×
ئاپتور ماقالىسىدا، مۇسۇلمان ھاياتىدا ياخشى گۇماننىڭ ئەھمىيىتى، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتىكى رولى، باشقىلاردىن ياخشى گۇمان قىلىشقا ياردەمچى بولىدىغان ئاساسلىق ئامىللار، يامان گۇماننىڭ تەسەۋۋۇرسىز ئاقىۋىتى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلارنى قۇرئان كەرىم ۋە ساغلام ھەدىسلەر بىلەن، شۇنداقلا سەلەپ-سالىھلارنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە گۇماننىڭ ماھىيىتىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

    ياخشى گۇمان قەلب راھىتى

    [ الأويغورية - Uyghur – ئۇيغۇرچە ]

    تەرجىمە قىلغۇچى: ن.تەمكىنى

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: ن.تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2011 - 1432

    ﴿حسن الظن راحة للقلب﴾

    «باللغة الأويغورية»

    ترجمة: نظام الدين تمكيني

    مراجعة: ن. تمكيني

    حقوق الطبع والنشر لكل مسلم

    2011 - 1432

    ياخشى گۇمان قەلب راھىتى

    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

    بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.

    ئىنسان ھاياتىدا ياخشى گۇماندىنمۇ گۇزەلراق، قەلبگە راھەت ۋە نەپسىگە خوشاللىق بېغىشلايدىغان، ئىزتىراپ ۋە مەنىۋى ياكى جىسمانى ئەزىيەتلەردىن ساقلاپ قالىدىغان نەرسە بولمىسا كېرەك.

    باشقىلاردىن ياخشى گۇمان قىلىش بولسا، قەلب پاكلىقىغا، جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە ۋە مۇھەببەت ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، قەلب ئۆچمەنلىكى ۋە ھەسەتتىن خالى بولىدۇ. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر يامان گۇمان قىلماڭلار، شۈبھىسىزكى، گۇمان سۆزلەرنىڭ ئەڭ يالغىنىدۇر، بىر-بىرىڭلارغا جاسۇسلىق قىلماڭلار ۋە ئەيىبلىرىڭلارنى ئىزدەشمەڭلار، بىر-بىرىڭلار بىلەن بەسلەشمەڭلار ۋە ﻫﻪﺳﻪﺗﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ، ﺑﯩﺮـﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺩﺍﯞﻩﺕ قىلىشماڭلار ۋە يامان كۆرۈشمەڭلار، ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    ئەگەردە مۇسۇلمان ياشلىرى يۇقىرىدىكى ھەدىسنى ھاياتىدا ئۆرنەك قىلىپ ياشىغان بولسا ئىدى، دىن ۋە مىللەت دۈشمەنلىرى ئۇلاردىن ھەرگىزمۇ غالىپ كىلەلمەيتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئىتتىپاقسىزلىق ئۇرۇقىنى چاچالمايتتى، چۈنكى قەلبلەر بىرلەشكەن، نەپسىلەر پاكلاشقان جەمئىيەتتە، دۈشمەنلەرنىڭ سىياسىتى ئۆز تەسىرى كۈچىنى كۆرسىتىپ بولالمايدۇ.

    تۆۋەندە مۇسۇلماننىڭ باشقىلاردىن ياخشى گۇمان قىلىشىغا ياردەمچە بولىدىغان بىرنەچچە سەۋەبلەرنى بايان قىلىمىز:

    1- دۇئا قىلىش:

    دۇئا بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ ئىشىكىدۇر. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن ھەرۋاقىت ساغلام قەلب ئاتا قىلىشىنى تىلەيتتى.

    2- ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئۆرنىغا قويۇپ تۇرۇپ چۈشۈنۈش:

    ئەگەر بىرەر مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزدىن، سۆز ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن يامان گۇمان قىلىپ قالساق، ئۇ كىشىگە قانداق ئەزىيەت يەتكۇزىدىغانلىقىمىزنى بىلىش ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆز ۋە ھەرىكىتىگە قارىتا ياخشى گۇماندا بولىشىمىز لازىم. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَّوۡلَآ إِذۡ سَمِعۡتُمُوهُ ظَنَّ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتُ بِأَنفُسِهِمۡ خَيۡرٗا وَقَالُواْ هَٰذَآ إِفۡكٞ مُّبِينٞ﴾ تەرجىمىسى: «بوھتاننى ئاڭلىغان چاغلىرىڭلاردا ئەر - ئايال مۆمىنلەر نېمىشقا ئۆزلىرىنى ياخشى دەپ قاراپ، بۇ ئېنىق بوھتان دېمىدى؟» [ سۈرە نۇر 12-ئايەت ].

