سوپىزىم ھەققىددىكى بۇ ماقالە كەڭ ئۆقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئۇزاقتىن بىرى زېھنىدە يىشىلمەي كىلىۋاتقان، تەسەۋۋۇپ ئەھلى قانداق كىشىلەر؟ ئۇلارنىڭ تەرىقىتى ئىسلام پائالىيەتلىرىدىنمۇ، ئەمەس؟ ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئۇلارغا قانداق قارايدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار بولۇپ، بۇ ئىلمى ماقالىنى ئۆقۇپ چىققاندىن كېيىن سوپىزىم يولىنىڭ قانداق پرىنسىپ ئىكەنلىكىگە ئۆزىڭىز باھا بىرىڭ!.
سوپىزىمنىڭ ماھېيىتى ھەققىدە(ئىلمى ماقالە) - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 6/5/1430 ھـ 2009-يىلى05-ئاينىڭ 01-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا جانابى ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتنى ئەھمىيەتسىز ياراتماستىن بەلكى ئۆزىگە ئىبادەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ياراتقانلىقى، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەتمەنلىك بىلەن بويسۇنۇشنىڭ ۋاپىبلىقى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ئاقىۋەتلەر توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلاردا.
ئىسلامنىڭ شەرتلىرى - (ئۇيغۇرچە)
«ئىسلامنىڭ شەرتلىرى» ناملىق بۇ رىسالىدە، ئىنساننىڭ، ئاللاھ تائالانى توغرا رەۋىشتە تونۇشى،دىننىڭ ھەقىقى ماھېيىتىنى بىلىشى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئۇ زاتنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشى، " لائىلاھە ئىللەللاھ" كەلىمىسىنىڭ شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭغا زېت كىلىدىغان ئامىللار، ئىنساننى دىندىن چىقىرىپ تاشلايدىغان ئەقىدىگە ئائىت مۇھىم مەسىلىلەر ...قاتارلىقلارنى قۇرئان ۋە ساغلام ھەدىسگە ئاساسلانغان ھالدا بايان....
دۇئانىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
«دۇئانىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ماقالىدا دۇئانىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدا نەقەدەر مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى، دۇئا ئېجابەت بولۇشنىڭ شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭغا زېت ئامىللار، دۇئانىڭ ئىنسان ھاياتىغا بولىدىغان تەسىرى ۋە ئۇنىڭ ئېجابەت بولىدىغان ئەڭ مۇناسىپ ۋاقىتلار ...قاتارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە ھەدىس بىلەن ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسى ۋە پرىنسىپلىرى - (ئۇيغۇرچە)
ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسى ۋە پىرىنسىپلىرى ناملىق بۇ ماقالە دۇنيا ئىسلام ياشلىرى بىرلىگى تەرىپىدىن ھازىرلىنىپ نەشىرگە سۇنۇلغان «دىن، مەزھەب ۋە پىكىر ئېقىملىرى قىسقىچە ئېنسىكلوپېدىيىسى» ناملىق كىتابتىن ئەينەن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئەقىدىسى نېمىلەرنى ئاساس قىلىدىغانلىقى، نېمىلەرگە تايىنىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئوقۇرمەنلەرگە ئەتراپلىق يورىتىپ بىرىدۇ... قېنى مەرھەمەت!
رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھ دەرگاھىدىكى ئۆرنى ۋە شان-شەرىپى - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ7/11/1431ھـ 2010-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئورنى ۋە پەزىلىتى، رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت-سالام ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى، دۇرۇت-سالام ئېيتىشنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
ئىبادەت مۇشەققەت ئەمەس بەلكى مۇھەببەتتۇر - (ئۇيغۇرچە)
ئاپتۇر ماقالىسىدا، ئىبادەتنىڭ ئىنسان ئۈچۈن مۇشەققەت بولماستىن بەلكى ئۇ ئۇنىڭ ئۇچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە شەرەپ ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى يارىتىشىدىكى مەقسىتى ئۇلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى، بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ھەرۋاقىت تەسبىھ ئېيتىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسان ئۈستىگە يۈكلىگەن ئىبادەتتىكى ھەققىنى ئادا قىلىشىنىڭ ۋاجىب ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدارلىق بەزى مەسىلىلەرنى روشەن....
ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ھەقىقىتى ۋە نەتىجىسى - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 9/3/1430ھـ 2009-يىلى03-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ دۇنيا ئاخىرەتتە كۆرۈلىدىغان نەتىجىسى، ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش، ئۇ زاتنىڭ قانۇن پرىنسىپلىرىغا تولۇق ئەمەل قىلىش، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش، سەھابە كىراملار ۋە....
خاتىرجەملىك بۈيۈك نېمەتتۇر - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ19/02/1433ھـ 2012-يىلى01-ئاينىڭ13-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك ئاللاھنىڭ ئەڭ بۈيۈك نېمەتلىرىدىن ئىكەنلىكى، ئىسلام دىنى پرىنسىپىنىڭ جەمئىيەتتە ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىكنى پەرپا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى، مەسئۇلىيەت ئۇستىدىكى كىشىلەرنىڭ خىزمەتنى بىجاندىللىق بىلەن ئادا قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى....
ئىسلام ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە - (ئۇيغۇرچە)
ئاپتور ماقالىسىدا ئىسلام ئاتالغۇسى توغرىسىدا توختىلىپ، ئىسلام دىنى ئاللاھنىڭ دىنى ئىكەنلىكى، ئىنسانىيەتنىڭ دىنغا بولغان ئېھتىياجى ۋە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مايىللىقى، ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەت ئىشلىرىغا بىردەك ئېتىبار بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىدۇ.
ھەقىقەت بىلەن باتىلنى ئايرىغان زامان - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 12/1/1430ھـ 2009-يىلى 01-ئاينىڭ 09-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ئىسلامدا دىنى قېرىنداشلىقنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى، ئىسلامنىڭ پەزلى ۋە شەپقىتى، تارىختا بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئازادلىقى، نۇسرەت ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبلىرى، بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئىسلامدىكى ۋە مۇسۇلمانلار قەلبىدىكى ئورنى قاتارلىق بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك....
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەتكە رەھمەتتۇر - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 9/5/1431 ھـ / 2010-يىلى04-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسان ۋە جىنلارغا رەھمەت ۋە ھىدايەت پەيغەمبىرى قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكى، باقى دۇنيادا باياشات ھايات كەچۈرەي دېگەن كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى ھاياتىدا ئۆلچەم قىلىپ ياشىشى كېرەكلىكى، ساھابىلەرنىڭ....