×
ئاپتور ماقالىسىدا، كۈندىلىك دۇئا ۋە زىكىرلارنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى رولى، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان سەبى بالىلارنىڭ يۈتۈپ كېتىشىنىڭ ئەۋج ئىلىشى، ئانا-ئانىلارنىڭ بالا ئوغرىلىرىغا قارىتا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقى، بەلكى يۈرەك پارىسى بولغان پەرزەنتلىرىنى سۈننەتتە بايان قىلىنغان دۇئا ۋە زىكىرلار بىلەن ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە تاپشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى قاتارلىقلارنى قۇرئان-سۈننەتتىن دەلىللەرنى كەلتۈرۈپ تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

    پەرزەنتلەرنى دۇئا ۋە زىكىر بىلەن ھىمايە قىلىش توغرىسىدا

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    مۇنەۋۋەر بىنتى نېئمەتۇللاھ

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2014 - 1435

    حماية الأولاد من المخاطر بالدعاء والأذكار

    « باللغة الأويغورية »

    منورة بنت نعمة الله

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2014 - 1435

    ‏ پەرزەنتلەرنى دۇئا ۋە زىكىر بىلەن ھىمايە قىلىش توغرىسىدا

    (ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن)

    ئىجتىمائىي ئالاقە توربەتلىرى ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق يوللىنىۋاتقان بالا ئىزدەش ئېلانلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى، ناتىۋان سەبىي بالىلارنىڭ ئوماق چىرايلىرى ۋە پەرزەنت دەردىدە يۇرەك باغرى ئىزىلىۋاتقان مېھرىبان ئاتا-ئانىلارنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدىن كەچكىنىدە، بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بۇ مەسىلىنىڭ تۈپ نېگىزىنى تېپىش ۋە ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشنىڭ تولىمۇ تەخىرسىز ھالەتكە يىتىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

    ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك پەرزەنت ئاللاھنىڭ ئاتا-ئانىغا ئاتا قىلغان كاتتا سوۋغىسى ۋە ئامانىتىدۇر. ئاتا-ئانا پەرزەنتلەرنىڭ ھەربىر ئىشىنى كۈزىتىپ، ئۇلارنى يامانلىقلاردىن چەكلەپ، خاتالىقلىرىنى توغرىلاپ، ساغلام تەلىم-تەربىيە مېتودى ئارقىلىق ئاللاھ رازى بولىدىغان ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە مەنپەئەتلىك سالىھ، ۋەتىنىنى سۆيىدىغان ۋە جان پىدالىق بىلەن ئانا ۋەتىنىنى قوغدايدىغان، ئىماندار ۋە جاسارەتلىك ئوغلانلاردىن قىلىپ يېتىشتۇرۇپ چىقىش مەجبۇرىيىتى بار. توغرا، ئاتا-ئانىلارنىڭ جاپاسى ئېغىر، ئەمما مەسئۇلىيىتى ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىردۇر.

    پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان ھازىرقى دەۋىردە ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىلەش جەريانىدا دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىس ۋە بېسىملارنىڭ ئۆزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ غىمىغا غەم قوشۇۋاتقان يەنە بىر ئەڭ مۇدھىش كىرزس بالا ئوغرىسى بولماقتا. شۇنداقلا، تۇيۇقسىز قاچۇرىلىۋاتقان ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ دەردىدە يۇرەك باغرى لەختە-لەختە بولماقتا. ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋىجدانسىز، غورۇرسىز ئادەم بېدىكلىرى مەزكۇر نارەسىدە بالىلارنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن پۇل تېپىشنىڭ دەستىكى قىلماقتا. ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان شۇ ناتىۋانلارنىڭ كۆرگەن قاباھەتلىرىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئاڭلاۋاتىمىز، ئەمما يەنە نۇرغۇن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قايسى قارا ئۇۋىدا قايسى خورلىقلارنى كۆرۈۋاتقانلىقى بىزگە قاراڭغۇ. كۆز ئالدىمىزدا مانا شۇنىڭغا ئوخشىغان پاجىئەلەر ماڭدامدا بىر يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرىشىمىز كېرەك؟!. بۇ ياشتىكى سەبىيلەر ئەسلىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى ۋە غەمخورلىقىدا خۇشال-خۇرام ئۆسۈپ -يېتىلىشى، تەلىم-تەربىيە ئىلىشى، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى بىر كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك ئىدى.

    سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەممىمىزگە ئايدىڭ. بىزنىڭ كەلگۇسىمىز بولمىش سەبىي گۆدەكلىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۇلارنىڭ ھايات- ماماتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، ئۇلارنى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ كېلىچىكى دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ھەق- ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان ھېچبىر ئورۇن بەرپا بولغىنى يوق، (بۇ مەسىلە ئۈستىدە باش قاتۇرىۋاتقان بەزى غەيرى رەسمى پىداكار ئورگانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر) بار دېگەن تەقدىردە ھەم ئۇلار شەكلى جەھەتتىنلا خىزمەت بېجىرىدۇ خالاس.

    جەمئىيىتىمىزدە يۈز بىرىۋاتقان بۇ ئەھۋال يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بولغانىكەن، ئۇنداقتا بىز بۇ مەسىلىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىشىمىز ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بىز تۇرمۇشىمىزدا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقان مۇھىم ئىشلاردىن بىرى؛ كۈندىلىك دۇئا ۋە زىكىرلەر بىلەن ئۆزىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزنى ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە تاپشۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان ئىلاھى تەدبىرگە سەل قاراش بولۇپ، بۇ بولسا بىزدە ساقلىنىۋاتقان ئېغىر ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.

    ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە بولغان بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ھەردائىم ئەتتىگەن ۋە كەچلىك زىكىرلارنى لازىم تۇتۇشى، ئۇنى ئۆسمۈرلەرگە تەلىم بېرىشى ۋە سەبىيلەرگە داۋاملىق ئوقۇپ دەم سىلىپ پەرزەنتلەرنى ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە تاپشۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بەلكىم سىز زىكىر بىلەن بۇ ئىشنىڭ قانداق باغلىنىشچانلىقى بولسۇن دېيىشىڭىز مۇمكىن، توغرا، بۇ ئىككىسى ئىككى مەسىلە، ئەمما ماھىيەتتە بىر-بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. مۇسۇلماننىڭ ئەقىدىسى بولغان ئىماننىڭ ئالتە ئاساسىنىڭ بىرى بولسا، قازايى -قەدەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىشتۇر. مۆمىننىڭ ئىمانى بۇ قىسىمغا ئىمان ئېيتماي تۇرۇپ كامىل بولمايدۇ. بەندە ئاللاھ تەرەپتىن تۇيۇقسىز كىلىدىغان بالا-مۇسىبەتلەرگە ئاللاھقا قايتىش، قەلبىنى ئاللاھقا باغلاش، تىلىنى ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن مەشغۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئامانلىق تىلەش ئارقىلىق ھاياتىدا يۈز بېرىدىغان پاجىئەلەردىن ساقلىنىپ قىلىشى مۇمكىن.

    زىكىر مۇسۇلماننىڭ قورغانى دەپ ئاتىلىدۇ. خۇددى قورغان ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋالغان كىشلەر دۈشمەننىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئامان قالغاندەك، ئەتتىگەن ۋە كەچلىك زىكىرلارمۇ مۇسۇلماننى (ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن) شۇ كۈنى يۈز بېرىدىغان بالا-مۇسىبەتلەردىن ساقلاپ قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ، ساھابىلىرىگە داۋاملىق ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلغان زىكىرلار نوقۇل ھالدا ئاللاھنى ياد ئېتىشلا بولماستىن بەلكى ئاللاھقا سىغىنىپ كېچە-كۈندۇز يۈز بېرىدىغان يامانلىقلاردىن ساقلىنىش ۋە ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ھامىيلىقىغا تاپشۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. بەندە قانداقمۇ رەببىنى زىكىر قىلماي، ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىمەي ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلماي تۇرۇپ مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشىپ، ھاياتىدىكى تۈرلۈك بالا-قازالاردىن خاتىرجەملىك ھېس قىلالىسۇن؟!. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا تَوْفِيقِي إِلَّا بِاللَّـهِ ۚ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ أُنِيبُ﴾ تەرجىمىسى: «مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بولغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن، (ھەممە ئىشتا) ئاللاھقا تايىنىمەن ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىمەن.» [سۈرە ھۇد 88-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَتَوَكَّلْ عَلَى الْحَيِّ الَّذِي لَا يَمُوتُ﴾ تەرجىمىسى: «ھەممە ئىشىڭدا ئۆلمەيدىغان مەڭگۈ ھايات ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن». [سۈرە فۇرقان 58-ئايەت].

    ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش؛ سەۋەپ ۋە تەۋەككۇلدىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ ئىككى نۇقتا بىر- بىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق، قايسى بىرى يەنە بىرىدىن ئايرىلسا تەۋەككۇلچىلىك ئۆز ماھىيىتىنى تاپمايدۇ. كىمكى سەۋەپكە باغلىنىپ تەۋەككۇل قىلمىسا ياكى تەۋەككۇل قىلىپ سەۋەپ قىلمىسا ئوخشاشلا نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. دۇئا بولسا ئىبادەت ۋە سەۋەبدۇر. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "دۇئامۇ سەۋەپ ھېسابلىنىدۇ بەلكى شەرئى سەۋەبلەر ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك سەۋەپ، ۋەھالەنكى كىشىلەر بارلىق سەۋەبلەرنى قوللىنىپ باقىدىيۇ، لېكىن ئەڭ كۈچلۈك سەۋەپ بولغان دۇئانى ئۇنتۇپ قالىدۇ".

    ‏ ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "دۇئا ئەڭ مەنپەئەتلىك سەۋەبلەردىن، ئۇ مۆمىننىڭ قورالى بولۇپ، بالا-قازانى توسىدۇ ۋە ئۇنىڭ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى ئۇنى كۆتۈرىۋىتىدۇ، شۇنداقلا، ئەگەر ئۇ چۈشسە يېنىكلەشتۈرىدىغان كۈچلۈك ئامىلدۇر." [ئىبنى قەييىمنىڭ "كېسەللىك ۋە ئىلاج" ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىندى].

    دۇئا ۋە زىكىر بەندە بىلەن ئاللاھ ئارىسىنى باغلايدىغان ئەڭ كۈچلۈك ئارغامچىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَاذْكُرُونِي أَذْكُرْكُمْ﴾ تەرجىمىسى: «مېنى (تائەت - ئىبادەت بىلەن) ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار) مەنمۇ سىلەرنى (ساۋاب بېرىش بىلەن، مەغپىرەت قىلىش بىلەن) ياد ئېتىمەن.» [سۈرە بەقەرە 152-ئايەت].

    تۆۋەندە سۈننەتتە بايان قىلىنغان كۈندىلىك ھاياتىمىزدا ئوقۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش تەۋسىيە قىلىنغان مۇھىم دۇئا ۋە زىكىرلارنىڭ بىر قىسمىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

    ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى رامىزاندا يېغىلغان زاكاتلارنى ساقلاشقا مەسئۇل قىلىپ قويدى، مېنىڭ قېشىمغا بىرسى كېلىپ، ئاشلىقتىن چاڭگاللاپ ئېلىشقا باشلىدى، مەن ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا ئاپىرىمەن دېسەم، ئۇ ماڭا: مېنى قويۇۋەتكىن، نەپىقىسىنى بېرىشىم كېرەك بولغان ئەھلى-ئاياللىرىم بار، مېنىڭ قاتتىق ھاجىتىم چۈشۈپ قالدى، ھەقىقەتەن مەن بەك مۇھتاج، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا رەھىم قىلىپ ئۇنى قويۇۋەتتىم. تاڭ ئاتقاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: ئى ئەبا ھۇرەيرە! كېچىدە سەن تۇتىۋالغان ئەسىيرىڭ نېمە قىلدى؟، دېدى. مەن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇ ماڭا: نەپىقىسىنى بېرىشىم كېرەك بولغان ئەھلى-ئاياللىرىم بار، مىنىڭ قاتتىق ھاجىتىم چۈشۈپ قالدى، ھەقىقەتەن مەن بەك مۇھتاج دەپ شىكايەت قىلىۋىدى، ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ ئۇنى قويۇۋەتتىم دېسەم، رەسۇلۇللاھ: ئۇ ساڭا يالغان سۆزلەپتۇ، ئۇ ئەتە يەنە كېلىدۇ، دېدى. مەن رەسۇلۇللاھنىڭ: ئۇ ئەتە يەنە كېلىدۇ، دېگەن سۆزىدىن ئۇنىڭ يەنە كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنى كۆزىتىپ تۇرسام، ئۇ يەنە كېلىپ، ئاشلىقتىن چاڭگاللاپ ئېلىشقا باشلىدى، مەن ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا ئاپىرىمەن دېسەم، ئۇ ماڭا: مىنى قويۇۋەتكىن، نەپىقىسىنى بېرىشىم كېرەك بولغان ئەھلى-ئاياللىرىم بار، مىنىڭ قاتتىق ھاجىتىم چۈشۈپ قالدى، ھەقىقەتەن مەن بەك مۇھتاج، مەن ئىككىنچى قېتىم قايتا كەلمەيمەن دېدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا رەھىم قىلىپ ئۇنى قويۇۋەتتىم، تاڭ ئاتقاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: ئى ئەبا ھۇرەيرە! ئەسىيرىڭ قانداق قىلدى؟ دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇ ماڭا: نەپىقىسى مىنىڭ ئۈستۈمگە ۋاجىپ بولغان نۇرغۇن ئەھلى-ئاياللىرىم بار، مىنىڭ قاتتىق ھاجىتىم چۈشۈپ قالدى، ھەقىقەتەن مەن بەك مۇھتاج دەپ، شىكايەت قىلىۋىدى، مەن ئۇنىڭغا رەھىم قىلىپ ئۇنى قويۇۋەتتىم دېسەم، رەسۇلۇللاھ: ئۇ ساڭا يالغان سۆزلەپتۇ، ئۇ ئەتە يەنە كېلىدۇ، دېدى. مەن رەسۇلۇللاھنىڭ: ئۇ ئەتە يەنە كېلىدۇ، دېگەن سۆزىدىن ئۇنىڭ يەنە كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنى كۆزىتىپ تۇرسام، ئۇ ئەتىسى يەنە كېلىپ، ئاشلىقتىن چاڭگاللاپ ئېلىشقا باشلىدى، مەن ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا ئاپىرىمەن، بۇ ئۈچىنچى قېتىمقىسى بولدى، سەن ھەر قېتىم: مەن ئىككىنچى قېتىم قايتا كەلمەيمەن دەيسەن، ئەتىسى يەنە كېلىپ ئاشلىق ئۇغۇرلايسەن دېسەم، ئۇ ماڭا: مېنى قويۇۋەتكىن، ئەگەر سەن مېنى قويۇۋەتسەڭ، مەن ساڭا، ئوقۇساڭ ئاللاھ تائالا ساڭا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان بىرنەچچە كەلىمە ئۆگىتىپ قويىمەن، دېدى. مەن ئۇنىڭغا: قايسى كەلىمە ئۇ دېسەم، ئۇ: سەن ئۇخلاش ئۈچۈن كۆرپەڭگە بارغاندا، «ئاللاھۇ لائىلاھە ئىللا ھۇۋەلھەييۇل قەييۇم.......»نى، يەنى ئايەتەلكۇرسىينى ئايەت تامام بولغىچە ئوقۇغىن، بۇ ئايەتنى ئۇقۇپ ياتساڭ، سىنىڭ ئۈستۈڭدە، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بىر مۇھاپىزەتچى سىنى ھىمايە قىلىپ تۇرىدۇ، تاڭ ئاتقىچە ساڭا شەيتان يېقىن كېلەلمەيدۇ، دېدى، مەن ئۇنى قويۇۋەتتىم. تاڭ ئاتقاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: ئى ئەبا ھۇرەيرە! ئەسىيرىڭ نېمە قىلدى؟ دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇ ماڭا: ئەگەر سەن مېنى قۇيۇۋەتسەڭ، مەن ساڭا: ئوقۇساڭ ئاللاھ تائالا ساڭا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان بىرنەچچە كەلىمە ئۆگىتىپ قويىمەن دەپتى، ئۇنى قويۇۋەتتىم دېسەم، رەسۇلۇللاھ: قايسى سۆز ئۇ دېدى: مەن، ئۇ ماڭا: سەن ئۇخلاش ئۈچۈن كۆرپەڭگە بارغاندا «ئاللاھۇ لائىلاھە ئىللاھۇۋەلھەييۇلقەييۇم.......»نى يەنى ئايەتۇلكۇرسىينى ئايەت تامام بولغىچە ئۇقۇغىن، سەن بۇ ئايەتنى ئۇقۇپ ياتساڭ، سىنىڭ ئۈستۈڭدە، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بىر مۇھاپىزەتچى سىنى ھىمايە قىلىپ تۇرىدۇ، تاڭ ئاتقىچە ساڭا شەيتان يېقىن كېلەلمەيدۇ، دېۋىدى، مەن ئۇنى قويۇۋەتتىم دېسەم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: ئۇ ئەمەلىيەتتە كاززاپ يالغانچى ئىدى، بۇ قېتىم ساڭا راست سۆزلەپتۇ. ئۈچ كۈندىن بىرى كىم بىلەن سۆزلەشكىنىڭنى بىلەمسەن؟ دېدى، مەن: ياق، بىلمەيمەن دېسەم، رەسۇلۇللاھ ماڭا: ئۇ لەنەتكەردى شەيتان ئىدى، دېدى.» [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى].

