×
ھەقىقەت بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئاللاھ ھەقنى غالىپ قىلىپ باتىلنى يوققا چىقارغۇنچە قەدەر داۋاملىشىدۇ، ھاياسىز ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىسلام ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنىڭ ئۆبرازىنى خۈنۈكلاشتۇرۇش ئۈچۈن نىشان قىلىنغان يالغان ۋە تۆھمەتلەر بىلەن تولۇپ-تاشقان بۇ فىلىمگە رەددىيە قايتۇرۇشنى دىنىمنى، پەيغەمبىرىمنى قوغداش يولىدىكى ئىمانى بۇرچۇم دەپ بىلىپ بۇ توغرىدىكى ھەقىقەتلەرنى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغىمۇ يورۇتۇپ بىرىشنى توغرا تىپىپ قولۇمغا قەلەم ئالدىم.

 گوللاندىيەدە ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىشلەنگەن فىلىمگە رەددىيە

الرد على الفلم الذي يسيء الإسلام والمسلمين

مۇھەممەد يۇسۇپ

محمد يوسف

 گوللاندىيەدە ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىشلەنگەن فىلىمگە رەددىيە

ھەقىقەت بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ تارىخى ئۇزۇن زامانلارغا قايتىدۇ. باتىلنىڭ تەرەپدارلىرى ھەر ئەسىر ۋە ھەر جايدا ھەقىقەتكە قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. لېكىن ئاللاھ تائالا باتىلنى ۋە باتىلنىڭ تەرەپدارلىرىنى ھەر زامان تارمار قىلىپ كەلمەكتە.  ئىبلىس ئاللاھنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلىشقا بۇيرىغان ئەمرىنى رەت قىلغان ۋاقىتتىن بىرى  ھەقىقەتكە ۋە ھەقىقەت ئىگىلىرىگە بولغان كۆرەلمەسلىك،سۈيقەست، دۈشمەنلىك ۋە ئۆچ - ئاداۋەت داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

ئىسلام دىنى مۇندىن بۇرۇن كۆپلىگەن چوڭ دۈشمەنلىكلەرگە ۋە كۆپلىگەن سۈيقەستلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا بۇ دىننى ساقلاشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقتىن، دۈشمەنلەرنىڭ ھىيلە - مىكىرلىك پىلانلىرى ۋە ھۇجۇملىرى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇلۇپ كەلدى. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ دىننى تا قىيامەتكىچە شۇنداق ساقلايدىغانلىقىغا ۋە بۇ دىنغا بىلىپ، بىلمەي تىل تەككۈزمەكچى بولغان ئەبلەخلەرنى مۇشۇ دۇنيادىلا جازالاپ، باشقىلارغا ئىبرەت بېرىشىگە ئىمانىمىز كامىل.

مۇشۇ بىر قانچە يىل ئىچىدە ئىسلام ۋە ئىنسانىيەت دۈشمەنلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا، بۇ دىننىڭ پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە بۇ دىننىڭ نۇرلۇق دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىمگە  بىر قانچە قېتىملىق ئادالەتسىز ھۇجۇمى ۋە ئەدەپسىزلىكى مەيدانغا كەلدى. ئىش دەسلەپتە نورۋىگىيىدىن باشلاندى. 2005- يىلى مۇسۇلمانلارنىڭ شانلىق قۇربان ھېيتى ھارپىسىدا، نورۋىگىيىنىڭ« ماگازىنات» ژۇرنىلىدا، يەھۇدىي ئەسىللىك بىرسى تەرىپىدىن  پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋى رەسىمى سېزىلدى. يەنە شۇيىلى دانىيەنىڭ« گلاندز پوستېن» گېزىتىتىنىڭ 2005- يىلى 30- سىنتەبىر سانىدا، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ شەنىگە نومۇسسىزلارچە تىل ئۇزارتىپ 12 پارچە ھەجۋى رەسىم سىزىلدى. ئىنسانىيەتنىڭ، خۇسۇسەن دۇنيادىكى 1 مىليارد 400 مىليون مۇسۇلمان خەلقنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان بۇ ئېغىر جىنايەتلەرگە قارشى كۈچلۈك ئىنكاسلار ۋە رەددىيەلەر تا ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە. بۇ قېتىم گوللاندىيە « ھۆررىيەت» پارتىيىسىنىڭ بېشىدا بولغان رادېكاللىق بىلەن تونۇلغان «گېرد فىلدرز»دېگەن بىرسى نام چىقىرىش ئارقىلىق سىياسى غەرەزلىرىگە يېتىش مەقسىتىدە، ئىسلام دىنىنى قارىلاپ بىر قىسقا فىلىم ئىشلىگەن. فىلىم 17 مىنۇتلۇق بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىسلام دىنىغا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە قۇرئانغا  تۈرلۈك تۆھمەتلەر بىلەن تىل ئۇزارتىلغان. فىلىمنىڭ نامىنى« پىتنە» دەپ ئاتىغان. فىلىم مۇندىن بۇرۇن دانىيىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدە سىزىلغان ھەجۋى رەسىم بىلەن باشلانغان. فىلىمنىڭ بېشىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىدىكى سەللە دەپ تەسۋىرلىگەن بومبا  ئوت ئېلىشقا باشلايدۇ، فىلىم ئاخىرىدا بۇ بومبا پارتلايدۇ. فىلىمنى ئىشلىگۈچى بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ خەسىس غەرىزىنى ئىزاھلاپ «ئىسلام دىنى بۇزۇش ۋە ۋەيران قىلىش ئۈچۈن كەلگەن، بۇنىڭغا سۇكۇت قىلىپ تۇرۇش مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەرنىڭ ھازارىتىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ» دېمەكچى بولىدۇ.

