×
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ28/01/1433ھـ 2011-يىلى12-ئاينىڭ23-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىنسان ھاياتىغا ئالاقىدارلىق چوڭ-كىچىك بارلىق ئىشلاردا راستچىللىقغا بۇيرۇيدىغانلىقى، راستچىللىق بىلەن قىلىنغان مۇئامىلىدا بەرىكەت بولىدىغانلىقى، ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىق بىلەن قىلىنغان مۇئامىلىدا بەرىكەت بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

    راستچىلىق

    ئۇيغۇرچە – الأويغورية ] - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەين ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: ن.تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2011 - 1432

    ﴿الصدق﴾

    «باللغة الأويغورية»

    فضيلة الشيخ حسين بن عبد العزيز آل شيخ

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: ن. تمكيني

    حقوق الطبع والنشر لكل مسلم

    2011 - 1432

    راستچىلىق

    2011-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كېيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان مۇسۇلمانلارغا " ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قېلىش ئىككى دۇنيادا بەخت-سائادەت تېپىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر " دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

    ئومۇمى ئىنسانلار بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىدە سەمىمى-راستچىل بولىشى زۆرۈر بولۇپ، بۇ ئىسلامنىڭ كەسكىن ئاساسلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَقُولُواْ قَوۡلٗا سَدِيدٗا ٧٠ يُصۡلِحۡ لَكُمۡ أَعۡمَٰلَكُمۡ وَيَغۡفِرۡ لَكُمۡ ذُنُوبَكُمۡۗ وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَقَدۡ فَازَ فَوۡزًا عَظِيمًا ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! اﷲ تىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار،اﷲ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ (يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ)، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ.» [سۈرە ئەھزاب 69-70 –ئايەتلەر].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَكُونُوا مَعَ الصَّادِقِينَ ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قېلىڭلار، ھەقىقى سەمىمى-راستچىل كىشىلەر بىلەن بىرگە بولۇڭلار .» [سۈرە تەۋبە 119-ئايەت]. ھەقىقەتەن راستچىللىق ئىسلام پرىنسىپىنىڭ چوڭ-كېچىك بارلىق تۇزۇملىرىدە ئۆزگىچە شەكىل بىلەن مەۋجۇتتۇر.

    مۇئامىلە ۋە سودا-سېتىق، ئىجتىمائى ئالاقە، كىشىلىك تۇرمۇش قاتارلىق ئىنسان ھاياتىغا باغلىنىدىغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەردە ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قېلىش بولسا، ئىسلام دىنى ئەڭ يامان كۆرىدىغان ۋە ناچار ئەخلاق قاتارىدىن سانىغان ئىشلاردىندۇر.

    ئۆزىنىڭ مۇئامىلە ئىشلىرىدىكى ساختىپەزلىك ۋە ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىنى شەيتان چىرايلىق كۆرسىتىپ، ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتىنى دەپ باشقىلارغا زىيان سالغۇچى ئىنسانلارنىڭ، ھەممە ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالا كۇزۇتىپ تۇرىدۇ ۋە مەزكۇر ئىنسان ئۆز نەپسىنى دەرتلىك ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.

    كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك قېلىپ ئېلىۋالغۇچى كىشىلەر، ئازابقا دۇچار بولۇشتىن ئىلگىرى، ئۆز نەپسىنى بۇنداق ناچار قىلمىش ۋە يامانلىقلاردىن چەكلىمىگەن كىشىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!.

    بەزى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: ئۆزىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىدا ياكى ئۇنىڭدىن باشقا مۇئامىلاتلىرىدا ھەرقانداق يول بىلەن بولسۇن ساختىپەزلىك قىلغۇچىلار، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئالدامچىلارغا قاتتىق ئازاب بېرىش بىلەن قىلغان ۋەدىسىگە مۇۋاپىق كەلگۈچىلەردۇر . چۈنكى ئۇلار ساختىپەزلىك قېلىش ئارقىلىق زېمىندا بۇزۇقچىلىق پەيدا قىلدى . كىشىلەرنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلدى . بېخىللىق قىلدى ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلدى .

