتلەردىن خالى بولالمايدۇ. شۇنداقلا ساھابىلارنىڭ شەخسىيىتى ئوبرازلاشتۇرۇپ سېنارىيە فىلىملىرىنى ئىشلەش، ئۇلارنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىدۇ، كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىغا بولغان ئىشەنچىسى سۇسلىشىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە ئۇلارنىڭ ئوبرازى چۈشىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ شانلىق ھاياتى ۋە دىنى توغرىسىدا شۈبھىلىنىشكە يوچۇق ئېچىلىدۇ. ئۇلار توغرىسىدا جېدەل-ماجرا، مۇنازىرىلەر پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت بەزى ئىشلارنى مىسالغا ئالساق؛ ئارتىسلارنىڭ بىرى ئەبۇ جەھل ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان تاغۇت-كاپىرلارنى تەقلىد قىلىپ رول ئىلىپ، بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى تىللاش-مەسخىرە قىلىش ۋە ئىسلام دىنىنى ھاقارەت قىلىشتەك سۆز-ھەرىكەتلەرنى ئۆز تىلى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلارنىىڭ ئىنكار قىلىنىدىغانلىقىدا ھېچشەك يوق. شۇنداقلا ئۇلار بۇ خىلدىكى سېنارىيە فىلىملىرى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئەقىدىسى، پەرۋەردىگارىنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى توغرىسىدىكى ئېتىقادى ۋە پىكىر-قاراشلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

    3- بۇ شەكىلدىكى سېنارىيە فىلىملەرنى ئىشلەش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارالغاندا، يەنى بۇنىڭدا ھەقىقەتنى تاللاش بىلەن بىرگە ئېسىل ئەخلاق، گۈزەل ئادەتلەرنى ئاشكارا قىلىش، ئۇلارنىڭ سىيرەتلىرىنى بېكىتىش، ۋەز-نەسىھەت ئىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش بار دەپ قارىغاندىمۇ بۇ پەقەت بىر پەرەز، ئەمما ئارتىسلارنىڭ نىشانى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەنلەر، چوقۇم ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتىنىڭ يۇقىرىدىكى ئېتىقادى كۆزقاراش ۋە ئىسلامى ئەدەپ-ئەخلاقلارغا زىت كېلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ.

    4-ئىسلام قانۇنىدا بېكىتىلگەن شەرئى قائىدىلەردىن: "بۇزۇقچىلىق ياكى بۇزۇقچىلىق تەرىپى كۈچلۈك بولغان ئىشلار كەسكىن ھارامدۇر"، دېگەن فىقھى پرىنسىپقا ئاساسەن، بۇنداق ئىشلارنى قىلىش چەكلىنىدۇ. گەرچە ساھابىلارنى تەقلىد قىلىپ رول ئىلىشتا مەلۇم ياخشىلىقلار بار دېيىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ بۇزۇقچىلىق تەرىپى ئېشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن، ياخشىلىق تەرىپىگە رىئايە قىلىپ، بۇزۇقچىلىققا ئىلىپ بارىدىغان يوللارنى توسۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ئۈچۈن بۇنىڭغا ئوخشاش پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولغان ئىشلارنى چەكلەش زۆرۈردۇر.

    سەئۇدى ئەرەبىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىملار ھەيئىتى تەتقىقاتىدىن (3\328) ئىلىندى. (14488) بۇ نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.