بىز بۇ خەسىس فىلىمگە قايتۇرىدىغان جاۋابىمىزنى مۇنداق تۆتكە بۆلۈپ بايان قىلىمىز:

1. فىلىم ئىشلىگۈچى ئۆزى نەقىل كەلتۈرگەن ئايەتلەرنى بۆلۈۋەتكەن ۋە مەنىسىنى ئۆزگەرتىپ چۈشەندۈرگەن.

(1) فىلىمدا دەسلەپ ئوقۇلغان قىرائەت ئاللاھ تائالانىڭ«  دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن اﷲ نىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزەڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقىتىسىلەر» دېگەن سۆزى بولغان. قىرائەت بۇ يەرگە كەلگەندە توختىتىلغان، ئايەتنىڭ ئاخىرى ئوقۇلمىغان. فىلىم ئىشلىگۈچى بۇنىڭ بىلەن ئايەتتىكى« ترھبون» (قورقىتىسىلەر) دېگەن سۆز ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى تېررورىستلىق دىنى دەپ قارىلىماقچى بولغان. بۇ ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ بىردەك تىرىشىۋاتقان غەرىزىدۇر. بىز مۇسۇلمانلىق سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ ئۇلۇغ دەستۇرىمىز قۇرئان كەرىمدىكى ئايەتلەردىن خۇدۇكسىرىمايمىز، خىجىل بولمايمىز، بۇ خىلدىكى ئايەتلەرنى ھەرگىز ئىنكارمۇ قىلمايمىز. بەلكى ئۇنىڭ تىلاۋىتى بىلەن پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىمىز، مەنىسى بويىچە  ئەمەل قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىشىنى ئاللاھتىن سورايمىز.

بۇنىڭغا مۇنداق ئىككى يول بىلەن رەددىيە بېرىمىز:

بىرىنچىسى، ئىسلام دىنىنىڭ ئۆز ئەھلىنىڭ قوغدىنىشى ۋە دۈشمەنلىرى ئالدىدا پۇت تېرەپ تۇرالىشى ئۈچۈن ئۇلارنى قوراللىنىشقا ۋە ھەر زامان دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىدىن ھوشيار بولۇشقا چاقىرغان بۇ ئايەتنى ئىنكار قىلىپ، بۇ دىننى يولسىز ھالدا قارىلىماقچى بولغانلار ياخشى بىلىدۇكى،  ئۇلار ئېيىبلىماقچى بولغان  بۇ ئىشنى - قوراللىنىش ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ كۆڭلىگە ۋەھىمە سېلىپ  قوغدىنىشنى - ھازىرقى چوڭ دۆلەتلەر قىلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟  ئامېرىكا باشچىلىقدىكى چوڭ، زومىگەر دۆلەتلەر  ئاتوم بومبىلىرى، قىرغۇچ قوراللار، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، دېڭىز ئاستى قورللار ۋە باشقىلارنى  ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى قوغداش، ئۆزلىرىگە كۆز تىكىۋاتقان دۈشمەنلىرىنى قورقۇتۇش، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە ۋەھىمە سېلىش ئۈچۈن ياسايدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا،  بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىمۇ دەل شۇ! مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋالغان كۇففارلار مۇسۇلمانلاردا مۇشۇ ئايەتنىڭ مەنىسى  ئەمەلىيلىشىۋاتقان ھېچبىر زامان  ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىش خىيالىغىمۇ كېلەلمىگەن ئىدى.  بۇنىڭغا تارىخ ئەڭ ياخشى گۇۋاھچىدۇر. پەقەت مۇشۇ ئايەتنىڭ مەنىسىگە مۇسۇلمانلار ئەمەل قىلمىغاندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىش، بايلىقلىرىنى تالان - تاراج قىلىش خاھىشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان بولدى. بۇنىڭ ئەڭ يېقىنقى مىسالى ئىراق. مۇستەملىكىچىلەر ئىراققا كىرىشتىن بۇرۇن ھەرخىل نەيرەڭلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئىراق ھۆكۈمىتىنى زامانىۋى  قوراللىرىنى، راكىتالىرىنى يوق قىلىشقا قىستىدى. ئۇلار قوراللىرىنى يوق قىلىپ بولغاندىن كېيىنلا ئىراققا ھۇجۇم باشلىدى ۋە بېسىۋالدى. بۇ ئايەتنىڭ ھەقلىقىغە  بۇنىڭدىنمۇ ياخشى مىسال بارمۇ؟!

