×
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 5/9/1429 ھـ / 2008-يىلى 09-ئاينىڭ 05-كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەين ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.بۇ خۇتبىدا رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى، روزىنىڭ ماھىيىتى، روزىدارنىڭ ئاللاھ نەزىرىدىكى ئورنى، بۇ مۇبارەك ئايدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەكلىكى، قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى قاتارلىق رامىزان ۋە روزىغا ئائىت مۇھىم مەسىلىلەر ئۇستىدە توختالغان.

    رامزاننىڭ پەزىلىتى، روزىنىڭ ماھىيىتى ۋە روزىدارنىڭ ئورنى

    [ئۇيغۇرچە]

    رمضان شهر الجود والكرم

    [باللغة الأويغورية]

    خاتىپ: شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ

    الخطيب: الشيخ حسين بن عبد العزيز آل الشيخ

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    المترجم: سيف الدين أبو عبد العزيز

    تەكشۇرۇپ بىكىتكۇچى: ن. تەمكىنى

    المراجعة: ن. تمكيني

    رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى

    المكتب التعاوني للدعوة وتوعية الجاليات بالربوة بمدينة الرياض

    1429 – 2008

    رامزاننىڭ پەزىلىتى، روزىنىڭ ماھىيىتى ۋە روزىدارنىڭ ئورنى

    2008- يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ تەپسىلى مەزمۇنى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار پەزلى - ئېھسان ۋە نېمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچى ئاللاھغا مەنسۇپتۇر، ئالەملەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنى ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەپ، ئىنسانلارنىڭ خوجىسى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن. ئى ئاللاھ! سىلىدىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابىلەرگە بىر - بىرىگە ئۇلىنىپ كېلىۋاتقان ئايلار ۋە ئارقىمۇ - ئارقا ئۆتۈۋاتقان يىللاردا دائىم رەھمەت، بەرىكەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز.

    ئى مۇسۇلمانلار! مەن ئۆزۈمنى ۋە سىلەرنى ئاللاھغا تەقۋالىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمەن، ئى مۇسۇلمانلار! سىلەرگە ئېسىل بىر ئاي ۋە كاتتا بىر بايرام يىتىپ كەلدى، بۇ ئايدا كۆپ ياخشىلىقلار بولۇپ جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭرى بولىدۇ، بەندىلەرنىڭ دەرىجىلىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ ئاينى تەقۋالىق ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن قىلدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:« ئى مۆمىنلەر! گۇناھلاردىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە يەنى ئىلگىركى ئۈممەتلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك سىلەرگىمۇ رامىزان روزىسى پەرز قىلىندى»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دەيدۇ:« سىلەرگە رامزاندىن ئىبارەت مۇبارەك ئاي يىتىپ كەلدى، بۇ ئايدا ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلارغا كىشەن - تاقاق سېلىنىدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:« كىمكى رامزاندا ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ روزا تۇتسا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىركى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»،«كىمكى قەدىر كېچىسىدە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن ۋە ساۋاپ ئۈمىد قىلغان ھالەتتە تۇرسا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىركى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ».

    ياخشىلىققا ئالدىرىغۇچىلار ئۈچۈن رامىزان ئېيى كەلدى، بۇ ئاي ئاسمان - زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا يېقىنلىشىشنى مەقسەت قىلىپ تەييارلىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مۇسابىقە مەيدانى بولۇپ، ئۆز نەپسىنى گۇناھ - مەسىيەتكە چۆمدۈرۈۋەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن كەلگۈسىدە توغرا يول تېپىپ بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھغا يېڭىلاپ تەۋبە قىلىۋېلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى، بۇ ئاينى ياخشىلىق، ئېسىل ئەخلاق ۋە ئالى جاناپلىققا يېتەكلەيدىغان يېتەكچى قىلىش كېرەك. دىنى قېرىنداشلار! رامىزان ئېيى بولسا دۇنيا - ئاخىرەت ئىشلىرى ئۈچۈن سېخىلىق ۋە خەيرى - ئېھساننىڭ ھەممە تۈرلىرى تېپىلىدىغان ئېسىل ئاي بولۇپ، بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دېگەن:" پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ سېخىي زات ئىدى، بولۇپمۇ رامزاندا جىبرىئل ئەلەيھىسالام بىلەن ئۇچراشقاندا تېخىمۇ سېخىيلىشىپ كېتەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام جىبرىئل ئەلەيھىسالام بىلەن رامزاندا ھەر كېچىسى ئۇچرىشىپ قۇرئاندىن دەرس ئوقۇشاتتى، جەزمەنكى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ جىبرىئل ئەلەيھىسالام بىلەن ئۇچراشقان چاغدىكى سېخىيلىقى شامالدىنمۇ تېز ئىدى".

