×
Image

نېمە ئۈچۈن بىز تەقدىرىمىزدە پۈتۈلگەن نەرسىلەرگە ھېساب بېرىمىز؟ - (ئۇيغۇرچە)

ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى ئىلگىرى ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا پۈتۈلگەن بويىچە بولىدىغان بولسا، بىر ئىنساننىڭ تەقدىرىدە ئۇ مەلۇم بىر كىشىنى ئۆلتۈرىدىغانلىقى بېكىتىلگەن بولسا، بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى چەكلەش قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟، ئۇ كىشى مەزكۇر خاتالىقنىڭ يۈز بېرىشىنى چەكلەشكە قادىر بولالمايدىغان تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ئۇ خاتالىققا ئاساسەن جازاغا ئۇچرايدۇ؟، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.