ئەگەر بىز  مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئۇلۇغ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئۆزىمىزنى قوراللاندۇرغان ۋە دۈشمەنلىرىمىزگە ھەيۋە كۆرسىتەلگەن بولساق ئىدى، بۈگۈنكىدەك مەزلۇم، بېچارە،  مۇستەملىكە بولۇپ قالمىغان بولاتتۇق.

ئىككىنچىسى، يۇقىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئايەتنىڭ داۋامى فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ غەرىزىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا تېررورىستلىقنى مەنسۇپ قىلىشىغا ئىمكان بەرمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتتىن كېيىنلا كەلگەن ئايەت « ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، اﷲ غا تەۋەككۈل قىلغىن  اﷲ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»  دېگەن ئايەت بولۇپ،  ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىقنى خالايدىغانلىقى، ئەگەر دۈشمەنلىرى يامان نىيەتلىرىدىن يېنىپ تىنچلىق يولىنى تاللاپ، مۇسۇلمانلارغا  تەگمەيدىغان بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭمۇ تىنچلىق ئىچىدە ئۆتۈشى لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ئادالەتلىك ۋە ئېسىل پرىنسىپ بارمۇ دۇنيادا؟!

ئەگەر پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسى، خۇسۇسەن دۇنيانى ھەيۋىسى بىلەن قورقىتىپ تۇرىۋاتقان چوڭ، زومىگەر دۆلەتلەر  قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ تىنچلىق پرىنسى بويىچە ئىش كۆرۈپ، يامان نەپسىنى يىغقان بولسا ئىدى، بارلىق ئىنسانىيەت ئۇرۇغى بۇ دۇنيادا بەختلىك، خاتىرجەم ياشىغان ۋە قانچىلىغان مىللەتلەر مۇستەملىكە ئاستىدا قالمىغان، ئەركىن -ھۆر ، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇپ ياشىغان بولاتتى.

(2)  فىلىمدا قىرائەت قىلىنغان ئىككىنچى ئايەت« شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز. اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»  دېگەن ئايەت بولۇپ، قىلىم ئىشلىگۈچى بۇ ئايەتنى ئىسلام دىنى ئۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلارنى ئۇلارنى تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەنگە قەدەر كۆيدۈرۈپ جازالاشنى بۇيرۇيدۇ، بۇ ئۇلاردا ئاللاھ قانۇنىدۇر، دېگەن دەۋاسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كەلتۈرگەن. بۇنىڭغا يەنە ئىككى يول بىلەن رەددىيە بېرىلىدۇ:

بىرىنچىسى، بۇ فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ  ئىنتايىن ئەبگالىقىنى ياكى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى بوياشتا مەغلۇب بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئايەت كۇففارلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەمەس، بەلكى قىيامەت كۈنىدىكى جازاسىنى بايان قىلغان. بۇ ئايەتتىن كېيىنلا  مۆمىنلەرنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئېرىشىدىغان مۇكاپاتى بايان قىلىنغان:« ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇ يەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر بولىدۇ، ئۇلارنى جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك سايىسىغا داخىل قىلىمىز»

ئىككىنچىسى، بۇ ئايەت ئۈستىدە ئازراق پىكىر يۈرگۈزگەن ئادەم  فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ ئايەتنىڭ مەنىسى بورمىلىغانلىقىنى، قۇرئانغا تۆھمەت قىلغانلىقىنى ھامان بايقايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايەتتە« ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز» دېگەن. بۇ دۇنيادا مۇسۇلمانلار كۆيگەن ئادەمنىڭ تېرىسىنى يەڭگۈشلىيەلەمدۇ؟ بۇنى دەۋا قىلغان ئادەممۇ يوق.

2. فىلىمدىكى رەسىملەر فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ غەرىزى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ. بۇنىڭ مىساللىرى تۆۋەندىكىچە:

(1)  فىلىمدا رافىزە ۋە شىئەلەردىن بولغان بىر جامائەتنىڭ ئۆزلىرىنى ۋە بالىلىرىنى پىچاقلار بىلەن ئۇرۇپ زىدە قىلىۋاتقانلىقى، ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھالدا باش - كۆزلىرى قانغا بويالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.  ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلار  بىزنىڭ دىنىمىزدىن ئەمەس. پەقەت ئۆزلىرىنى ئىسلام دىنىغا مەنسۇپ قىلىۋالغان بەزى ئازغۇن مەزھەبلەرنىڭ كىشىلىرىنى جاھالەتتىن مۇنداق ئىشلارنى دىنىي تۈستە كۆرسىتىپ قىلىۋاتىدۇ. فىلىمدىكى قانغا بويالغان ھالدا تىكلەنگەن قىلىچ رافىزەلەرنىڭ مۇراسىملىرىدا قىلىدىغان ئادىتىدۇر. فىلىم ئىشلىگۈچى بۇ مەنزىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ  كۇففارلارنىڭ باشلىرىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىنكى تەنتەنىسى دەپ، تەسۋىرلەپ كۆسىتىشكە تىرىشقان.

