×
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 8/10/1431ھـ 2010-يىلى09-ئاينىڭ17-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا تائەت-ئىبادەتنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى، ياخشى ئەمەللەردىن كىيىن گۇناھ-مەسىيەت ئىشلەنسە، ئەمەللەرنىڭ ساۋابى ئازلايدىغانلىقى، كىمكى رامىزاندا تەلەپكە لايىق ئىبادەت قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىنغان بولسا ئاللاھغا ھەمدۇ-سانا ئېيىشى، ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان بولسا ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى لازىملىقى توغرىسدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

 ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ پەزىلىتى

ئۇيغۇرچە-الأويغورية]-uyghur]

پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇراھمان ھۇزەيپى

تەرجىمە قىلغۇچى:  سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

2010 - 1431

﴿فضل المداومة على الأعمال الصالحة﴾

«باللغة الأويغورية»

فضيلة الشيخ علي بن عبد الرحمن الحذيفي

ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

مراجعة: ن. تمكيني

حقوق الطبع والنشر لكل مسلم

2010 - 1431

ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ پەزىلىتى

2010-يىلى 09-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ، رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە «ئاللاھتىن قورقۇش، ياخشىلىقتىن كېيىن ياخشىلىقنى  داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۆز نەپسىنى چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلاشنىڭ مۇھىملىقى» توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى، ئىبادەتتە كاتتا ساۋابقا ئېرىشكەن ۋە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا مەرتىۋىسى يۇقىرى بولغانلىرى، ئۇلار ياخشىلىققا ياخشىلىقنى ئەگەشتۈرۈپ، ئاللاھنىڭ ساقلىشى، ياردىمى ۋە مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن ئۆز نەپسىنى چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىغانلىرىدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، "پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر" دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: "قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر" دەيدۇ.» [سۈرە پۇسسىلەت 30-31-32-ئايەتلەر] .

بۇلاردىن قالسا ( پەزىلەتتە ) يامانلىققا ياخشىلىقنى ئەگەشتۈرگەن كىشىلەر بولۇپ، يامانلىقتىن كېيىن قىلىنغان ياخشىلىق ئىلگىرىكى يامانلىقنى ئۆچۈرىدۇ، ساھىبىنى دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ئازابتىن ساقلايدۇ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇلارنىڭ تارازىسىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.

ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەزلى-رەھمىتى ۋە ئادىللىقى بىلەن بەندىلىرىنىڭ ئەمەل تارازىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زەررە مىقدارىدىكى ياخشى ئەمەللىرى بولسىمۇ ئۇنى زايە قىلىۋەتمەستىن ساقلاپ قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى زىيادە بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەننەتكە كېرىش سالاھىيىتىگە ئېگە بولىشىغا ياردەم بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرىۋېتىلمەيدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمىلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز.» [ئەنبىيا سۈرىسى 47-ئايەت] .

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ياخشىلىق-يامانلىقنى تەقدىر قىلىۋەتكەن. ياخشىلىقنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى قىلالمىغان كىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا تولۇق بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ، قىلغان كىشى ئۈچۈن بىر ياخشىلىققا ئوندىن يەتتە يۈزگىچە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ساۋاپ بېرىلىدۇ، يامانلىقنى مەقسەت قىلىپ قىلمىغان كىشى ئۈچۈن تولۇق بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ، قىلغان كىشى ئۈچۈن پەقەت بىر يامانلىقنىڭ گۇناھى يېزىلىدۇ»[بۇخارى رىۋايىتى].

يامانلىق يامانلىق بىلەن ئۆچۈرۈلمەيدۇ، ئەمما يامانلىق ياخشىلىق بىلەن ئۆچۈرۈلىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە (يەنى ئەتىگەندە ۋە كەچقۇرۇن ۋاقىتلىرىدا) ۋە كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئۆتىگىن. شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز- نەسىھەتتۇر.» [سۈرە ھۇد 114-ئايەت]. بۇ ئايەتنىڭ چۈشۈش سەۋەبى مۇنداق، بىر كىشى يات بىر ئايالنى سۆيۈپ سىلىپ ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ قىلغان ئىشىدىن خەۋەر بەرگەن ۋاقتىدا بۇ ئايەت چۈشكەن، ئۇ كىشى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۇ ئايەت پەقەت مەن ئۈچۈنمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ياق، بۇ بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن دېگەن»[بۇخارى رىۋايىتى].

مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەيەردە بولساڭ ئاللاھقا تەقۋادار بولغىن، يامانلىققا ياخشىلىقنى ئەگەشتۈرگىن، ئۇ ئىلگىرىكى يامانلىقنى ئۆچۈرىدۇ. كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن». [تىرمىزى رىۋايىتى 1987-ھەدىس].

ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا مەرھەمەت قىلىپ ئۇلارنىڭ دىنىنى ئاسانلاشتۇردى، ئۇلارنىڭ پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ تەييارلىقى ۋە ئەھۋالىغا مۇناسىپ ياخشى ئەمەللەر ۋە خەيرلىك ئىشلارنى كۆپ قىلىۋېلىشى ئۈچۈن تۈرلۈك ياخشى ئىشلارنى يولغا قويدى . پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزىمۇ شۇنى تەكىتلەيدۇ: «دىن ئاساندۇر، دىننى ئۆز بەلگىلىمىسىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن كىشى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ، دىنغا نورمال-توغرا شەكىلدە ئەمەل قىلىڭلار ۋە بۇنىڭ ساۋابىدىن خۇرسەن بولۇڭلار»[بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ياخشىلىقتىن كېيىنكى ياخشىلىق ساۋابنى زىيادە قىلغاندەك، يامانلىقتىن كېيىنكى ياخشىلىقمۇ ئىلگىركى يامانلىقنى ئۆچۈرىدۇ، شۇنىڭدەك تائەت-ئىبادەتتىن كېيىن قىلىنغان يامانلىقمۇ ئىلگىركى ياخشىلىقنى ئۆچۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ھېچنىمە دېمىگەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن كۇفرى سۆزنى ئېيتتى، ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن كافىر بولدى، ئۇلار ئىشقا ئاشمايدىغان ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇندى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى)[ سۈرە تەۋبە 74-ئايەت ].

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەتتىن ئىلگىرى كىشىلەرنى زۇلمەتلىك تۈن ئەتراپنى ئورىغاندەك قويۇق پىتنىلەر ئورايدۇ، مۇسۇلمان تاڭ ئاتقۇزغان كىشى كاپىر ھالەتتە كەچ قىلىدۇ، مۇسۇلمان ھالەتتە كەچ قىلغان كىشى كاپىر ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدۇ، دىنىنى دۇنيالىققا ساتىدۇ »[مۇسلىم رىۋايىتى].

مۇسۇلمانلار ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابنى  بىكار قىلىۋېتىدىغان ئىشلاردىن ھەزەر قىلىپ، تائەت-ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ پەزىلىتىنى ساقلاپ قىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھغا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى (كۇفرى، نىفاق ۋە رىيا بىلەن) بىكار قىلىۋەتمەڭلار.» [سۈرە مۇھەممەد 33-ئايەت].

تائەت-ئىبادەتتىن كېيىن قىلىنغان ئاسىيلىق ياخشى ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋەتكەندىن سىرت يەنە ئىلگىرىكى ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنىمۇ كېمەيتىۋېتىدۇ.

قېرىنداشلار! سىلەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى، ياخشىلىق-بەرىكەتلىرىگە تولغان، ئەجىر-ساۋاب  ھەسسىلەپ زىيادە بولىدىغان ئۇلۇغ بىر ئايدا بولدۇڭلار، تۈرلۈك ياخشىلىقلارنى قىلىش ئارقىلىق قەلبىڭلارنى راھەتلەندۇردۇڭلار، ئەمدى گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىش  ئارقىلىق قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار، شەيتانلارغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋەتمەڭلار، ئەمەللەرنى زايە بولۇپ كېتىشتىن ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى قۇرئان-ھەدىس كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىشتۇر. رامىزان ئېيىدا ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلغانلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا كۆپلەپ ھەمدە-سانا ئېيتىش بىلەن بىرگە ئاخىرقى ھاياتىغىچە ياخشى ئەمەللىرىنى داۋاملاشتۇرسۇن، ئەمما ۋاقىتقا سەل قاراپ بۇ ئاينى زايە قىلىۋەتكەنلەر بولسا سەمىمىيلىك بىلەن ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ قالغان ھاياتىنى تائەت-ئىبادەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرسۇن. ئاللاھ بەندىلەرنىڭ تەۋبىسىنى ۋە قىلغان ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ئاللاھ بارلىق ئايلار ۋە ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئاللاھ بىلەن بەندىنىڭ ئارىسىغا توسالغۇ بولىدىغان زامان ۋە ماكان يوقتۇر.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى دىنىمىزدا مۇستەھكەم تۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.