×
ئەمەل-ئىبادەت قېيىن بولسا، ئۇنىڭ ئەجرى-مۇكاپىتى كاتتا بولامدۇ؟ پىيادە مېڭىپ ھەج قىلسام، بۇنىڭ ساۋابى كوپ بولىدۇ دېگەن كىشىنىڭ سۆزى توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

    ئەمەل-ئىبادەت قېيىن بولغانسېرى ئەجىر-مۇكاپىتى كاتتا بولامدۇ؟

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىين

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: ن.تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2012 - 1433

    هل العمل إذا كان شاقاً على النفس أعظم للأجر؟

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد صالح بن العثيمين

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: ن. تمكيني

    حقوق الطبع والنشر لكل مسلم

    2012 - 1433

    ئەمەل-ئىبادەت قېيىن بولغانسېرى ئەجىر-مۇكاپىتى كاتتا بولامدۇ؟

    109237- نومۇرلۇق

    سوئال:

    ئەمەل-ئىبادەت قېيىن بولسا، ئۇنىڭ ئەجرى-مۇكاپىتى كاتتا بولامدۇ؟ پىيادە مېڭىپ ھەج قىلسام، بۇنىڭ ساۋابى كوپ بولىدۇ دېگەن كىشىنىڭ سۆزى توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

    ئەگەر قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەت شۇ ئەمەل ئىبادەتنىڭ جۈملىسىدىن بولىدىكەن ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى كاتتا بولىدۇ. ئەمما ئۇ شۇ ئەمەلنى قىلغۇچى كىشىنىڭ ھەرىكىتىدىن بولىدىكەن، ئۇنىڭغا ساۋاپ بېرىلمەيدۇ. بەلكى بەزى ۋاقىتتا ئىنسان ئۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىنسان ماشىنا ياكى ئايروپىلان بىلەن كېلىپ ھەج قىلدى، ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قېلىش جەريانىدا ياز كۈنلىرى ئىسسىقتا، قىش كۈنلىرى سوغۇققا توڭۇپ جاپا چەكتى، ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى، ئۇ كىشى ئۇچرىغان بۇ جاپا-مۇشەققەتلىرى ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇ كىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارىدىن بولمىدى بەلكى پەسىللەر ۋە باشقا سەۋەبلەردىن بولدى. ئەمما ئۇ كىشى ئۆزىنى مەجبۇرى كۈن نۇرىغا توغرىلاپ، ئىسسىقتىن ساقلانماي ياكى ئىمكانىيىتى تۇرۇپ ئۇنىڭ چارىسىنى قىلمىسا، ئۇ كىشىنىڭ بۇ قىلمىشىغا ساۋاپ بېرىلمەيدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىگە كۈن نۇرىدا تۇرۇشنى نەزىر قىلغان كىشىنى ئەيىبلىگەن ۋە بۇنداق قىلىشتىن چەكلىگەن. ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىنى ئازابلىشى، ئۇنىڭ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا زالىملارنى ياقتۇرمايدۇ.

    سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: ئەمەل-ئىبادەت ئارىسىدا جاپا-مۇشەققەت سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن ھاسىل بولغان بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ساۋابقا ئېرىشەلمەيسىز. ئەمما سىزنىڭ ئىختىيارلىقىڭىزسىز يۈز بەرگەن بولسا بۇنىڭغا سەبىر قىلسىڭىز ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىسىز.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى (24\44)