 (2) فىلىمدىكى يەنە بىر كۈلكىلىك قىپقىزىل يالغاندىن بىرى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ يۈزلىرىنى نىقاپلىۋالغان ھالدا، « گېتلېر ياشىسۇن»دېگەن شۇئارنى كۆتىرىۋالغان رەسىمى ئىدى. دەيمىزكى، بۇ قىپقىزىل يالغان! بىزنىڭ دىنىمىز كاپىرلىق ھالىتىدە ئۆلگەن ئادەمگە دۇئا قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ.« پەيغەمبەرگە ۋە مۆمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس»  مۇسۇلمان، دىندار ئاياللار  قانداقمۇ گېتلېرگە دۇئا قىلسۇن؟!

3 . فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن، بەزىسى راست، بەزىسى يالغان بىلەنلا قاپلانغان خۇنۇك كۆرۈنۈشلەر بولۇپ، بۇنىڭ مىساللىرى تۆۋەندىكىچە:

 (1) فىلىمدا كىچىك بىر مۇسۇلمان قىز بىلەن سۆھبەت بولىدۇ. سۆھبەتتە قىزدىن خرىستىئانلار بىلەن يەھۇدىيلار ھەققىدە سورىلىدۇ. قىز جاۋابىدا،« ئۇلار مايمۇنلار، تۆڭگۈزلەر»دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ قىپقىزىل تۆھمەت بولۇپ، ئىسلام دىنى خرىستىئانلار بىلەن يەھۇدىيلارنى مايمۇن، تۆڭگۈز ئورنىدا كۆرمەيدۇ. پەقەت قەدىمقى يەھۇدىيلاردىن بولغان بىر تائىپە كىشىلەر ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن چىققانلىقى سەۋەبلىك، ئاللاھ تائالانىڭ  ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى مايمۇنغا ئۆزگەرتىۋېتىش بىلەن جازالىغانلىقى ھەققىدىكى قىسسە قۇرئان كەرىمدە كەلگەن.« ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنى (بېلىق تۇتماسلىق) توغرىسىدىكى شەرىئەت چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى (قانداق قىلغانلىقىمىزنى)، ئەلۋەتتە بىلىسىلەر، بىز ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار»دېدۇق»  ،« ئۇلار نەھيى قىلىنغان نەرسىنى تەرك ئېتىشتىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق.»

(2)فىلىمدا بىر مەسجىدنىڭ خاتىبىنىڭ جۈمە خۈتبىسىدا قىلىچنى قولىغا ئېلىپ كۇففارلاغا تەھدىد سالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئېيتىمىزكى، جۈمە خۇتبىسىدا قولىغا قىلىچ ئېلىپ مۇسۇلمانلارنى مۇستەملىكىچى كۇففارلارغا قارشى جىھادقا چاقىرغان خاتىب ئىراقتىكى مەسجىدنىڭ خاتىبىدۇر! مۇسۇلمانلار شۇنداق قىلماي نېمە قىلىشى كېرەك ئىدى؟ زورلۇق بىلەن ۋەتىنىگە بېسىپ كىرگەن دۈشمەنگە تەسلىم بولۇپ،  ئاللاھ قوغداشقا بۇيرىغان ۋەتەننى، دىننى، نومۇسنى، مال - مۈلۈكنى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلماستىن، ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىشى كېرەكمىدى؟! زادى نېمە قىلىشى كېرەك ئىدى؟!! ئىسلام دىنى خورلۇق دىنى ئەمەس، ئەزىزلىق دىنى. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ خار ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنى، باشقىلار تەرىپىدىن ئېزىلىشىنى قەتئىي ياقتۇرمايدۇ. ئۇنداقتتا، ئۇلارنىڭ ۋەتىنىگە بېسىپ كىرگەن باسقۇنچىلارغا قارشى جىھاد قىلىشى پەرزدۇر. بۇنى يەر يۈزىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلار ئەلۋەتتە قوللايدۇ. دۇنيادا ھېچقانداق بىر دىن ياكى قانۇن ياكى پەلسەپە "ئۆيۈڭگە قاراقچى كىرسە ئىشىكنى ئېچىپ بېرىپ جىم يات" دېمەيدۇ. بۇ چوڭ مۇستەملىكىچى دۆلەت ئامېرىكىنىڭ بىر مەسئۇلى:« بىراۋ مېنىڭ ۋەتىنىمنى بېسىۋالماقچى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرغىچە ئېلىشىمەن» دېگەن. ئۇ  بۇ سۆزىدە ھەقىقەتنى ئېيتقان. چۈنكى مۇستەملىكىچىگە قارشى ئۇرۇشۇش ھەركىمنىڭ ھەققى. ئەھۋال بۇنداق بولغان يەردە، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى جىھاد قىلىشىنىڭ نېمىسى يامان ئىكەن؟ فىلىمدا تەسۋىرلەنگەن ھەقىقەت دېگىنىمىز مانا مۇشۇ.

