×
گۆشى يېيىلىدىغان ياكى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ ئاشلانغان ياكى ئاشلانمىغان تېرىلىرىنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىلىرى نېمە؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

    ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ئىشلەنگەن نەرسىلەرنىڭ ھۆكمى

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2012 - 1434

    حكم المصنوعات من جلود الحيوانات

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد بن صالح العثيمين

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: ن. تمكيني

    2012 - 1433

    ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ئىشلەنگەن نەرسىلەرنىڭ ھۆكمى

    1695- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    گۆشى يېيىلىدىغان ياكى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ ئاشلانغان ياكى ئاشلانمىغان تېرىلىرىنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىلىرى نېمە؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

    بوغۇزلاش بىلەن ھالال بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسى پاكىزىدۇر. تۆگە، كالا، قوي، بۆكەن، توشقان ۋە باشقا شۇنىڭغا ئوخشىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسى بوغۇزلاش بىلەن، مەزكۇر تىرە ئاشلانسۇن ياكى ئاشلانمىسۇن پاك بولىدۇ.

    ئەمما گۆشى يېيىلمەيدىغان ئىشىت، بۆرە، يولۋاس، پىل ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسى، بوغۇزلانسۇن ياكى ئۆلتۈرۈلسۇن ياكى ئۆزى ئۆلۈپ قالغان بولسۇن بەرىبىر نىجىستۇر. چۈنكى مەزكۇر ھايۋانلار بوغۇزلانغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ تېرىسى ئاشلانسۇن ياكى ئاشلانمىسۇن ئوخشاشلا نىجىستۇر. كۈچلۈك قاراشلاردا؛ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن بوغۇزلاش ئارقىلىق پاك بولمايدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرى، ئاشلاش ئارقىلىقمۇ پاكلانمايدۇ ۋە نىجىسلىق ھالىتىدە قالىدۇ.

    بوغۇزلاش بىلەن ھالال بولىدىغان ھايۋانلار تۈرىدىن ئۆزى ئۆلۈپ قالغانلىرىنىڭ تېرىسى، ئاشلىنىشتىن بۇرۇن نىجىس ھېسابلىنىدۇ ئەمما ئۇ ئاشلانسا پاكىزە بولىدۇ.

    يۇقىرىدىكى سۆزىمىزنى يىغىنچاقلىساق، ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرى ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ:

    بىرىنچى: پاكىزە تىرە. بوغۇزلاش بىلەن ھالال بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسى، ئاشلانسۇن ياكى ئاشلانمىسۇن پاكىزىدۇر.

    ئىككىنچى: نىجىس تىرە. چوشقىغا ئوخشاش گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلار بوغۇزلانغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ تېرىسى ئاشلانسۇن ياكى ئاشلانمىسۇن ئوخشاشلا نىجىستۇر.

    ئۈچىنچى: ئاشلاشتىن بۇرۇن نىجىس، ئاشلانغاندىن كېيىن پاكىزە بولىدىغان تىرە. بۇ گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋانلار بولۇپ، شەرئى بوغۇزلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدۇر.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين ئۈچرىشىشلىرىدىن (52\39)