×
قەدىر كېچىسى دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئوخشاش بىر كېچىدە بولامدۇ؟ ياكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئوخشاشماسلىقى سەۋەبىدىن پەرقلىق بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن قەدىر كېچىسى پەرقلىق بولامدۇ؟

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىين

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2012 - 1433

    ﴿هل تختلف ليلة القدر باختلاف البلدان؟﴾

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ عبد الله بن جبرين

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    حقوق الطبع والنشر لكل مسلم

    2012 - 1433

    دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن قەدىر كېچىسى پەرقلىق بولامدۇ؟

    129688- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    قەدىر كېچىسى دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئوخشاش بىر كېچىدە بولامدۇ؟ ياكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئوخشاشماسلىقى سەۋەبىدىن پەرقلىق بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.

    كېچىنىڭ كىرىشى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن پەرقلىق بولسىمۇ لېكىن قەدىر كېچىسى بىر كېچىدە بولىدۇ. ئەرەب دۆلەتلىرىدە كۈندۈزنىڭ ئاخىردا كۈن ئولتۇرغاندىن باشلاپ ئۇ كېچىنىڭ ۋاقتى كېرىدۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەتلەردىمۇ كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدا كۈن ئولتۇرغاندىن باشلاپ كېچىنىڭ ۋاقتى كېرىدۇ. قايسى رايون ۋە دۆلەت تەۋەلىكىدە كۈن ئولتۇرىدىكەن كېچىنىڭ ۋاقتى كىرگەن بولىدۇ، ھەتتا كۈندۈز 20 سائەتتىن ئارتۇق ھېسابلانغان تەقدىردىمۇ كۈننىڭ پېتىشى بىلەن كېچە كىرگەن بولىدۇ. شۇ كېچىسى پەرىشتىلەرنىڭ كېچە بولغان ئۇ تەرەپ ۋە بۇ تەرەپكە بىر ۋاقىتتا چۈشۈشىشىدە ھېچقانداق توسالغۇ يوقتۇر.

    توغرىسىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر.

    شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىن رەھىمەھۇللاھ