×
مەن تىجارەت بانكىسىدىن يىللىق قەرەللىك تۆلەش مۇددىتى بىلەن ئىككى يۈز ئەللىك بىرمىڭ توققۇز يۈز (251900) رىيال قەرز ئالدىم. مەن مۇشۇ قەرز ئالغان پۇل بىلەن ھەج قىلسام توغرا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    قەرزدارنىڭ ھەج قىلىشى توغرىسىدا

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتىتى

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2012 - 1433

    ﴿ حج من عليه دين ﴾

    « باللغة الأويغورية »

    اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء والدعوة والإرشاد

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    حقوق الطبع والنشر لكل مسلم

    2012 - 1433

    قەرزدارنىڭ ھەج قىلىشى توغرىسىدا

    36852- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    مەن تىجارەت بانكىسىدىن يىللىق قەرەللىك تۆلەش مۇددىتى بىلەن ئىككى يۈز ئەللىك بىرمىڭ توققۇز يۈز (251900) رىيال قەرز ئالدىم. مەن مۇشۇ قەرز ئالغان پۇل بىلەن ھەج قىلسام توغرا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

    ھەجنىڭ ۋاجىپ بولۇش شەرتلىرىنىڭ بىرى: ھەج قىلىشقا قادىر بولغان بولۇش. (يەنى ھەج قىلىش جەريانىدا كېتىدىغان بارلىق خىراجەت، ھەج قىلىپ قايتىپ كەلگۈچە ئائىلە ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا يەتكۈدەك ئىقتىسادنىڭ بولىشى ۋە قەرزدار بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ).

    سىز ھەج قىلغان ۋاقىتتىمۇ بانكىنىڭ سىزدىن تەلەپ قىلىدىغان ھەققىنى ئۆتەشكە قۇدرىتىڭىز يەتسە مەزكۇر قەرز پۇل بىلەن ھەج قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەمما سىز ئۈچۈن بانكىغا قەرز تۆلەش بىلەن ھەجنىڭ چىقىملىرىنى تەڭ ئۆتەشكە قادىر بولالمىسىڭىز، ئالدى بىلەن بانكىنىڭ قەرزىنى تۆلەيسىز، ھەجنى شارائىتىڭىز يېتىلگۈنچە قەدەر كىچىكتۇرسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿ وَلِلَّهِ عَلَى ٱلنَّاسِ حِجُّ ٱلۡبَيۡتِ مَنِ ٱسۡتَطَاعَ إِلَيۡهِ سَبِيلٗاۚ﴾ تەرجىمىسى: «قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى.» [ئال- ئىمران سۈرىسى 97-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ياخشىلىققا يېتەكلىسۇن.

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى 11\45.