    ئاللاھ تائالا مۆمىن بەندىلەرنىڭ تەبىئىتىنىڭ بىرلىكىنى، بىر قېرىندىشى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇنىڭغا سالام بەرگىنى، خۇددى ئۆزىگە سالام بەرگەنگە ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى بىزلەرگە ھېس قىلدۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَإِذَا دَخَلۡتُم بُيُوتٗا فَسَلِّمُواْ عَلَىٰٓ أَنفُسِكُمۡ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەر ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا (يەنى ئۆيدىكى كىشىلەرگە) ئاللاھ بەلگىلىگەن مۇبارەك، پاك سالامنى بېرىڭلار، (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەڭلار .)» [سۈرە نۇر 61-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

    3-سۆزنىڭ ئىجابىي تەرىپىنى ئىلىپ تۇرۇپ چۈشۈنۈش:

    باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى ياخشى تەرەپكە بۇراپ چۈشنىش بولسا، سەلەپ سالىھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ يولىدۇر. بۇ ھەقتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "مۆمىن قېرىندىشىڭىزنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزنى يامان گۇمان قىلماستىن، ياخشى گۇمان قىلسىڭىز، ئۇنىڭدىكى ياخشىلىقلارنى تاپالايسىز".

    ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھ ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالغاندا، بەزى كىشىلەر زىيارەتكە كەلدى-دە، ئۇلارنىڭ بىرى ئىمام شافىئىغا : "ئاجىزلىقىڭىزنى ئاللاھ كۈچلاندۇرسۇن! دېۋىدى، ئىمام شافىئى: ئەگەر ئاجىزلىقىم كۈچلاندۇرۇلسا ئۆلگىنىم شۇ، دېدى. ئۇ كىشى: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ سۆزۈمدە ياخشىلىقتىن باشقا نەرسە ئىرادە قىلمىدىم، دېدى. ئىمام شافىئى: ئەگەر سەن مېنى تىللىغىنىڭدىمۇ، ياخشىلىقتىن باشقا نەرسە ئىرادە قىلمىدى دەپ چۈشىنىمەن، دېدى".

    گەرچە سۆزدىن بىرەر ياخشىلىق دېرەك بەرمىسىمۇ، ئىتتىپاقلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ، ئەپۇچانلىق ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن ياخشى گۇماندا بولۇش ھەقىقى مۇسۇلماندارچىلىق ۋە قېرىنداشچىلىقنى ساقلاپ قىلىشتىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر.

    4- باشقىلارنىڭ ئۆزرىسى بولىشى مۇمكىن دەپ چۈشۈنۈش:

    باشقىلاردىن سىزنى راھەتسىز قىلىدىغان ھەرقانداق گەپ-سۆزلەر سادىر بولسا، مەزكۇر سۆز ۋە ھەرىكەتنى قىلىشتا ئۆزرىسى بولىشى مۇمكىن دەپ چۈشۈنىڭ، شۇنداقلا ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەر باشقىلاردىن ياخشى گۇمان قىلاتتى ۋە "قېرىندىشىڭىزغا يەتمىشلەرچە ئۆزرە ئېھتىماللىقىنى قويۇڭ" دەيتتى.

    ئىبنى سېرىن رەھىمەھۇللاھ: "قېرىندىشىڭىزنىڭ سىز توغرىسىدا بىرنەرسە دېگەنلىكى يەتكۈزۈلسە، بەلكى ئۆزرىسى بولىشى مۇمكىن ياكى ئېھتىمال ئۇ گەپنى دېيىشىدە مەن بىلمەيدىغان ئۆزرىسى بولىشى مۇمكىن دەڭ" دەيدۇ .

