×
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ19/02/1433ھـ 2012-يىلى01-ئاينىڭ13-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك ئاللاھنىڭ ئەڭ بۈيۈك نېمەتلىرىدىن ئىكەنلىكى، ئىسلام دىنى پرىنسىپىنىڭ جەمئىيەتتە ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىكنى پەرپا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى، مەسئۇلىيەت ئۇستىدىكى كىشىلەرنىڭ خىزمەتنى بىجاندىللىق بىلەن ئادا قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

    خاتىرجەملىك بۈيۈك نېمەتتۇر

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەين ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: ن.تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2012 - 1433

    ﴿ نعمة الأمن وخطورة فقده ﴾

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ حسين بن عبد العزيز آل الشيخ

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: ن. تمكيني

    حقوق الطبع والنشر لكل مسلم

    2012 - 1433

    خاتىرجەملىك بۈيۈك نېمەتتۇر

    2012- يىلى 01-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ خاتىپى جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلىغان مۇسۇلمانلارغا" تىنچلىق ۋ ە بىخەتەرلىك ئىنسانىي ھاياتتىكى مۇھىم نېمەتتۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيىلەرنى قىلدى:

    ئىنسان ھاياتىدا ئامانلىق روياپقا چىققاندا ھەقىقى بەخت-سائادەت ۋە خاتىرجەملىك بارلىققا كېلىدۇ، ناچار ئىش-ھەرىكەت ۋە پىتنە-پاساتلاردىن ساقلىنىدۇ. ئامانلىق ئىنسانلار ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا نېمەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭ مۇھىملىقىنى پەقەت سەپەردە، مۇقىم تۇرغاندا، كېچە-كۈندۈزدە، بىئارام بولۇپ تەشۋىشلەنگەن، قورقۇپ ئارامسىزلىق يالقۇنلىرىدىن داغلانغان كىشىلەرلا بىلەلەيدۇ.

    تىنچلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نېمىتى بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ سِيرُواْ فِيهَا لَيَالِيَ وَأَيَّامًا ءَامِنِينَ ﴾ «ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كېچىلەردە ۋە كۈندۈزلەردە تىنچ-ئامان مېڭىڭلار .» [سۈرە سەبە 18- ئايەتنىڭ بىر قىسمى] .

    بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى خاتىرجەم ۋە ساق-سالامەت، كۈندىلىك تۇرمۇشىغا لازىملىق نەرسىلىرى تولۇق ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدىكەن، ئۇ كىشى گويا پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولغانغا ئوخشاشتۇر.» [بۇخارى ۋە تىرمىزى رىۋايىتى].

    تىنچلىق يوقىلىپ، داۋالغۇش پەيدا بولسا جەمئىيەتتە پىتنە-پاسات، ناچار ئىش-ھەرىكەتلەر ئومۇملىشىدۇ، تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلار شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى چەكلىدى، داۋالغۇش، قورقۇنچ ۋە ئەنسىرەش پەيدا قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى سادىر قېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى.

    ئىسلام دىنى تىنچلىققا ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، مۇسۇلمانلارغا يوللاردا، تۇرالغۇ جايلاردا، بازارلاردا ۋە باشقا ھەرقانداق ئورۇنلاردا ئەزىيەت يېتىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى چەكلىدى. بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن دۇنيا-ئاخىرەت ئىشلىرىنىڭ مەنپەئەتى تەرتىپلىنىدۇ.

    ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلار ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىگە يۈكلىگەن مۇھىم ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئادا قېلىشقا ھېرىسمەن بولۇشى، خەلق ئارىسىدا ئادالەتنى بەرپا قېلىشى، تۈرلۈك شەكىلدىكى بۇزۇقچىلىق ۋە پاساتچىلىققا قارشى تۇرۇشى، ئۇلارنى بۇ قىلمىشىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن مۇۋاپىق شەكىلدە تەدبىرلەرنى قوللىنىشى لازىم.

