×
Image

خۇشۇئ نامازنىڭ جىنىدۇر - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا، "خۇشۇئ " نىڭ مەنىسى ۋە ئۇنىڭ شەرئى ھۆكمى، "خۇشۇئ " نىڭ پەزىلىتى، نامازخان ھاياتىدا "خۇشۇئ " نىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنى قۇرئان، سۈننەت ۋە سەلەپ-سالىھلارنىڭ خۇشۇئ چۈشەنچىسىدىن دەلىللەپ ئوقۇرمەنلەرگە بۇ مەسىلىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە دىنى زىيالىلارغا  مۇراجىئەت - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 19/01/1430 ھـ / 2009-يىلى 01-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن خۇتبىدا، مۇسۇلمان ھاياتىدا ئاللاھ تەرىپىدىن كىلىدىغان ئىززەت ۋە نۇسرەتنىڭ ئەھمىيىتى، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە دىنى زىيالىلارغا ھازىرقى بولىۋاتقان ئىشلاردىن ئىبرەت ئېلىشىنىڭ مۇھىملىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ....

Image

پەرزەنتلەرنى دۇئا ۋە زىكىر بىلەن ھىمايە قىلىش توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا، كۈندىلىك دۇئا ۋە زىكىرلارنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى رولى، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان سەبى بالىلارنىڭ يۈتۈپ كېتىشىنىڭ ئەۋج ئىلىشى، ئانا-ئانىلارنىڭ بالا ئوغرىلىرىغا قارىتا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقى، بەلكى يۈرەك پارىسى بولغان پەرزەنتلىرىنى سۈننەتتە بايان قىلىنغان دۇئا ۋە زىكىرلار بىلەن ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە تاپشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى قاتارلىقلارنى قۇرئان-سۈننەتتىن دەلىللەرنى كەلتۈرۈپ تەپسىلى بايان....

Image

ئىستىخارە نامىزى ھەققىدە چۇشەنچە - (ئۇيغۇرچە)

ئىستىخارە ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن زىچ باغلانغان بىر ئىبادەتتۇر. ئىنسان بولسا جانابى ئاللاھ ياراتقان ئاجىز بىر مەخلۇق، غەيبنى بىلەلمەيدۇ، قايسى ئىشتا خەيرلىك، قايسى ئىشتا زىيان بارلىقىنىمۇ ئايرىيالمايدۇ، بۇنىڭدىن قارىغاندا ئىستىخارە سېلىشنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا بىر تەرەپتىن بەندىلىرىنى ئۆزىگە يېلىنىشنى ئۈگەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى تېخىمۇ خەيرلىك يوللارغا مۇيەسسەر قىلىش....

Image

ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى سۆيۈملۈك ئىنسان - (ئۇيغۇرچە)

«ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى سۆيۈملۈك ئىنسان» ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتور ئىنسان ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەكلىكى، مۇسۇلمان دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە توغرا يۆلىنىش بىلەن مېڭىشنىڭ مۇھىملىقى، مۇسۇلمان ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرى بويىچە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ئىشلەش تەلەپ قىلىنغان ئىنسان ئىكەنلىكى، بىكار تەلەپلىكنى ئاللاھنىڭمۇ ياخشى كۆرمەيدىغانلىقى توغرىلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا....

Image

رامىزاندىن كېيىنمۇ ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ1/10/1431ھـ 2010-يىلى09-ئاينىڭ10-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى مۇھەممەد قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا رامىزاندىن كېيىنمۇ ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ پەزىلىتى، رامىزاندىن كىيىن ئىبادەتكە بولغان قىزغىنلىقنى قانداق ساقلاپ قىلىش كېرەكلىكى، ئەمەلنىڭ قوبۇل بولغان ياكى بولمىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى، نەپلە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى قاتارلىق مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

Image

تائەت-ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ13/10/1430-ھىجرىيە 2009-يىلى10-ئاينىڭ02-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا رامزاندىن كىيىن تائەت-ئىبادەتنى ئۇزۇپ قويماسلىقنىڭ پەزىلىتى، ئەمەلنى ئاز بولسىمۇ ئۇزۇلدۇرمەستىن داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

Image

ھاجىلار ئاللاھنىڭ ئىززەتلىك مېھمانلىرى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 30/11/1429ھـ 2008-يىلى11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ھەج قىلغۇچىلار ئاللاھنىڭ قەدىرلىك مېھمانلىرى ئىكەنلىكى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ بەيتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش مۇيەسسەر قىلىنىشى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قەدەم باسقان مۇبارەك جايلارنى، ۋەھيى چۈشكەن زېمىنلارنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق....

Image

ئىنسانلار ئۈچۈن دىنى قېرىنداشلىق ئەڭ بۈيۈك نېمەتتۇر - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 23/11/1429ھـ 2008-يىلى11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا دىنى قېرىنداشلىق ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارغا بېغىشلىغان ئەڭ بۈيۈك نېمەتلىرىدىن ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بىلەن ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ئىنسانىيەت ئارىسىدا ھۆرمىتىنىڭ ئېشىشى، قان، مىللەت رىشتىلىرىنىڭ بەزى ۋاقىتلاردا سۇسلاپ قالىدىغانلىقى، ئەمما مۆمىننىڭ....

Image

ھاياتتا ئەمەلىيەتچان بولۇش لازىم - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 28/6/1431ھـ 2010-يىلى06-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلمان ئېغىر كۈن ۋە سىناقلارغا دۇچار بولغان ۋاقىتلاردا ئاللاھنىڭ تەقدىرى ۋە ھۆكمىگە بويسۇنۇپ سەۋرچانلىق بىلەن دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇشى كېرەكلىكى، ئاللاھقا چەكسىز ئىشەنچ باغلاش ئارقىلىق ئېغىر كۈن ۋە مۇسىبەتلەردىن قۇتۇلۇش....

Image

بەيتۇللاھنى مەقسەت قىلىپ كەلگۇچىلەرنىڭ پەزىلىتى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 30/11/1429 ھىجرى 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ھاجىلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان نەسىھەت ۋە يوليورۇقلار، ھەج قىلغۇچىغا ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدىغان مەرھەمەتلەر، ھەج قىلغۇچىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئاللاھنىڭ دۇنيا- ئاخىرەتتە ئاتا قىلىدىغان بۈيۈك مۇكاپاتلىرى توغرىسىدا....

Image

روزا تۇتقۇچىلار ئۈچۈن نەسىھەت - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 7/9/1430ھـ 2009-يىلى08-ئاينىڭ28-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا رامزان ئېيى، روزا ۋە تەھەججۈدنىڭ پەزىلىتى، مۇسۇلماننىڭ رامزاندىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئاينى غەنىمەت بىلىپ، بۇ ئايدا بولىدىغان بەرىكەت ۋە مەنىۋى ئوزۇق، ئەجرى ۋە مۇكاپاتلارنى قولدىن قاچۇرماسلىقنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.