    خەيرى - ئېھساننىڭ ياخشىسى، مال - مۈلكىنىڭ زاكىتىنى بېرىش بولۇپ، ئالىملار رامزاندا بولۇپمۇ رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە قىلىنغان خەيرى - ئېھساننىڭ دەرىجىسى باشقا ۋاقىتتا قىلىنغان خەيرى - ئېھساندىن يۇقىرى بولىدۇ دېگەن.

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: « كىمكى روزا تۇتقۇچىغا ئىپتارلىق بەرسە روزا تۇتقۇچىنىڭ ئەجرىدىن ھىچ نەرسە كېمەيمەستىن ئىپتار بەرگۈچىگە روزا تۇتقۇچىنىڭكىگە ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدۇ».

    ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! رامزاندا قۇرئان - كەرىم چۈشۈرۈلگەن بولۇپ بۇ ئايدا ئوقۇلغان ۋە تىلاۋەت قىلىنغان قۇرئاننىڭ ساۋابى ئارتۇق ۋە ئەجرى كۆپ بولىدۇ، ئىمام زۆھرى ئىلگىركى سەلەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئەسلەپ، ئۇلار رامىزان ئېيىنى قۇرئان ئوقۇش ۋە كىشىلەرگە تائام بېرىش بىلەن تاماملايىتتى دېگەن.

    ئى مۇسۇلمانلار! رامىزان ئېيى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ئايلاردىن بولۇپ بۇ ئايدا ئاللاھدىن دۇنيا - ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىنى تەلەپ قىلىپ ئاللاھغا يېلىنىپ كۆپ دۇئا قىلىڭلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: « ئۆچتۈرلۈك كىشىنىڭ دۇئاسى تىز ئىجابەت قىلىنىدۇ ئۇنىڭ بىرى روزا تۇتقۇچى بولۇپ ھەتتا ئىپتار قىلغىچە قىلغان دۇئالىرى ئىجابەت قىلىنىدۇ».

    دىنى قېرىنداشلار! روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىبادەتنىڭ تەقەززاسى: نەپسىنى كونترول قىلىپ پاكلاپ، بارلىق ئەزالىرىنى چەكلەنگەن ئىشلاردىن ئىدارە قىلىش، مۇسۇلمان كىشى مۇشۇ ئايدا نەپسىنى كونترول قىلىپ، ھەرخىل شەھۋەتلەردىن ساقلىنىش، ئەزالىرىنى يامانلىق ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن توسۇشى كېرەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار روزا تۇتسا ھاياسىز سۆزلەرنى قىلمىسۇن، ۋارقىراشمىسۇن، ئەگەر بىرى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇرۇشماقچى بولسا، ئۇ كىشى: مەن روزىدار، دېسۇن».

    بۇ ئاي بىز ئۆزىمىزنى تۈزەيدىغان، تىللىرىمىز ۋە ئەزالىرىمىزنى يامان سۆز - ناچار ئىشلاردىن ساقلاشقا ئادەتلەندۈرىدىغان، دىلىمىزدىن ھەسەتخورلۇق،ئۆچ - ئاداۋەتنى چىقىرىپ، قەلبىمىزنى پاكلايدىغان تەربەۋىي ئاي بولىشى كېرەك.

    ئۆزى روزا تۇتۇپ ئەزالىرىنى گۇناھ - مەسىيەتتىن چەكلىمىگەن مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇڭلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:« كىمكى يالغان سۆز ۋە يامان ئىشنى روزىدار تۇرۇپمۇ تاشلىمىسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ يېمەي ۋە ئىچمەي يۈرۈشىگە ھاجىتى يوق،(ئۇ ئادەمنىڭ تۇتقان روزىسىغا ساۋاپ بېرىلمەيدۇ».

    ئاللاھ بۈيۈك قۇرئان كەرىم بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە بەرىكەت بەرسۇن، ئۇنىڭدىكى ۋەز نەسىھەتلەردىن ھەممەيلەنگە مەنپەئەت بەرسۇن، مەن ۋە سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمەن، ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھ غالىبتۇر، كەچۈرۈم تەلەپ قىلغۇچىلارنى كەچۈرگۈچىدۇر.