    مۇسۇلمان رەھبەرلەر بىلەن خەلق ئارىسىدا بىر-بىرىگە كۆيۈنۈش، ساداقەتمەن بولۇش، ئىسلام پرىنسىپى بويىچە ھەمكارلىشىش، بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئاللاھ تائالاغا بولغان تولۇق ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئادا قېلىش، ھەقىقەتكە ياردەم بېرىشتە ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ نەرسىدىن قورقماسلىق، ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش، مېھرى-شەپقەت قېلىش، ھېكمەت بىلەن چارە-تەدبىر قوللىنىش، ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈش ۋە قەلبىنى مايىل قېلىش ۋە بىر-بىرىگە تولۇق ئىشىنىش ھالىتى شەكىللەندۈرۈش نەتىجىسىدە تىنچلىقنى تولۇق روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ.

    چىرايلىق شەكىلدە، مۇلايىملىق بىلەن قېلىنغان نەسىھەت ۋە ياخشى سۆزلەر ئارقىلىق جەمئىيەت ئىسلاھات ۋە گۈللىنىشكە يۈزلىنىدۇ . مۇسۇلمانلار بۆلۈنۈش، ئۆز-ئارا دۈشمەنلىشىشتىن يىراق بولىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئىخلاسمەن بولغان كىشىلەر ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بارلىق ياخشىلىق يوللىرىنى ئېچىۋېتىدۇ، يامانلىق يوللىرىنى ئېتىۋېتىدۇ.

    ياشلار، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى يوللار بىلەن ئېلىپ بارىدىغان پىكرى، ئەقلى، ۋە زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن جىسمانىي جەھەتلەردىن زەھەرلىشى، ئەخلاقى بۇزۇقچىلىق پەيدا قېلىشىدىن ئاگاھ بولىشى لازىم.

    ئى مۇسۇلمان ياشلىرى، سىلەر دىنىڭلارنى، ئۆسۈپ يېتىلگەن، تۈرلۈك ياخشىلىق ۋە نېمەتلەردىن بەھرىمان بولغان ۋەتىنىڭلارنى بۇزغۇنچىلىقتىن مۇداپىئە قىلىدىغان قالقان بولۇڭلار .

    ئى ياشلار ! ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى-ياخشىلىقلىرىدىن مەمنۇن بولۇڭلار، ياخشىلىقتا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىڭلار، دۇنيادا بەخت-سائادەت ۋە ئاخىرەتتە يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىرىشەي دېسەڭلار، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ روھىغا بىردەك ئۇيۇشىڭلار، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، گۈزەل ھاياتقا ئىگە بولىسىلەر.

    خەلق ئىشلىرىنى ئىدارە قېلىۋاتقان مەن مۇسۇلمان دەيدىغان رەھبەرلەرنىڭ، ئاللاھدىن ھەقىقى رەۋىشتە قورقۇشى، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تائالا ئالدىدىكى، يۇقىرىدىكى رەھبەر ۋە خەلق ئاممىسى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قېلىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ خەلقنىڭ مەنپەئەتى ۋە ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوللانغان سىياسەتلىرىنى توغرا ئىجرا قېلىشى، خەلقنىڭ ئىشلىرىنى قېيىنلاشتۇرماسلىقى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، تۈزىلىشى ۋە ئىسلاھاتى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بوينىدىكى ئامانەتنى تولۇق ئادا قېلىشى لازىم. چۈنكى ھەر بىر شەخس ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى بويىچە سۇئال قېلىنىدۇ.

    مىللەت ئىچىدىكى ئىقىتسادلىق كىشىلەر ئاللاھ تائالا بېكىتكەن پەرھىز زاكاتلارنى تولۇق ئادا قېلىش ئارقىلىق، ئۇستۇڭلەرگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتتىن چىقىڭلار. كەمبەغەللەرگە خەيرى-ئېھساننى كۆپ قېلىڭلار، جەمئىيەتكە مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارغا كۆپلەپ ياردەم قېلىڭلار، ئىش كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ياشلارنىڭ خىزمەت تېپىشى ۋە تۇرمۇش يولىنى تېپىۋېلىشىغا ياردەم بېرىڭلار، مانا بۇ سىلەرنىڭ ۋەتەن، مىللەت ۋە جەمئىيەت ئالدىدا باش تارتىپ بولمايدىغان ئىمانى بۇرچۇڭلاردۇر .

    ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارنى جۇملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ھەر ۋاقىت تىنچ-خاتىرجەم مۇھىتتا، تولۇق تائەت-ئىبادەت بىلەن ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.