×
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 12/2/1433ھـ 2012-يىلى01-ئاينىڭ06-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا ئىشلەش ۋە باشقىلارنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىنى ئاشكارىلاشنىڭ شەخش ۋە جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، مۇسۇلمان گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلىنىش ھارپىسىدا ئۆزى ۋە مىللىتى، ئىتىقادىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

    گۇناھ-مەئسىيەتنى ئاشكارا ئىشلەشنىڭ خەتىرى

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: ن.تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2012 - 1433

    ﴿ خطر الجهر بالمعاصي والذنوب ﴾

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ صلاح بن محمد البدير

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: ن. تمكيني

    حقوق الطبع والنشر لكل مسلم

    2012 - 1433

    گۇناھ-مەئسىيەتنى ئاشكارا ئىشلەشنىڭ خەتىرى

    2012-يىلى 01-ئاينىڭ 06-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ خاتىپى جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلىغان مۇسۇلمانلارغا "گۇناھ-مەئسىيەتنى ئاشكارا ئىشلەش شەخس ۋە جەمئىيەتكە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، تەقۋادارلىق سەۋەبىدىن ياخشىلىق، بەرىكەت ئومۇملىشىدۇ، يامانلىق ۋە بالا-مۇسىيبەتلەر يىراق قېلىنىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

    مۆمىن ئۆزىنىڭ يۈز-ئابرۇيى، ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە شەرىپىگە تەسىرى بولىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەردىن نەپسىنى ساقلىشى كېرەك، ئۇنداق قىلمىغاندا ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالەتتە ئار-نومۇسىنى يوقىتىپ قويىدۇ ياكى كىشىلەر ئارىسىدا رەسۋا بولىدۇ، ھاياتى پۇشايماندا ئۆتىدۇ. بەندە خاتالىشىدۇ، ئېزىپ كېتىدۇ گۇناھ-مەئسىيەت سادىر قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ھەر ۋاقىت بەندىسىنىڭ خاتالىقىنى ئۆچۈرىدۇ ۋە ئەپۇ قىلىدۇ، ئەيىبىنى ياپىدۇ، گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. بەندىلەرنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇپ، ياخشىلىقلىرىغا مۇكاپات بەرگۈچى ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا بولسۇن.

    نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشتىن ئاجىز كەلگەن كىشىلەر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ئاشكارا قىلماي يوشۇرغانكەن، ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى ئاچماي، پىسق-پۇجۇر، گۇناھ-مەسىيەتلىرىنى ئاشكارا قىلماي، قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان ۋە تەۋبە قېلىپ، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىش بىلەن بىرگە بۇنداق قىلمىشلاردىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈشى كېرەك.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

    «ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى ئەپۇ قىلىنىدۇ، گۇناھنى ئېلان قىلغۇچىلار ئەپۇ قىلىنمايدۇ. بىر ئادەم كېچىسى بىرەر گۇناھ ئىشنى قىلغان ۋە ئاللاھ ئۇنى يوشۇرغان بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ ئەتىگىنى تۇرۇپ: "ھەي پالانى! مەن كېچىدىن مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلدىم" دەپ، ئاللاھ يوشۇرغان بۇ ئىشنى ئەتىگىنى ئاشكارىلىشى گۇناھنى ئېلان قىلغانلىق بولىدۇ.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    ئۆزىنىڭ ناچار قىلمىشى، گۇناھ-مەئسىيەتلىرىدىن پەخىرلىنىدىغان، قىلغان ئىپلاسلىقلىرىنى يېقىنلىرىغا چىرايلىق كۆرسىتىپ كۆپتۈرۈپ سۆزلەپ لاپ ئۇرىدىغان نادانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!. ئاللاھ تائالا ئازغۇنلۇقتىن، جاھىللىقتىن ۋە گالۋاڭلىقتىن ساقلىسۇن.

    بەزى كىشىلەر تىنىپ تاپماي باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە سىرلىرىنى بېلىش، ئەيىب-نۇقسانلىرىنى ئاشكارا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر قاتتىق دىققەت قېلىشى كېرەك. چۈنكى باشقىلارنىڭ ئامانىتىنى تەلەپ قىلغان كىشى خائىندۇر، باشقىلارنىڭ سىرى-مەخپىيەتلىكى توغرىسىدا ئېغىز ئاچقان كىشى دۈشمەندۇر.