    شۈبھىسىزكى، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، بۇ گەپنى دېيىشتە ئۆزرىسى بولىشى مۇمكىن دەپ چۈنۈنۈشكە تىرىشىشىڭىز، نەپسىڭىزنى يامان گۇماننىڭ تەسەۋۋۇرسىز ئاقىۋىتىدىن ۋە قېرىندىشىڭزغا تاپا- تەنە قىلىشتىن ساقلاپ قالىسىز. خۇددى شائىر تۆۋەندىكى مىسرالاردا ئېيتقىنىدەك:

    ئالدىرىما دوستۇڭغا تەنە قىلىشقا.

    ئۆزۈرلۈك ئۇ بەلكىم سەن تەنە قىلغاندا،

    5-كۆڭۈلدىكىگە ھۆكۈم قىلىشتىن چېكىنىڭ:

    بىراۋلارغا سېنىڭ نىيىتىڭ مۇنداق ئىدى، دەپ مۇئامىلە قىلىشتىن چەكلىنىش بولسا، ياخشى گۇمان قىلىشقا ياردەمچى بولىدىغان ئەڭ چوڭ سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. بەندە بارلىق نىيەتلەرنى ئاللاھنىڭ بىلىشىغىلا قويۇشى كېرەك. يامان گۇماندىن يىراق بولىشىمىز ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا بىزنى قەلبتىكىنىڭ ھېسابىنى ئېلىشىمىزغا بۇيرۇمىدى.

    6- يامان گۇماننىڭ ئاپەتلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش:

    ئىنسان ئادەتتە سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتتە مەقسەتسىز خاتالىشىپ قالىدۇ. كىمىكى باشقىلاردىن يامان گۇمان قىلىشقا گىرىپتار بولىدىكەن، ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنى زىيان تارتقاندىن سىرت، ئاخىرى چىقمايدىغان مەۋھۇم خىياللارغا گىرىپتار بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن چارچايدۇ. يامان گۇمانغا گىرىپتار بولغۇچى، ئۆز گۇمانىنى توغرىغا چىقىرىش ئارقىلىق، باشقىلارغا تۆھمەت قىلىدۇ. بۇ بولسا ئاللاھ تائالا ئۆز كىتابىدا چەكلىگەن تەقۋادارلىق ۋە پاكلىق دەۋاسى قىلىشنىڭ بىر تۈرىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَلَا تُزَكُّوٓاْ أَنفُسَكُمۡۖ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَنِ ٱتَّقَىٰٓ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، اﷲ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ.» [سۈرە نەجم 32-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا، پاكلىق داۋاسى قىلغان يەھۇدىلارنى ئىنكار قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ يُزَكُّونَ أَنفُسَهُمۚ بَلِ ٱللَّهُ يُزَكِّي مَن يَشَآءُ وَلَا يُظۡلَمُونَ فَتِيلًا﴾ تەرجىمىسى : « ئۆزلىرىنى پاك دەپ قارايدىغانلار (يەنى ئۆزلىرىنى تەقۋادارلىق بىلەن مەدھىيىلەيدىغانلارنى) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك ئەمەس)، اﷲ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا قىلچىلىكمۇ زۇلۇم قىلىنمايدۇ.» [سۈرە نىسا 49-ئايەت].

    شۈبھىسىزكى، باشقىلاردىن ياخشى گۇمان قىلىشقا ئادەتلىنىش، نەپسى بىلەن جىھاد قىلىشتەك ئەڭ قىيىن بولغان ئىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەقەززا قىلىدۇ. شەيتان ئىنساننىڭ قان تومۇرلىرىدا ماڭىدۇ. شۇنداقلا شەيتان ھەرۋاقىت مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا تەپرىقىچىلىك ۋە زۇلۇمغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارغا ۋەسۋەسە قىلىدۇ. لەنەتگەردى شەيتاننىڭ يولىنى كېسىشتىكى ئەڭ قەتئىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى، مۇسۇلمانلاردىن ياخشى گۇماندا بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

    جانابى ئاللاھ ھەممىمىزگە ساغلام قەلب ئاتا قىلسۇن! قېرىنداشلىرىمىزدىن ياخشى گۇمان قىلىشىمىزغا ياردەم بەرسۇن!.