ياش-ئۆسمۈرلەر زايا بولمىسۇن
كاتوگورىيەلەر
Full Description
ياش-ئۆسمۈرلەر زايا بولمىسۇن
[ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]
پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: ن.تەمكىنى
نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ
2012 - 1433
﴿ التحذير من ضياع الشباب ﴾
« باللغة الأويغورية »
فضيلة الشيخ صلاح محمد البدير
ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز
مراجعة: ن. تمكيني
حقوق الطبع والنشر لكل مسلم
2012 - 1433
ياش-ئۆسمۈرلەر زايا بولمىسۇن
2012-يىلى 01-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئاللاھ تائالانى مەدھىيەلەپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كېيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە : "ياشلارنى توغرا پرىنسىپ بىلەن يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك" دېگەن تېمىدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ياش-ئەۋلادلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىدىغان، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىدىغان، جەمئىيەتنىڭ ياراملىق بىر ئەزاسى بولىشى ئۈچۈن ئۇلارنى توغرا پرىنسىپ ئاساسىدا يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، يامان غەرەزلىك، ناچار ھەمراھلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش، ياخشى، تەقۋادار، ئەخلاقلىق كىشىلەرگە ھەمراھ بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش بەك مۇھىمدۇر.
ياشنىڭ كىچىكلىكى ياشلىق ۋە ئۆمۈرنىڭ باشلىنىشىغا ئىشارەتتۇر، چۈنكى بۇ ياشتىكى ئەۋلادلارنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرى ئاز، پەرق ئېتىشى ئاجىز، تەسىرلىنىشى تىز، ئەجەبلىنىشى كۆپ، باشقىلارغا ئوخشىۋېلىشى ۋە ئۆزگىرىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ، يېقىندىن يار-يۆلەكتە بولمىغاندا، كۆپىنچە ھالەتتە ئۇلار ئۆزلىرىگە مەنپەئەتلىك بولغان نەرسىلەر بىلەن ماسلىشالمايدۇ.
ياش ئوغۇل-قىزلار بىرەر شەخستىن ئەجەبلەنسە، ئۇ كىشىگە ئەگىشىدۇ، تەلىم ئالىدۇ، ھەر ۋاقىت ئۇنى ياد ئېتىدۇ، كېيىم-كېچەك، گەپ-سۆز، ھەرىكەت-شەكىللەردە مەزكۇر كىشىگە ئوخشاش بولۇشقا تېرىشىدۇ.
جەمئىيەتنى كۈزۈتۈپ مىللەتنى توغرا ۋە مەنپەئەتلىك يوللارغا يېتەكلەپ تۇرىدىغان يېتەكچىلەر ئۆز رولىنى يوقىتىپ قويغان ۋاقىتتا، جەمئىيەتكە يامان نىيەتلىك، ناچار-رەزىل ئۈلگىلەر سوقۇنۇپ كېرىپ، ياشلارغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، كۆيۈمچان، سەمىمى تەربىيىچىلەرنىڭ تەسىرى ئاجىزلىشىش نەتىجىسىدە ياخشى-سالىھ باشقۇرغۇچىلارنىڭ رولى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا ياش ئوغۇل-قىزلار ئارىسىدا ئەخلاقى بۇزۇقچىلىق ئاشكارا بولىدۇ. مىللەت ۋە خەلق كۆرۈپ باقمىغان ۋە ئادەتلەنمىگەن غەيرى ئادەتلەر مەيدانغا چىقىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەر-كوچىلىرىدا ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان قىز-ئاياللار، ئاياللارنى تەقلىد قىلىدىغان بىنورمال ياشلار كۆپىيىدۇ، ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەت، كېيىم-كېچەك ھەتتا ھەيئەت-شەكىللىرىمۇ قىز-ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ، قۇلاقلىرىغا ھالقا، قوللىرىغا بىلەيزۈك ۋە بويۇنلىرىغا زەنجىر ئېسىۋالىدۇ، لەۋلىرىنى پارقىرتىپ، تېرىلىرىنى بوياپ، يۈزىنى قىزارتىپ، تار، نىپىز ھەتتا ئەۋرەتلىرى ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان چاكىنا كىيىملەرنى كىيىدۇ. بىر-بىرىنى ناچار-رەزىل لەقەم ۋە غەيرى ئىسىملار بىلەن ئاتايدۇ.
نۇرغۇنلىغان ياشلار قاۋاقخانا، ھاراقخانا ۋە شوپاڭخانىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن، ياشلىق دەۋرىگە قەدەم باسا-باسماستىن تۈرلۈك زەھەرلىك چېكىملىك، ئىچىملىك ۋە چەكلەنگەن پاھىشە ئىشلارغا بېرىلىپ كەتكەن. يېتەكچىسىز، كۆزەتكۈچىسىز قالغان قىز-ئوغۇللار ئارىسىدا قالايمىقان ئارىلىشىش، ئولتۇرۇش-قوپۇش ھالەتلىرى ئەۋج ئالغان، قىز-ئاياللار ئوغۇللار-ئەرلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدىغان، ئۆز-ئارا چاقچاقلىشىدىغان، قەلىبلەرنى نەپرەتلەندۈرىدىغان، نېرۋىلارنى بۇزىدىغان بىر شەكىلدە سۆزدە غىلجىڭلىق ۋە ھەرىكەتلىرىدە نايناقلىق كۆرۈلمەكتە.
جەمئىيەتتىكى ياشلارنىڭ يېتەكچىلىرى، ئائىلە باشلىقلىرى ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىپ، قىز-ئوغۇل ياش ئەۋلادلارنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى تۈرلۈك شەكىلدىكى ماددىي-مەنىۋىي بۇزۇلۇشتىن ساقلاشقا كىچىكىدىن تارتىپ مۇستەھكەم ئۇل ھازىرلاش ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىدە گۈزەل ئەخلاق، ئېسىل پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت يۈكسەك بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىشى لازىم.
سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇسۇلمان تىجارەتچىلەر ئەقىدىنى بۇزىدىغان، ئەخلاق-پەزىلەتنى ۋەيران قىلىدىغان، نەرسىلەرنىڭ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك. مىللەت ئىچىدىكى ئىقتىساد ئىگىلىرى مائارىپقا مەبلەغ سىلىش ئارقىلىق تەلىم-تەربىيە ساھەسىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىش نەتىجىسىدە ياش-ئەۋلادلارنى يۇقىرى سەۋىيە بىلەن تەربىيەلەپ، مىللەتنىڭ جاھالەت ۋە قۇللۇق ئىڭىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىشىغا ئاساس سىلىشى مەزكۇر بايلارنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان ئىمانى ۋە مىللى بۇرچىدىن ئىبارەتتۇر.