4. ئىسلام دىنىنى تېرورىستلىقنى تەرغىب قىلىدىغان دىن دەپ قارىلاش بۇ فىلىمنىڭ ئاساسىي نىشانىسى بولۇپ، فىلىم ئىشلىگۈچى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن بۇ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان. بىز دەيمىزكى، ئىسلام دىنى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىردىنبىر رەھمەت دىنىدۇر. ئۇ مۇسۇلمانلارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسان ئەۋلادى ئۈچۈن ئادالەت ئېلىپ كەلگەن دىندۇر. مىسىر، ئىسپانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە بولغاندەك باشقا دىننىڭ ئەھلىلىرىنى شۇ دەۋر زالىملىرىنىڭ قولىدىن ئازات قىلىپ، بەختلىك، خاتىرجەم ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانمۇ ئىسلام دىنىدۇر. يەھۇدىيلارمۇ ئىسلامنىڭ شەپقىتىگە ئېرىشكەن مىللەتلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇنىڭغا مۇسۇلمان ئەمەسلەرمۇ گۇۋاھتۇر.  يەھۇدىيلارنىڭ مەشھۇر يازغۇچىلىرىدىن ئىسرائىل ۋېلىفسون مۇنداق دەپ يازغان: «يەھۇدىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى رايونلىرىدا تارتقان زىيانلىرى ئىسلام دىنىنىڭ كېلىشى بىلەن تاپقان پايدىلىرىنىڭ ئالدىدا ھېچ نەرسە سانالمايدۇ. رىم دۆلىتىنىڭ پۈتۈن ئىقلىملىرىغا تارقىلىپ كەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ قاتتىق ئازاب - ئوقۇبەتلىرىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان نەچچە يۈزمىڭلىغان يەھۇدىينى ئىسلام ئاچقۇچى قوشۇنلار قۇتقۇزۇپ قالغان ئىدى».

ئىسلام دىنى خورلىنىش ۋە ئېزىلىش دىنى ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش، ۋەتەنلىرىنى دۈشمەنلىرىدىن ھېمايە قىلىش يولىدا جىھاد قىلىش ئەڭ ئۇلۇغ ئەمەللەردىن سانىلىدۇ . ئىسلام دىنىدا كىشىلەرنى دىنغا كىرىشكە زورلاش يوق. چۈنكى ئىسلامنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى چىن ئىخلاس ۋە راستچىللىق بىلەن ئىمان ئېيتىشتۇر. ھالبۇكى، زورلۇق بىلەن بۇ دىنغا كىرگەن ئىنساننىڭ قەلبىدە ئىخلاس ۋە راستچىللىق بولمايدۇ. ئۇ پەقەت ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈنلا يالغاندىن ئىمان ئېيتىپ قويۇپ مۇناپىقلىق قىلىدۇ. ئىسلام دىنى مۇنداقلارنىڭ مۇسۇلمانلار سېپىدە بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. بەلكى ئىسلام نەزىرىدە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يامىنى مۇناپىقلاردۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە، ياۋروپادا خرىستىئان دىن ئادەملىرىنىڭ كىشىلەرنى خرىستىئان دىنىغا كىرىشكە زورلاش دولفۇنلىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئادەملەرنىڭ سانى ئادەمنى چوچۇتىدۇ. خرىستىئاتن تارىخچىسى برېفولت ئۇلارنىڭ سانىنى «7مىليون بىلەن 15 مىليون ئارىسىدا» دەپ بېكىتكەن.

فىلىمدىكى ئوپئوچۇق ھەقسىزلىكتىن بىرى بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقلىرىنى ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىشتۇر. ھالبۇكى، بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ قېنىنى ئاققۇزۇش ئىسلام نەزەرىدە ئەڭ كەچۈرۈلمەس جىنايەت بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن باشلاپ تا بۈگۈنگە قەدەرپۈتۈن ئۆلىمالار  قاتتىق رەت قىلىپ كەلگەن بىر ئىش. فىلىمدا لوندون ۋە مادرىدتا  مۇسۇلمانلارنىڭ پويىزلار پارتىلاتقانلىقىنى تەسۋىرلىگەن. گەرچە  بۇ ۋەقەلىك زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىككە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىر ئىش بولسىمۇ، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدىكى كاتتا ئۆلىمالار بىردەك رەت قىلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاشلار بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرىنى ئۇنتۇپ قالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا 14 مىليون كىشى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا 55 مىليون كىشى ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ئۇرۇش مۇسۇلمانلار بىلەن خرىستىئانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى خرىستىئانلار بىلەن خرىستىئانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش ئىدى. ئامېرىكىنىڭ ئاتوم بومبىسى بىلەن ياپونلۇقلارنى ئۆلتۈرۈش، ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلارنى قىرىپ  تاشلاش، ئاسىيالىق خەلقلەرنى تۈركۈملەپ ئۆلتۈرۈش ۋە باشقىلار قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئىشلىگەنلەر مۇسۇلمانلار ئەمەس، بەلكى خرىستىئانلاردۇر. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشكەن كۈچلەرنىڭ ئابغانىستان بىلەن ئىراقتىكى قەتلىئاملىرى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى قىزىل كرېست ئارمىيىسىنىڭ شەرققە قىلغان يۈرۈشلىرىنى ئەسلىتىدۇ. تارىخ بەزى ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالسىمۇ  ئىسپانىيەدە خرىستىئانلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى قىرىپ  تۈگىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ۋەھشىي قەتلىئاملىرىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ. يېقىنقىسىنى دېسەك، بوسنىيەدە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي جىنايەتلەرنى ئىشلىگەنلەرمۇ خرىستىئانلاردۇر.