    ساختىپەزلىك ۋە ئالدامچىلىق قېلىش چوڭ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى بۇنىڭ بارلىق تۈرلىرى ۋە شەكىللىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان، بۇنداق ئىپلاسلىققا چېتىلىپ قېلىش ياكى چۈشۈپ قېلىشتىن ئاغزاكى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ۋە ئاگاھلاندۇرغان. ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى، دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ئازابىنىڭ بەك دەرتلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن.

    سودا-سېتىق، ئىجارە ۋە باشقا شەكىلدىكى تىجارەت ئورۇنلىرىدا ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن ئىسلام دىنى ساختىپەزلىك-ئالدامچىلىقنى كەسكىن چەكلىدى، ئىسلام قانۇنى ساختىپەزلىكنى چەكلەشتە شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئالدامچىلىق-ساختىپەزلىككە ئىلىپ بارىدىغان ياكى سەۋەپ بولىدىغان بارلىق يوللارنى چەكلىدى ۋە ھارام قىلدى. گەرچە بۇ ئىشلار ئالغۇچى-ساتقۇچىلاردىن سادىر بولمىغان تەقدىردىمۇ. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى كۆز بويامچىلىق قىلىدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

    ساختىپەزلىك-ئالدامچىلىقنىڭ ئەڭ ناچار ۋە ئاقىۋىتى بەك يامان بولغىنى، بەزى قۇرۇلۇش شىركەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ياكى شەخسلەرنىڭ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن تەييار قىلىدىغان قۇرۇلۇشلىرىدا ساختىپەزلىك قېلىشى، سۈپىتى ناچار، چىدامچانلىقى تۆۋەن، تىز بۇزۇلىدىغان قۇرۇلۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشى ياكى ئاددى ئىشنى چوڭ كۆرسىتىپ كۆپلەپ مال-دۇنيا ئۈندۈرۋىلىشى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ ئىسلامدا چەكلەنگەن ھارام ئىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شۇنداقلا زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قېلىپ، ئىنسانىيەت ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە خىيانەت قېلىشتۇر.

    ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى، ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇش دائىرسىدىكى ئورۇنلارنى ياخشى ئىدارە قىلىپ، سەمىمىيەت ۋە ئىخلاس بىلەن خىزمەت قىلىشقا، ئومۇمى خەلق ئىشلىرىغا ياخشى كۆڭۈل بۆلۈشكە دەۋەت قىلدى. چۈنكى رەھبەرلەرنىڭ ئۆز دائىرىسىگە ياخشى قارىماسلىقى ۋە ئومۇمنىڭ ئىشلىرىغا سەل قارىشى ئۇ مۇسۇلمانلارغا ۋە ئۇلارغا ئىشىنىپ، ئۇلارنى بۇ ئىشلارغا مەسئۇل قىلغان چوڭ رەھبەرلەرگە قېلىنغان زور خىيانەت ۋە ئالدامچىلىق ھېسابلىنىدۇ.

    ئۆز نەپسىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ بارلىق مۇئامىلاتلىرىدا سەمىمى بولىشى كېرەك، ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ھەر قانداق خىزمەتنى ئاكتىپلىق بىلەن ئورۇندىشى، ساختىپەزلىك قىلماسلىقى لازىم، كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇلىرىغا شۇنداقلا ئۆز نەپسىگە ھىيلە قېلىش، ئالدامچىلىق قېلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىپ، پاك، دىيانەتلىك، ساپ، تەقۋادار مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك. كۈنلەرنىڭ بىرىدە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بازارغا كېرىپ مۇنداق دەيدۇ: « ئى تىجارەتچىلەر! (ئۇلار كۆزلىرىنى رەسۇلۇللاھقا تىكتى) رەسۇلۇللاھ: ئى تىجارەتچىلەر! راستچىللىقنى ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىدىن قورقۇشنى لازىم تۇتقان تىجارەتچىلەردىن باشقا سۆدىگەرلەر، پاجىرلار يەنى گۇناھكارلار بىلەن بىرگە تىرىلدۇرۇلىدۇ.» [ تىرمىزى رىۋايىتى ].

    ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى راستچىللىق بىلەن ئەخلاقلانغىلى مۇيەسسەر قىلسۇن.