×
ئەگەر ئەر كىشى كۆپ ئاياللىق بولۇشنى ئۈمىد قىلسا، (شەرتلىرىنى بىجا كەلتۇرۇشكە قۇدرىتى يەتسە) ئۇنىڭ شەرتلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟

    كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ شەرتلىرى

    [ئۇيغۇرچە]

    ما هي شروط تعدد الزوجات

    [باللغة الأويغورية]

    مۇپتى: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىين

    المفتي: الشيخ محمد بن صالح العثيمين

    تەرجىمە قىلغۇچى: ن. تەمكىنى

    المترجم: ن. تمكيني

    تەكشۇرۇپ بىكىتكۇچى: ن. تەمكىنى

    المراجعة: ن. تمكيني

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    1430 – 2009

    كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ شەرتلىرى

    12523-نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ئەگەر ئەر كىشى كۆپ ئاياللىق بولۇش شەرتلىرىنى بىجا كەلتۇرۇشكە قۇدرىتى يەتسە، ئۇنىڭ شەرتلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟

    جاۋاب:

    بارچە مەدھىيەلەر ئاللاھغا خاستۇر.

    ئىسلام دىنىدا كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ بىرقانچە شەرتلىرى بار :

    1- ماددى، جىسمانى تەرەپتىن قۇدرىتى يېتىشى.

    2- ئاياللىرى ئوتتۇرىسىدا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلىدە بولىشى .

    كۆپ ئاياللىق بولۇش ئارقىلىق ئولتۇرۇپ قالغان قىز-خانىملارنى يامان يولدىن ساقلاپ قىلىشقا پايدىسى بار، ئۇ ئارقىلىق كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە دائىرە كېڭىيىدۇ، كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش پۇرسىتى يارىتىلىدۇ. مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ئىستىلى جەھەتتىن ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشتا تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدۇ. (ئەمما بۇ ھۆكۈم ھەر بىر شەخسنىڭ ياشاۋاتقان مۇھىت ۋە شارائىتىغا قاراپ بەزىلەر ھەققىدە ئەمەل قىلىنىشى تەرغىب قىلىنسا، بەزىلەر ھەققىدە چەكلىنىشى ياخشى دەپ قارىلىدۇ.-م-)

    بۇ توغرىسىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى مۆمىنلەر سىلەر مېھرىبان، تۇغۇمچان، تۇغۇشقا قادىر بولالايدىغان ئاياللار بىلەن توي قىلىڭلار». ئۇنىڭدىن باشقىمۇ پايدىلىرى كۆپتۇر.

    ئەمما كۆپ ئاياللىق بولۇش ئارقىلىق باشقىلار ئالدىدا پەخىرلىنىش، بەسلىشىش، پالانچى قوش نىكاھلىق دېيىلىش ئۈچۈن نىكاھلانسا، بۇ ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن نىكاھ بولۇپ ئىسراپ قاتارىدىن سانىلىدۇ. بۇ توغرىسىدا جانابى ئاللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىسراپ قىلماڭلار ئاللاھ تائالا ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ».

    پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىيننىڭ "پەتىۋا ئىسلامىيە" ناملىق ئەسىرى 3-توم 205-بەتكە قارالسۇن.