گۇستاۋ لوبون « ئەرەب مەدەنىيىتى»ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:« پادىشاھ پرېناد ئىسپانىيىدىكى مۇسۇلمانلارغا دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئۆز تىلىنى ئىشلىتىشكە يول قويۇش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، 1499- يىلىغا كەلگەندە، پۈتۈن ئەرەب ئەسىللىكلەرنى خرىستىئانلاشتۇرش، دىنىدىن ۋاز كەچمىگەنلەرنى قىيىن - قىستاقلارغا ئېلىپ ئۆلتۈرۈش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ بىر ئەسىر داۋام قىلدى. كېيىن «تەپتىش مەھكىمىلىرى» دەيدىغان كومىتېت قۇرۇلۇپ ئۆزلىرىنى خرىستىئان دەپ تۇرغان ئەرەبلەرنىمۇ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەن. خرىستىئان بولمىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ - ئەر، ئايال، قېرى ، ياش، كىچىك بالا دەپ ئايرىماستىن -  كاللىسىنى كېسىش بۇيرۇقىنى بەرگەن كىشىمۇ شۇ ۋاقىتتىكى مەشھۇر تەقۋادار  خرىستىئان پوپى ۋە «تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ» رەئىسى كردېنال ئىدى. لېكىن راھىب دومىنىكى ئەرەبلەردىن خرىستىئان بولدۇق دېگەنلەرنىمۇ ئۆلتۈرۈش تەكلىبىنى بەرگەن. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ راست ئىمان ئېيتقان ياكى جانلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يالغاندىن خرىستىئان بولۇپ قويغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغانلىقى ئىدى.» (ئەرەب مەدەنىيى 270-272- بەتلەر).

ئاخىرىدا بۇ ھەجۋى فىلىمنى ئىشلىگەن ئەخمەققە دەيمىزكى، ئىشلىگەن بۇ خەسىس فىلىمىڭدا مۇسۇلمانلارغا « كېلىڭلار، كىتابىڭلاردىكى تېررورلۇققا چاقىرغان ئايەتلەرنى يىرتىپ تاشلاڭلار» دەپ تەكلىپ قويۇپسەن. ئەمدى جاۋاب بەرگىنكى، ئەگەر يەھۇدىي بولساڭ ئەلۋەتتە ئەھدە قەدىم(تەۋرات)گە ئىشىنىسەن. تەۋراتنىڭ تەسنىيە بۆلۈمى 20- باب 10-17- تېكىستلىرىدە: رەب مۇساغا دېدىكى« بىرەر شەھەرگە ئۇرۇش ئۈچۈن كىرگىنىڭدە ئاۋۋال ئۇلارنى سۈلھى قىلىشقا چاقىرغىن، ئەمما ساڭا بېرىلگەن شەھەردە بىرەر جاننىمۇ ھايات قالدۇرمىغىن، ھەممىسىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزگىن» دەپ كەلگەن. ئەگەر خرىستىئان بولساڭ  ئەھدە جەدىد(ئىنجىل)كە چوقۇم ئىشىنىسەن. مەتتانىڭ ئويدۇرما ئىنجىلى 10- بۆلۈم 24-26- تېكىستلىرىدە ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ:« مېنى سىلەر دۇنياغا تىنچلىق ئېلىپ كەلدى دەپ قالماڭلار، مەن تىچلىق ئۈچۈن ئەمەس، قىلىچ  كۆتۈرۈش ئۈچۈن كەلدىم. مەن ئاتا بىلەن بالىسىنى، ئانا بىلەن قىزىنى كېلىننى قېيىن ئانىسىدىن ئايرىش ئۈچۈن كەلدىم. ئىنساننىڭ دۈشمىنى ئۆز ئائىلىسىدىكىلىرى بولىدۇ». بۇ ئىنجىلنىڭ رىۋايىتى بولۇپ، بۇنى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا مەنسۇپ قىلىش چوڭ خاتالىقتۇر.

بۇ خەسىس فىلىمنى ئىشلىگۈچى بۇ جىنايەتكە جۈرئەت قىلىشتا تۆۋەندىكىلەرنى مەقسەت قىلغان:

1. نام چىقىرىش ۋە سايلامغا كىرىش ئۈچۈن ئۇل ھازىرلاش.

2. يەھۇدىيلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش. چۈنكى فىلىمىنىڭ كۆپ جايلىرىدا يەھۇدىيلارغا ئىچ ئاغرىتىش كۆرۈنۈشلىرى ئايان بولىدۇ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مۇسۇلمانلارنى ئادەم ئۆلتۈرىدىغان قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەخمەق مۇنۇ ئىككى ئىشنى ئۇنۇتقان ياكى قەستەن بىلمەسكە سالغان:

بىرىنچىسى، مىليونلىغان يەھۇدىيلارنى كۆيدۈرىۋەتكەن گېتلېر خرىستىئاندۇر. ئۇ « غەلىبىلىرم»ناملىق كىتابىدا «بۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى ئىدى»دەپ يازىدۇ.

ئىككىنچىسى، يەھۇدىيلار  مۇسۇلمانلاردىن كۆپ كىشىلەرنى ئۆلتۈردى ۋە ئۆي ماكانلىرىدىن ئايرىدى. ئەڭ ئاخىرقى جىنايىتى پەلەستىننىڭ گازا رايونىدا ئېلىپ بارغان قەتلىئامىدۇر.

3. غەرب دۇنياسىنى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئېشىپ كېتىشىنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرش.

4. قۇرئان كەرىمنى گېتلېرنىڭ « غەلىبىلىرىم»ناملىق كىتابىغا ئوخشىتىش ئارقىلىق ئۇنى ياۋروپادا تارقىلىشتىن توسۇشقا تىرىشىش.

لېكىن بۇ ئەخمەق مۇرادىغا ئېرىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن ھەر تەرەپتىن كەلگەن تەنقىدلەر، تەھدىدلەر ۋە كۈلكىلىك مەسخىرىلەرگە كۆمۈلۈپ كەتكەن. ئاللاھ ئاتالا ئۆزىنىڭ دىنىنى مەسخىرە قىلغانلارنى جازالىماي قويمايدۇ.    

خۇلاسە:

غەرب دۇنياسىدا، بىر تەرەپتىن ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتىنى، ھەقىقىتىنى ۋە تەلىماتلىرىنى بىلمەسلىك، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئۇلۇغ دىنغا بولغان ئۆچمەنلىك سەۋەبتىن بۇدىنغا، بۇ دىننىڭ پەيغەمبىرى ۋە دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىمگە نومۇسسىزلارچە تىل تەككۈزش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا ئازار بېرىش، ئىنسانىيەتنى بۇ دىندىن يىراقلاشتۇرۇشنى پىلانلاش سۈيقەستلىرى يۈز بېرىپ كەلمەكتە. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ سۈيقەستىلىرى، ئورۇنسىز قارىلاشلىرى  ئىنتايىن ئىبرەتلىك ھالدا مەغلۇب بولماقتا. ئىسلام دىنىنى قارىلاش مەقسىتىدە ئىشلەنگەن بۇ فىلىممۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. چۈنكى ئۇنىڭدىكى يالغانلارغا، توقۇلمىلارغا، تۆھمەتلەرگە ۋە ئويدۇرمىلارغا مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرمۇ ئىشەنمەيدۇ. ھازىرقى دۇنيا ئۇچۇر دۇنياسى بىر نەرسىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەكچى بولغان ئادەم ئۇنىڭ ئەسلى مەنبەلىرىدىن ئىزدەنگەندەك، ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتىنى بىلمەكچى بولغانلار ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىمگە مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا، گوللاندىيىدە بۇ فىلىمنى ئىشلىگەن ئەبگانىڭ مېكىرلىرىنى ئۆزىگە قايتۇردى ۋە ئۇنى مەقسىتىگە يېتىشتىن مەغلۇب قىلدى. بۇ فىلىم تارقالغاندىن كېيىن، گوللاندىيىلىكلەر  ئارىسىدا،ئىسلام دىنىغا ئائىت كىتاب، ماتېرىياللارغا پەۋقۇلئاددە بىر  قىزىقىش پەيدا بولدى. ئۇلار خېلى كۆپ كىشىلەر ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى مەنبەلىرىگە مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ توقۇلمىلىرىنى، تۆھمەتلىرىنى ، يالغانلىرىنى رەت قىلدى. گوللاندىيىدە  مەزكۇر فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئۈچ كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمۇ بۇنىڭ بىر تېپىك مىسالى. گوللاندىيىدىكى چوڭ شېرىكەتلەر فىلىم ئىشلىگۈچىگە قاتتىق تەھدىد قىلغان. ئەگەر ئىسلام دۆلەتلىرى گوللاندىيىدىن سودا ئالاقىسىنى ئۈزىدىغان بولسا، فىلىم ئىشلىگۈچىنى سوتقا بېرىپ جازالىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، فىلىم ئىشلىگۈچىنى قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلدۇرماقتا. ئاللاھ تائالا  سۈيقەستىچىلەرنىڭ سۈيقەستلىرىنى شۇنداق ئۆزلىرىگە قايتۇرىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ  ئەزەلدىنكى ئۆزگەرمەس قانۇنى.

