ﮬﻪﺟﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ؟
كاتوگورىيەلەر
مەنبە
Full Description
ﮬﻪﺟﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ؟
[ئۇيغۇرچە]
كيف نفهم الحج؟
[باللغة الأويغورية]
ئەلى رىزا دېمىرجان
علي رضا دميرجان
المترجم: ع.قاراقاش
تەرجىمە قىلغۇچى: ئا.قاراقاش
تەكشۇرۇپ بىكىتكۇچى: ن. تەمكىنى
المراجعة: ن. تمكيني
رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى
المكتب التعاوني للدعوة وتوعية الجاليات بالربوة بمدينة الرياض
1428 – 2007
ﮬﻪﺟﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ؟
ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﯩﺌﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺗﻪﺋاﻻﻧﯩﯔ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﻟﮕﯜﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻼﮬﻰ ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﺪﯗﺭ. ﮬﻪﺝ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺗﻪﺑﻠﯩﻎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ «ﺋﯩﺴﻼﻡ»ﻧﯩﯔ ﺧﯘﻻﺳﯩﺴﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯘ ﺧﯘﻻسە، ﺋﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﻻﺳﯩﺴﻰ ﮬﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺝ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﺘﯘﺭ.
ﮬﻪﺝ ﺋﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺧﯘﻻﺳﯩﺴﯩﺪﯗﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺳﯧﻨﺎﺭﻳﯩﺴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯘﻻﺳﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﺟﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯘﻻﺳﯩﻠﯩﻴﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ:
ﺋﺎﻟﻼﮬ، ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ - ﺋﯩﺰﺑﺎﺳﺎﺭ - ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ - ﺋﺎﺩﻩﻡ- ﻧﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﻨﻰ ﺑﻮﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﻪﯓ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﮬﻪﻕ - ﮬﻮﻗﯘﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻍ - ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﺗﯚﻛﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﻓﯩﺴﻘﻰ - ﻓﯘﺟﯘﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ مەخلۇقنى ﻳﺎﺭﺍﺗﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ :«ﺑﯩﺰ ﺳﺎﯕﺎ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺳﯧﻨﻰ ﭘﺎﻙ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﻳﻤﯩﺰ»دەيدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 30- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻓﯩﺴﻘﻰ - ﻓﯘﺟﯘﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ «ﺋﺎﺩﻩم» ﮔﻪ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺳﻪﺟﺪﯨﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ. ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺒﻠﯩﺲ، ﺟﯩﺪﻩﻝ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺳﻪﺟﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ. ﺳﻪﺟﺪﯨﮕﻪ ﺑﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻟﻪﻧﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺋﯩﻼﮬﯩﻲ ﮬﯘﺯﯗﺭﺩﯨﻦ ﮬﻪﻳﺪﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﯟﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﻠﯩﺴﻜﻪ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﯞﻩ ﺩﻩﯞﺍ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯧﮭﺘﯩﺮﺍﻡ ﺳﻪﺟﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﯞﻩ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻗﯘﻟﻼﺭ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺵ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. (ﺋﻪﺋﺮﺍﻑ سۈرىسى11-13 -ئايەتلەر)
ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﯞﻩ ﺟﯜﭘﺘﻰ ﮬﻪﯞﯞﺍﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﭽﻪ ﻳﻪﭖ - ﺋﯩﭽﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﺒﻠﯩﺴﻨﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﻩﺧﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﻓﻪﺱ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ (ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ)ﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. (بەقەرە سۈرىسى 25-27-ئايەتلەر)
ﺋﯩﺒﻠﯩﺲ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍﺋﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷلاپ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﯞﯞﺍﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﻼﮬﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪ ﺩﻩﺭﻩﺧﺘﯩﻦ ﻳﯧﮕﯜﺯﯨﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺭﻩﻓﻪﺱ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﯞﯞﺍﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﻠﯩﺪﯗ.
ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﯞﯞﺍ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﻩ - ﺋﻪﺭﻩﻓﺎﺗﺘﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯩﺒﻠﯩﺲ ﻣﯩﻨﺎﻏﺎ ﻳﻪﺭﻟﯩﺸﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻧﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﯞﯞﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻧﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﮬﯩﺪﺍﻳﯩﺘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﯞﻩ ﺋﯩﭻ - ﭘﯘﺷﯘﻕ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﻧﺪﯗﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﻪﻣﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺟﻪﮬﻪﻧﻨﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﻠﯩﺪﯗ (ﺑﻪﻗﻪﺭە سۈرىسى28-29 -ئايەتلەر) ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ.
ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﯘﻻﺳﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺋﯩﺰﺍﮬﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ:
1- ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﮬﯩﺪﺍﻳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ.
2- ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﺪﺍ ﺑﻮﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﮬﻪﻕ - ﮬﯘﻗﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﺗﯚﻛﯜﭖ ﻓﯩﺴﻘﻰ - ﻓﯘﺟﯘﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ.
3- ﺋﯩﺒﻠﯩﺴﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻯ ﭘﯘﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﯩﺪﻩﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ.
4- ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ «ﺭﻩﻓﻪﺱ»ﻛﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻼﮬﻰ ﺋﻪﻣﺮﻟﻪﺭﮔﻪ ﺯﯨﺖ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺸﻘﺎ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻰ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﻻﻕ ﺳﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ. ﺳﻪﮬﯟﻩﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ.
5- ﻗﻪﺩﻩﺭ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺒﻠﯩﺴﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﯞﻩ ﺟﯩﻦ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﺶ.
6- ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﯘﻻﺳﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﮬﻪﻣﺪﯗﺳﺎﻧﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻧﺎﭘﺎﻙ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻙ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﭖ، ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺶ ﺳﻪﯞﯨﺒﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﯩﻼ ﻗﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻲ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ.
ﮬﻪﺝ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﺘﯘﺭ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﺝ، ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺧﯘﻻﺳﯩﺴﯩﺪﯗﺭ.
ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﻟﻠﯩﺮﻯ - ﻣﯘﯞﻩﮬﮭﯩﺪﻟﻪﺭ - ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺧﯘﻻﺳﺴﯩﺴﻰ ﻣﺎﮬﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎ ﮬﻪﺝ، ﺋﯩﮭﺮﺍﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﮬﻪﺝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ، ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﻪﯞﯞﺍ ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﮭﺮﺍﻡ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺶ، ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯩﺒﻠﯩﺲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺋﯘ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﻖ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﻜﻪ- ﻣﯩﻨﺎ، ﺋﻪﺭﻩﻓﺎﺕ ﺳﯩﺰﯨﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ - ﻗﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻖ - ﻧﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﺘﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﮬﻪﺝ، ﺋﯩﮭﺮﺍﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺋﯩﮭﺮﺍﻡ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺪﯗ.
ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﮭﺮﺍﻡ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺭﻩﻓﻪﺱ، ﻓﯘﺳﯘﻕ ﯞﻩ ﺟﯩﺪﻩﻟﺪﯗﺭ. (ﺑﻪﻗﻪﺭﻩ سۈرىسى 197-ئايەت).
ﺭﻩﻓﻪﺱ - ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻳﯜﺷﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺸﯩﺪﯗﺭ.
ﻓﯘﺳﯘﻕ- ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﺪﯗﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯘﺭ. ﺧﯘﺳﯘﺳﻪﻥ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﮬﻪﻕ - ﮬﯘﻗﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.
ﺟﯩﺪﺍﻝ - ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺒﻠﯩﺴﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺶ؛ ﺋﯩﺠﺮﺍﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺷﺘﯘﺭ.
ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﮬﻪﺝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯧﮭﺮﺍﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﮬﯩﺪﺍﻳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺳﯩﻤﯟﯗﻟﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ «ﺗﻪﻟﺒﯩﻴﻪ» ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﺟﮕﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻓﯘﺳﯘﻕ (ﻓﯩﺴﻘﻰ - ﻓﯘﺟﯘﺭ) ﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﺍ ﮬﻪﻕ - ﮬﻮﻗﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻍ - ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻥ ﺗﯚﻛﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﻞ ﭼﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻤﯘ ﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ.
ﺋﯘ، ﺟﯩﺪﻩﻝ - ﻣﺎﺟﺮﺍﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺒﻠﯩﺴﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﺎﺩﺩﯨﺰﻣﭽﻰ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﻳﺪﯗ.
ﺋﯧﮭﺮﺍﻣﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻳﯜﺷﯜﺵ ﯞﻩ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﺭﻩﻓﻪﺱ»ﺗﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﯞﯞﺍﻧﯩﯔ ﺋﯩﻼﮬﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﯘﭖ، ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﮬﻪﺝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯧﮭﺮﺍﻡ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﺟﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺷﻪﺭﺗﯩﻨﻰ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﻖ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ «ﺋﻪﺭﻩﻓﺎﺕ»ﻗﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ «ﺋﻪﺭﻩﻓﺎﺕ» ﯞﻩﻗﻔﯩﺴﻰ (ﺋﻪﺭﻩﻓﺎﺗﺘﺎ ﺗﯘﺭﯗﺵ) ﮔﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻮﺷﺨﻪﯞﯨﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻥ ﺗﯚﻛﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ «ﺋﻪﺭﻩﻓﺎﺕ»ﺗﺎ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ
ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ.(ﺑﻪﻗﻪﺭﻩ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 197- ﺋﺎﻳﻪت )
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﯞﻩ ﮬﻪﯞﯞﺍ ﺭﻭﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﻰ «ﺋﻪﺭﻩﻓﺎﺕ»ﺗﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﺗﺘﯩﯟﯦﯩﺸﻰ ﺋﯩﺒﻠﯩﺴﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ «ﻣﯩﻨﺎ»ﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺳﻪﺟﺪﯨﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺭﻩﺟﯩﻢ (ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ)ﻗﺎ ﻣﻪﮬﻜﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﻠﯩﺴﻘﺎ، ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ ﺯﯨﻜﺮﻯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﯞﻩ ﮬﻪﺝ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺵ ﺋﺎﺗﯩﺪﯗ. (ﭼﯜﻧﻜﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ: «ﺋﻪﺭﻩﻓﻪ (ﮬﺎﺭﭘﻰ) ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﻗﻮﺭﺷﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻪﺭﻩﻓﺎﺗﺘﺎ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ...) ( ﺑﻪﻗﻪﺭﻩ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 203 - ﺋﺎﻳﻪﺕ)
ﺋﯘﻧﻰ، ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯧﻐﯩﻞ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺋﯩﺒﻠﯩﺴﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﻩ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺳﯩﻤﯟﯗﻟﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﺗﺎﺵ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.
ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺵ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﯨﻐﺎ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﯩﻦ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ، ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻣﺎﯕﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺋﯩﻼﮬﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻨﻰ، ﺭﻭﮬﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺗﻪﺗﺒﯩﻘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ( ﺑﻪﻗﻪﺭﻩ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 197-ﺋﺎﻳﻪﺕ) ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺟﯩﺪﻩﻟﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺒﻠﯩﺴﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﺸﻰ، ﮬﻪﺟﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﮔﯘﻧﺎﮬﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻛﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﯟﯦﺘﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﻪﺝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﯧﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺷﯜﻛﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. (ﮬﻪﺝ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 28-29-ﺋﺎﻳﻪﺕلەر).
ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺳﻪﺟﺪﯨﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻴﺎﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺗﻪﺋﻪﻻﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮ - ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ، ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﯗﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﺑﯩﻨﻰ ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ.
ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﮬﻪﻣﺪﯗﺳﺎﻧﺎﻻﺭ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ، ﺗﻪﺳﺒﯩﮭ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻗﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﺎﯞﺍﻓﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮﻟﯩﻚ ﺳﺎﻻﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺧﯘﺳﯘﺳﻰ ﻗﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﮬﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ مەنىدىن ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﯩﻼ ﻗﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻗﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﺋﯩﻤﺰﺍﻻﻳﺪﯗ. ﺗﺎﯞﺍﻓﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ - ﻗﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﺷﯘﺋﯘﺭﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﯗﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﯞﺍﻓﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﻗﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﮬﯧﺴﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﻗﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﯞﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺩﯦﺪﻩﻙ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺳﻪﯞﺭ ﺳﯩﻤﯟﯗﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﺟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﻪﺋﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ.
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﺷﯘﺋﯘﺭﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ۋىدا - ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﺶ - ﺗﺎﯞﺍﻓﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﮬﻪﻣﺪﯗﺳﺎﻧﺎﻻﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ، ﺋﯘﻧﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻧﻮﻗﺴﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭘﺎﻙ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺗﻜﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩﻙ ﮬﻪﺝ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﻰ، ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺧﯘﻻﺳﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﺝ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻳﯜﻛﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮔﯘﻧﺎﮬﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻛﻠﯩﻨﯩﭗ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺧﻮﺵ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ.
ﺋﺎﻟﻼﮬ ﮬﺎﺟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ، ﮬﻪﺝ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﺝ ﭘﻪﺭﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﺝ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺵ - ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﯩﻤﯘ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ. ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﯞﻩ ﭼﻮﯕﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ. ﺋﺎﻣﯩﻴﻦ!
جۇملىدىن بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىمۇ دۇنيادىكى كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا ئوخشاش ھەج پائالىيىتىمىزنى نورمال ئۆز ئەركىنلىكىمىز بىلەن ئادا قىلالايدىغان پۇرسەتلەرنى ئاتا قىلىشىنى ئۈلۈغ ئاللاھتىن سورايمىز.