قىلمىشنىڭ جازاسى ئۆز تۈرىدىن بولىدۇ
كاتوگورىيەلەر
Full Description
قىلمىشنىڭ جازاسى ئۆز تۈرىدىن بولىدۇ
ئۇيغۇرچە – الأويغورية ]- uyghur ]
پەزىلەتلىك شەيخ د. ئابدۇلمۇھسىن قاسىم
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: ن.تەمكىنى
نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ
2011 – 1432
﴿ الجزاء من جنسِ العمل ﴾
«باللغة الأويغورية»
فضيلة الشيخ د. عبد المحسن القاسم
ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز
مراجعة: ن. تمكيني
حقوق الطبع والنشر لكل مسلم
2011 - 1432
قىلمىشنىڭ جازاسى ئۆز تۈرىدىن بولىدۇ
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ خاتىپى جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلىغان مۇسۇلمانلارغا " ھەقىقى تەقۋادارلىق ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشمەستىن، توغرا يولدا تەۋرەنمەي تۇرۇش دېمەكتۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ياراتتى. شۇنداقلا ئۇلارنى باشقىلارغا خەيرى-ئېھسان قىلىشقا بۇيرىدى . ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ ھەممە ئەمەللىرىنى كۈزۈتۈپ تۇرغىچىدۇر، مۇسۇلمان ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا ساۋاپ بېرىلىدۇ، دۇنيادىمۇ قىلغان ياخشى ئەمىلىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ مَنۡ عَمِلَ صَٰلِحٗا مِّن ذَكَرٍ أَوۡ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَلَنُحۡيِيَنَّهُۥ حَيَوٰةٗ طَيِّبَةٗۖ وَلَنَجۡزِيَنَّهُمۡ أَجۡرَهُم بِأَحۡسَنِ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ ﴾ تەرجىمىسى: « ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيانىڭ قانائەتچانلىق ، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمىلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز .» [سۈرە نەھلى 97-ئايەت] .
ئاللاھ تائالا جەننەتتى تەۋھىد ئەھلىنىڭ غەيرىگە ھارام قىلدى، ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەندىن سىرت باشقا گۇناھلىرىنىڭ ھېسابى بويىچە دوزاختا ئازابلىنىدۇ .مۇسۇلمان بولمىغانلار دۇنيادا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۈچۈن ئاخىرەتتە ساۋاپ بېرىلمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ نەتىجىسىنى دۇنيادا كۆرىدۇ. ئەمما مۇسۇلمانلار دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابنى ئاخىرەتتە كۆرىدۇ ۋە دۇنيادىمۇ ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىدۇ .
كىشىلەر ئاللاھ تائالا ۋە ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرى بويىچە جازا-مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، جازا-مۇكاپات، ئىشلىگەن ئەمەللەرنىڭ ئۆزىدىن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا ئېھسان قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ قىلغان ياخشىلىقى ھەممە ياخشىلىقتىن ئۈستۈندۇر. ئاللاھ تائالاغا سەمىمى بولۇپ ئىخلاس بىلەن ئەمەل قىلغانلار، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان سەمىمى-ساداقىتى ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرىدىكى ئىخلاس دەرىجىسى بويىچە ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىپ، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى مۇھاپىزەت قىلغان كىشىنى ئاللاھ دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۆزى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. ئىنسان ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن يېقىنلىشىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۆزىنىڭ كاتتىلىقى ۋە ئۇلۇغلىقىغا لايىق رەۋىشتە، ئۇ بەندىسىگە يېقىنلىشىدۇ. ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان تائەت-ئىبادىتى زىيادە بولغانسىرى، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسىگە بولغان يېقىنلىقى زىيادە بولىدۇ. ھەدس قۇدسىىيدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بەندە ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
ئىنسان ئاللاھنى ياد ئەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئاسماندا ياد ئېتىدۇ. ئاللاھنى ئىنسانلار ئارىسىدا ۋەز-نەسىھەت قېلىش، باشقىلارغا تەلىم-تەربىيە بېرىش، ئاللاھنى مەدھىيىلەش ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ياد ئەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇ بەندىسىنى مالائىكىلەر ئارىسىدا ماختاپ زىكىر قىلىدۇ.
ئىنسان بىر نەرسىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلىپ تەرك قىلسا، ئاللاھ ئۇ بەندىسىگە تەرك قىلغىنىدىنمۇ ياخشىراق بولغان بىر نەرسىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ. ئىنسان ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردىمى بولىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ بەندىسىگە ئۆزى ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِن تَنصُرُواْ ٱللَّهَ يَنصُرۡكُمۡ وَيُثَبِّتۡ أَقۡدَامَكُمۡ ﴾ تەرجىمىسى: « ئى مۆمىنلەر! سىلەر اﷲ قا (يەنى اﷲ نىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، اﷲ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ.» [سۈرە مۇھەممەد 7-ئايەت].