ئاللاھ تائالا بۇ دىنغا شۇنداق نۇسرەت بەرگەنكى، بۇ فىلىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گوللاندىيىدىكى ھۆكۈمەت، شېرىكەت ۋە مۇئەسسەسەلەر  مۇسۇلمانلار قارشى چىقىشتىن بۇرۇن بۇ فىلىمگە قارشى چىقىپ، فىلىم ئىشلىگۈچىنى ئېيىبلاشقا باشلىدى. ئۇلار  ئىسلامنى تېرورىزمغا باغلاپ كۆرسىتىشنىڭ ئادالەتلىك ئەمەسلىكى، مۇسۇلمانلار بۇ خاتا تەشۋىقاتنىڭ قۇربانى بولۇپ قالغانلىقى، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن ئىكەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوچۇقلىدى. گوللاندىيە باش مىنىستىرى بۇ فىلىمگە بىرىنچى بولۇپ قارشى چىققانلارنىڭ بىرى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىنى ئەڭ قاتتىق تەنقىت قىلغانلارنىڭ بىرى بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ  باش كاتىبى، دۇنيادىكى كۆپلىگەن مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى، سىياسىيونلىرى بۇ فىلىمنىڭ دۆلەتنىڭ ياكى شەخسىي ھەر قانداق بىر تېلېۋىيە قانىلىدا كۆرسىتىشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك بۇ فىلىم ئېنتېرنېت تورىدىلا ئېلان قىلىش بىلەن چەكلەندى ۋە شۇنداقلا بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا تور بېكىتى يۇزىدىنمۇ قالدۇرۇلدى.

2008- يىلى 29- مارت كۈنى بروسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتنىڭ رەئىسى بۇ فىلىمنى ئىشلىگەن گوللاندىيىلىككە ناھايىتى قاتتىق تەلەپپۇزدا تەھدىد ياغدۇرغان. فىلىمدا گوللاندىيە، ياۋروپا ۋە پۈتۈن دۇنيادا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ھېسسىياتىغا زەربە بېرىش مەقسەت قىلىنغانلىقى، مۇنداق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى ئىنسانىيەت ئۈچۈن پاجىئە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىردۈرگەن.  شۇ كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەسمىي قارار چىقىرىپ بۇ فىلىمنىڭ ئىسلام دىنىغا ئاشكارا تىغ تەڭلىگەنلىكىنى ئوچۇقلاپ، فىلىم ئىشلىگۈچىنى قاتتىق ئېيىپلىغان. ئىسلام دۆلەتلىرىمۇ بۇ فىلىمغا قارشى ئۆزلىرىنىڭ ئىپادىسىنى بىلدۈردى. بەزى دۆلەتلەر گوللاندىيە بىلەن پۈتۈن ئالاقىسىنى ئۈزگەن بولسا، بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ گوللاندىيىدىكى باش ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ كەتتى. بەزى دۆلەتلەر دۆلەتلىرىدىكى گوللاندىيە ئەلچىلىرىنى قوغلىدى. ئاخىرىدا گوللاندىيە باش مىنىستىرى مىسىردىكى ئەل ئەزھەر ئالىي بىلىمگاھىنىڭ بۈيۈكى بولغان سەييىد تانتاۋىغا مەخسۇس خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلاردىن  گوللاندىيە خەلقى نامىدىن ئۆزۈر تىلىدى ۋە بۇ فىلىمنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى، فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ مەسىلىسى گوللاندىيە سوتىدا بىر تەرەپ قىلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تونۇلغان ئالىم دوكتور ئايىز ئەلقەرنى گوللاندىيە مەھكىمىسىگە مەزكۇر فىلىمنى ئىشلىگەن «گېرت فىلدېرز» ئىسىملىك شەخس ئۈستىدىن رەسمىي ئەرز سۇنغان بولۇپ،  مەھكىمىنىڭ جاۋابىنىڭ  چىقىشى كۈتۈلمەكتە .

بۇنىڭدىن شۇ ھەقىقەت ئاشكارا بولىدىكى، بىزنىڭ ئۇلۇغ ئىسلام دىنىمىز ئاللاھ تائالا ئۆزى بىزگە تاللاپ بەرگەن مۇقەددەس دىن بولۇپ، ئۇنى قوغدىغۇچى ئاللاھتۇر! ئەگەر دىننى قوغدىغۇچىلار مۇسۇلمانلار بولغان بولسا ئىدى، ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ بىپەرۋالىقى، ئاجىزلىقى، خورلۇقى، دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن، قۇرئاننىڭ تەلىماتلىرىدىن شۇنچىلىك يىراقلىقى بىلەن تۇرۇپ بۇ دىننى ھەرگىزمۇ قوغدىيالمىغان، بەلكى خرىستىئان، يەھۇدىي دىنلىرىغا ئوخشاش ئەسلىنى يوقاتقان ياكى ئۇلاردىنمۇ بۇرۇنقى كۆپلىگەن دىنلاغا ئوخشاش ئاللىقاچان مۇنقەرزلىككە مەھكۇم بولغان بولاتتى.

 بۇ ماقالىنى تەييارلاش جەريانىدا بەزى تور بېكەتلىرىدىن پايدىلاندى

2008- يىلى 7- ئىيون، كېچە