×
بىر كىشى ھەج قىلىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن نامازغا سۇسلۇق قىلدى ۋە تاشلىدى. كېيىن قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ تۆۋە قىلدى. ئۇ كىشىنىڭ دەسلەپتە قىلغان ھەججى توغرا بولامدۇ، ئۇ ھەج ئىسلام بېكىتىلگەن پەرز ھەج ھېسابلىنامدۇ ياكى ئۇ تۆۋە قىلغاندىن كېيىن قايتىدىن ھەج قىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    ھەج قىلغاندىن كېيىن نامازنى تەرك قىلغان كىشى يەنە قايتىدىن ھەج قېلىشى كېرەكمۇ؟

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2012 - 1434

    حج ثم ترك الصلاة فهل يعيد الحج؟

    « باللغة الأويغورية »

    اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: ن. تمكيني

    حقوق الطبع والنشر لكل مسلم

    2012 - 1433

    ھەج قىلغاندىن كېيىن نامازنى تەرك قىلغان كىشى يەنە قايتىدىن ھەج قېلىشى كېرەكمۇ؟

    109271 - نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    بىر كىشى ھەج قىلىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن نامازغا سۇسلۇق قىلدى ۋە تاشلىدى. كېيىن قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ تۆۋە قىلدى. ئۇ كىشىنىڭ دەسلەپتە قىلغان ھەججى توغرا بولامدۇ، ئۇ ھەج ئىسلام بېكىتىلگەن پەرز ھەج ھېسابلىنامدۇ ياكى ئۇ تۆۋە قىلغاندىن كېيىن قايتىدىن ھەج قىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

    كاپىرلىق ھالىتىدە ھەج قىلىپ كېيىن مۇسۇلمان بولغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ كاپىرلىق ھالىتىدە قىلغان ھەججى ئىسلامدا بېكىتىلگەن پەرز ھەجنىڭ ئورنىدا بولالمايدۇ. لېكىن مۇسۇلمان، ئىسلام دىنىدىن چىقىرىۋېتىدىغان جىنايەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق مۇرتەت بولۇپ كېتىپ، كېيىن تۆۋە قىلىپ ئىسلام دىنىغا قايتىۋالغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ھەججى ئىسلام دىنىدا بېكىتىلگەن پەرز ھەجنىڭ ئورنىدا بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ئىلگىرى ھەج قىلغان ۋاقىتتا مۇسۇلمان ئېدى.

    قۇرئان كىرىمنىڭ ھۆكمى بويىچە، مۇرتەت بولغان كىشىنىڭ مۇرتەت بولۇشتىن بۇرۇن قىلغان ئەمەللىرى ئۇ كىشىنىڭ مۇرتەت بولۇپ كاپىرلىق ھالىتىدە ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن بىكار بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿وَمَن يَرْتَدِدْ مِنكُمْ عَن دِينِهِ فَيَمُتْ وَهُوَ كَافِرٌ فَأُولَـٰئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَأُولَـٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن قايتىپ كاپىر پېتى ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر» [سۈرە بەقەرە 217-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئەزالىرىدىن: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبىنى باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبىنى غۇدەييان ۋە شەيخ ئابدۇللاھ ئىبىنى قەئۇد قاتارلىقلار.

    [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋالىرىدىن (11\25،27) ].

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.