    بىزنىڭ يول باشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەن كىشىلەرنىڭ قارنىنى يېرىپ، قەلىبلىرىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلمۇدۇم.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    مۇسۇلمانلار ئېتىقاد قېلىپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس ئىسلام دىنى، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ رەزىللىكى ۋە ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ رەسۋا قىلىدىغان، ئار-نومۇسىنى تۆكىدىغان دىن بولماستىن، بەلكى باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرىدىغان، ئىنسانلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىيىتىنى پاكىزلايدىغان، كىشىلەرگە ھەقىقەت ۋە ئادالەت قاتارلىق بارلىق پەزىلەتلەرنى تەۋسىيە قىلىدىغان دىندۇر.

    مۇسۇلمانلار ئۆز-ئارا گۈزەل ئەخلاق، ياخشى پەزىلەتلەرنى تەۋسىيە قىلىشىشى، بىر-بىرىگە بولغان پايدىلىق ۋەز-نەسىھەتلىرىنى ئاشكارا قېلىشى، باشقىلارنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىنى يوشۇرۇش بىلەن بىرگە، ھېكمەت بىلەن توغرىغا يېتەكلىشى لازىم بولىدۇ.

    خاتالىق سادىر قىلغان، گۇناھ-مەئسىيەت ئىشلىگەن كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى كىشىلەرگە ئاشكارا قىلماسلىقى كېرەك. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە دۇنيادا بەندىنىڭ ئەيىبىنى ياپقان كىشىنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

    كىمىكى باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەپ، خاتالىق-نۇقسانلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى چۈشۈرۈش، قەدىر-قىممىتىنى يوق قېلىش ۋە كىشىلەر ئارىسىدا رەسۋا قېلىشنى مەقسەت قېلىپ، خاتالىقلىرىنى باشقىلارغا ئاشكارا قىلغان كىشى ھەقىقەتتە ئىسلامدا چەكلەنگەن چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، ناچار تەبىئەتلىك، نومۇسسىز كىشىلەردۇر.

    بەزى پەس تەبىئەتلىك، رەزىل كىشىلەر باشقىلارنىڭ خاتالىق، ئەيىب-نۇقسانلىرىنى ئىزدەپ، ئۇنى تۈرلۈك سورۇن ۋە ئولتۇرۇش كۇلۇپلىرى، قول تىلىفۇنلىرى، ئېنتىرنت تورلىرى، گېزىت-ژۇرنال ۋە تىلېۋىزىيە قاناللىرى ئارقىلىق ئەتراپقا تارقىتىپ دۇنياغا ئاشكارا قېلىشى كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ. ھەتتا كىشىلەر بىر-بىرىنىڭ رەسۋالىقلىرىنى سۆزلىشىدىغان دەرىجىگە يەتتى. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟. مۇسۇلماننىڭ ھۆرمىتى ئاياق-ئاستى قىلىنىۋاتىدۇ، سىرلىرى ئاشكارا قىلىنىۋاتىدۇ، يۈز-ئابرۇيى تۆكۈلىۋاتىدۇ، ناچار قىلمىش، قەبىھ ئىش-ھەرىكەتلەر ئەيىبى ئېچىلغان كىشى بىلەنلا تۈگىمەستىن، بەلكى ئۇ ئىش، ئۇ كىشىنىڭ ئائىلىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، مىللىتى، يۇرتى ۋە ئۆزىنىڭ دىنىنىڭ، ئەقىدىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىشىگە سەۋەپ بولىۋاتىدۇ.

    مۇسۇلمانلار ھەقىقى رەۋىشتە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قېلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ گۈزەللىكى، ئېسىل ئەخلاق پەزىلەتلىرىنى ئاشكارا قېلىشى، كىشىلەر ئارىسىدا ياخشىلىق، خەيرى-ئېھسان ۋە دوستلۇق مېھرىنى تارقىتىشى لازىم.

    ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى گۈزەل ئەخلاققا يېتەكلەپ، بارلىق ئەخلاقسىزلىقتىن چىكىنىشىمىزگە مۇيەسسەر قىلسۇن.