ئاللاھقا ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرگەن كىشنى، ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھقا ئۇچرىشىشنى ياقتۇرمىغان كىشىنى ئاللامۇ ئۇ كىشى بىلەن ئۇچرىشىشنى ياقتۇرمايدۇ. ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى ئاللاھ تائالا ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، ئۇ كىشىگە جەننەتتە ئىنساننىڭ قەلبىگە كەچمىگەن نېمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ گۇناھكارلارنى ئازابلاش پرىنسىپىدىن: گۇناھ ئىشلىگەن كىشى قىلغان گۇناھىغا يارىشا جازالىنىدۇ، ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىنكار قىلغان كىشى، ئاللاھ تائالانىڭ ھىدايەت ۋە مۇھاپىزەت قىلىشىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق دەيدۇ: «ئىشلىگەن ئەمىلىدە باشقىلارنى ماڭا شېرىك قىلغان كىشىنى، شۇ شىېرىكىگە تاشلاپ قويىمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئىبادەتلەرنى رىيا قىلىش ياكى نام-ئابرۇي تېپىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ غەيرىنى مەقسەت قىلغان كىشىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاللاھ تائالا خالايىقلارغا ئاشكارا قىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا نام چىقىرىش ئۈچۈن ئەمەل قىلغان كىشىنىڭ نامىنى چىقىرىدۇ، رىيا قىلىپ ئەمەل قىلغان كىشىنى باشقىلارغا كۆرسىتىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
قەلبى ئاللاھنىڭ غەيرىگە باغلانغان كىشى ھەقىقى مۇخلىس ھېسابلانمايدۇ.
ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە ئىشىنىش ئىماننىڭ ئاساسىدىن بولۇپ، بۇنىڭغا رازى بولغان كىشىدىن ئاللاھ تائالا رازى بولىدۇ، بۇنىڭدىن نارازى بولغان كىشىگە ئاللاھ تائالا غەزەپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىشنى تەرك قىلىپ، ئاللاھنى ئۇنۇتقان كىشىنى ئاللاھ تائالامۇ ئۇنۇتىدۇ، ئۇنىڭ قىيىنچىلىقلىرى، غەم-قايغۇلىرىغا پەرۋا قىلمايدۇ. باشقىلارغا يامانلىق ۋە ھىلى-مىكىر ئىشلەتكەن كىشىنى ئاللاھ ئۇ كىشى سەزمىگەن ھالەتتە جازالايدۇ.
ئاللاھ تائالا بۇيرۇق -چەكلىمىلەرنى بېكىتتى، كىشىلەر ئارىسىدا بەزى ھەق-ھۇقۇقلارنى تۇرغۇزدى. ئاللاھ تائالانىڭ مۆمىن بەندىلىرىنى ھۆرمەتلىگەن كىشىنى ئاللاھمۇ ئىززەتلەيدۇ، ئۇلارغا ئاھانەت قىلغان كىشىنى ئاللاھ تائالا خار قىلىدۇ.
كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇئامىلىسى بويىچە ئاللاھ تائالامۇ بەندىلەرگە شۇ بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ. سىز كىشىلەرگە قانداق قىلسىڭىز، ئاللاھ تائالامۇ سىزگە شۇنداق قىلىدۇ.
مۇسۇلماننىڭ جېنى، مىلى، يۈز ئابرۇيى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ھۆرمەتلىكتۇر. مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىق، خەير-ئېھسان قىلغان، رەھىم-شەپقەت قىلىغان، قېيىنچىلىقلىرىنى ئاسان قىلغان، كىشىگە ئاللاھ تائالا ئېھسان قىلىدۇ، رەھمەت قىلىدۇ، مېھرىبانلىق قىلىدۇ، ياخشى مۇكاپات بىلەن تەقدىرلەيدۇ. ئۇ كىشىنى قىيامەت مەيدانىدا ئۆزىنىڭ ئەرشنىڭ سايىسىدا سايىدىتىدۇ. ئەمما مۇسۇلمانلارغا قاتتىق قوللۇق قىلغان، ئىشلىرىنى قىيىنلاشتۇرغان كىشىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى قېيىنلاشتۇرىدۇ. ئۆز قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدە بولغان كىشىنىڭ ھاجىتىنى ئاللاھ ئاسان قىلىدۇ. مۆمىننىڭ دۇنيادىكى قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلغان كىشىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلىدۇ. تىلىنى كىشىلەرگە ئازار بېرىشتىن ساقلىغان كىشى ئىنسانلارنىڭ ئازار-كۈلپىتىدىن ساقلىنىدۇ. مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپقان كىشىنى ئاللاھ دۇنيا-ئاخىرەتتە رەسۋا قىلمايدۇ. مېھرى-شەپقەت، رەھىمدىللىك ئاللاھنىڭ ئەرشىگە ئېسىقلىق بولۇپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا مېھرى-شەپقەت قىلغان كىشىگە ئاللاھ تائالا رەھىم-شەپقەت قىلىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقانلارنى يوقلىمىغان كىشىنى ئاللاھ تائالامۇ يوقلىمايدۇ.