    ئىككىنچى خۇتبە

    ئاللاھنى بىزگە قىلغان خەيرى ئېھسانلىرىگە چەكسىز ماختايمىز، بەرگەن نېمەتلىرىگە ۋە توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا ھېسابسىز شۈكرى ئېيتىمىز، ئاللاھنىڭ شەنىنى كاتتىلاپ ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز. ئاللاھتىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت ۋە مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

    ئى مۇسۇلمانلار! مەن ئۆزۈمنى ۋە سىلەرنى ئاللاھغا تەقۋالىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمەن،

    تەقۋالىق بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ئىلگىركى ۋە كېيىنكىلەرگە قىلغان تەۋسىيەسىدۇر، ئى مۇسۇلمانلار! رامزاندىن ئىبارەت بۇ مۇبارەك ئايدا ھەر ۋاقىت ئاللاھغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار، تەراۋىھ نامىزىنى ئىخلاس بىلەن ئوقۇڭلار. بۇخارى بىلەن مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:« كىمكى رامزاننىڭ كېچىسى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ تەراۋىھ ئوقۇسا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىركى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ». بىلىڭلاركى ئاللاھنىڭ پەزلى - ئېھسانى كۆپ بولۇپ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ سۆزلىگەن ھەدىسى بۇخارى بىلەن مۇسلىمدا ۋە باشقا ھەدىس توپلاملىرىدا بايان قىلىنغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:« كىمكى رامزاننىڭ كېچىسى ناماز ئوقۇپ ئىمام بىلەن بىرگە يانسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن پۈتۈن بىر كىچە ناماز ئوقۇغاننىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ»، سىلەر پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىڭلار، بۇ ئېسىل ئايدا ئېرىشىدىغان ئەجىر - ساۋاپلارنىڭ قىممىتىگە دۇنيادا ھىچ نەرسە باراۋەر كەلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ رەھمەت، پەزلى - ئېھسانىنى، جەننەتكە ئېرىشىش بىلەن بەخت تېپىپ، دوزاخ ئازابىدىن قۇتۇلۇشنى تەلەپ قىلىڭلار.

    ئاللاھ تائالا بىزنى ناھايىتى بۈيۈك بىر ئىشقا بۇيرىدى، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللاشتىن ئىبارەت. ئى ئاللاھ! سىلىدىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

    ئى ئاللاھ! توغرا يول تۇتقۇچى ۋە كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلىغۇچى تۆت خەلىپىدىن يەنى ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلى ۋە باشقا ساھابىلاردىن ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەردىن رازى بولغىن، ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلغىن. ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خار قىلغىن، دىن دۈشمەنلىرىنى تارمار قىلغىن، مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ ئۈممەتلىرىگە يامانلىقنى مەقسەت قىلغانلارنى ئۆزى بىلەن ئاۋارە قىلغىن، ئۇلارنىڭ ھىيلە مىكىر باتىللىرىنى يوق قىلغىن.

    ئى ئاللاھ! مۆمىن ئەر - ئاياللارنى، مۇسۇلمان ئەر - ئاياللارنى، ھايات قالغان ۋە ۋاپات بولغان ئەر - ئاياللارنى كەچۈرگىن، مەغپىرەت قىلغىن، بۇ ئاينى ياخشى ئەمەللەر بىلەن تەقۋالىقنى ھاسىل قىلىپ، سەن رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىدىغان پۇرسەت قىلىپ بەرگىن. بىزگە دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىغىنى ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.

    ئى ئاللاھ! بۇ ئايدا بىزنىڭ ھەممە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلغىن، بىزنىڭ ئىلگىركى ۋە كىيىنكى، ئاشكارا يوشۇرۇن گۇناھلىرىمىزنى، بىز بىلمىگەن سەن بىلىدىغان گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلغىن.

    ئى ئاللاھ!بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىزنى سىنىڭ توغرا يولۇڭغا مۇۋەپپەق قىلغىن، ياردىمىڭ بىلەن كۈچلاندۇرغىن، ئۇلارنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلغىن، قىلغان ئىشلىرىنى سەن رازى بولىدىغان ئىشلاردىن قىلغىن، بارلىق مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى سىنىڭ كىتابىڭ ۋە پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئىشلىرىغا كۆيىنىدىغان قىلغىن. سەن ھەممىدىن بىھاجەت- ماختالغۇچىدۇرسەن.

    ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھنى كۆپ يادىتىڭلار، ئەتتىگەن - ئاخشامدا ئاللاھغا تەسبىھ ئېيتىپ ئىبادەت قىلىڭلار.