×
ھەج-ئۆمرە پائالىيەتلىرى جەريانىدا كەبىنى سۆيۈش توغرىمۇ؟

 كەبە شەرىپنى سۆيۈش شەرىئەتتە كۆرسىتىلمىگەن

المفتي: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتىتى

تقبيل الكعبة غير مشروع

سوئال:

ھەج-ئۆمرە پائالىيەتلىرى جەريانىدا كەبىنى سۆيۈش توغرىمۇ؟

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ھەجەرۇلئەسۋەد» دېگەن قارا تاشنى سۆيگەنلىكى سۈننەتتە بايان قىلىنىدۇ، ئەمما  كەبىنى سۆيگەنلىكى ئىسپاتلانمىغان. ( يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىنى سۆيمىگەن)

ئاللاھ ھەممىگە مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر. پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا دۇرۇت سالاملار بولسۇن.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىدىن: شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي ۋە شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان.

ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىنىڭ پەتىۋالار توپلىمى 11-توم 228-229-بەت