ھاجىتىدىن سىرت كىشىلەردىن بىر نەرسە تەلەپ قىلغان كىشى پىقىر-مىسكىنلىككە دۇچار بولىدۇ، مال-دۇنيا توپلاش مەقسىتىدە كىشىلەردىن بىرنەرسە سورىغان كىشى قىيامەت كۈنىدە يۈزىنىڭ گۆشى بولمىغان داق سۆڭەك ھالەتتە كېلىدۇ. كىشىلەرگە بىر نەرسە بېرىپ كېيىن ئەزىيەت قىلغان كىشىگە ئاللاھ جازا بېرىدۇ، ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزگەن كىشىگە ئاللاھ تائالا زىيان يەتكۈزىدۇ.
دۇنيادا قانداق گۇناھ سادىر قىلىنسا ئاخىرەتتە شۇنىڭغا مۇۋاپىق جازا بېرىلىدۇ. دۇنيادا ھارام قىلىنغان نەرسە بىلەن لەززەتلەنگەن كىشى ئاخىرەتتە ئۇ تۈردىكى نېمەتتىن مەھرۇم قالىدۇ. دۇنيادا ھاراق-شاراپ ئىچىپ ياشىغان كىشى ئاخىرەتنىڭ شارابىنى تېتىيالمايدۇ. دۇنيادا يىپەك كېيىم كىيگەن ئەرلەر ئاخىرەتتە كىيىدىغان يىپەك كېيىملەردىن مەھرۇم قالىدۇ. دۇنيادا ھەقىقەتتىن كۆز يۇمغان كىشى ئاخىرەتتە قىيامەت مەيدانىدا كۆزى كۆر ھالەتتە بولىدۇ. دۇنيادا كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قېلىش ئارقىلىق تىلىنى لەززەتلەندۈرگەن كىشى قىيامەتتە تىرناقلىرى قوغۇشۇندىن قىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ يۈزلىرىنى تىلىپ، تاتىلاش بىلەن ئازابلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ زېمىنىنى ھەقسىز ئىگىلىۋالغانلارغا قىيامەت كۈنىدە يەتتە قات زېمىن تاقاق شەكىلدە كىيدۈرۈلىدۇ. دۇنيادا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان كىشى ئاخىرەتتە شۇ شەكىلدە جازالىنىدۇ. زىنا-پاھىشە بىلەن شۇغۇللانغان كىشى دوزاختا، تاپىنى تەرەپتىن ئوت يىقىلىپ ئازابلىنىدۇ. جازانىخورلۇق قىلىپ كىشىلەرنىڭ مېلىنى يېگەن كىشىلەر ئوتلۇق تاشلار ئېغىزلىرىغا ئالغۇزۇلۇپ يۈتتۈرلىدۇ.
دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ نەتىجىسى قىيامەت كۈنىدە كۆرىلىدۇ. نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلغان كىشىلەر نامازخانلار كېرىدىغان ئىشىكتىن جەننەتكە كېرىدۇ .ھەجگە ئېھرام باغلاپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى قىيامەت كۈنى تەلبىيە ئېيتىپ ئورنىدىن تۇرىدۇ . ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ شېھىت بولغان كىشى، قىيامەت كۈنى جاراھەتلەردىن مىسكى-ئەنبەر پۇرىقى تارىغان ھالەتتە تۇرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرى قىيامەت كۈنىدە تاھارەت ئالغان ئەزالىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرغان ھالەتتە كېلىدۇ. قىيامەت كۈنىدە مۇئەززىنلەرنىڭ بوينى ھەممىدىن ئۇزۇن بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرى ھەقتۇر . كاپىرلارغا ئازاب بېرىش بىلەن قىلغان ۋەدىسى راستتۇر. ياخشى ئەمەل قىلغانلار مۇكاپاتلىنىدۇ، چەكلەنگەن-ھارام ئىشنى قىلغانلار ئازابلىنىدۇ.
خۇلاسە: سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاخىرەتلىك ئورنىڭىزنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، دۇنيادا قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزگە قاراپ بېقىڭ!.
ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى ياخشىلىققا يېتەكلىسۇن.