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىمكى ئەتتىگەن ۋە كەچتە يەتتە قېتىم (حَسْبِـيَ اللّهُ لا إلهَ إلاّ هُوَ عَلَـيهِ تَوَكَّـلتُ وَهُوَ رَبُّ العَرْشِ العَظـيم) تەرجىمىسى: «ئاللاھ ماڭا كۇپايىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلدىم، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دىسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇنيا ئاخىرەتتىكى بارلىق ئىشلىرىغا كۇپايە قىلىدۇ، دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: قايسى بىر بەندە ئەتتىگەن ۋە كەچتە ئۈچ قېتىم بۇ دۇئانى ئوقۇسا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھېچنەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. (بِسْمِ اللَّهِ الَّذِي لَا يَضُرُّ مَعَ اسْمِهِ شَيْءٌ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ) تەرجىمىسى: «مۇبارەك نامى ئاتالغاندا ئاسمان ۋە زېمىندا ھېچنەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد، تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى].

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى ھەركۈنى كەچتە بۇ دۇئانى ئۈچ قېتىم ئوقۇسا شۇ كېچىسى زەھەرلىك زىيانداشلار زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. )أعوذ بِكَلِمَات الله التامات من شَرّ مَا خلق) تەرجىمىسى: «ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ كامالى سۆزلىرى بىلەن مەخلۇقاتلارنىڭ يامانلىقىدىن ئۇنىڭغا سېغىنىمەن.» [ئەھمەد ۋە نەسائى، ئبنى ماجە ۋە تىرمىزى رىۋايىتى].

    ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئى رەسۇلۇللاھ! كىچە مېنى چايان چېقىۋالدى دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەگەر سەن كەچ كىرگەندە: (أعوذ بِكَلِمَات الله التامات من شَرّ مَا خلق) تەرجىمىسى: «ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ كامالى سۆزلىرى بىلەن مەخلۇقاتلارنىڭ يامانلىقىدىن ئۇنىڭغا سېغىنىمەن» دېگەن بولساڭ ئىدىڭ، چايان ساڭا زىيان يەتكۈزەلمىگەن بولاتتى.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2709-ھەدىس].

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام مۇنداق دەيدۇ: كىمكى بىرەر قونالغۇغا چۈشكەندە بۇ دۇئانى ئوقۇسا (أعوذ بِكَلِمَات الله التامات من شَرّ مَا خلق) تەرجىمىسى: «ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ كامالى سۆزلىرى بىلەن مەخلۇقاتلارنىڭ يامانلىقىدىن ئۇنىڭغا سېغىنىمەن» شۇ يەردىن يۆتكىلىپ بولغىچە (ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن) ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.

    ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: (اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ زَوَالِ نِعْمَتِكَ، وَتَحَوُّلِ عَافِيَتِكَ، وَفُجَاءَةِ نِقْمَتِكَ، وَجَمِيعِ سَخَطِكَ) تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! مەن ساڭا سىغىنىپ نېمەتلىرىڭنىڭ قولدىن كېتىشىدىن، سەن ئاتا قىلغان سالامەتلىكنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن، تۇيۇقسىز كىلىدىغان ئازابىڭدىن ۋە بارلىق غەزىپىڭدىن پاناھ تىلەيمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2739-ھەدىس].

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى: (اللهمَّ إنِّي أعُوذُ بِكَ مِنْ جَهْدِ الْبَلَاءِ، وَدَرَكِ الشَّقَاءِ، وَسُوءِ الْقَضَاءِ، وَشَمَاتَةِ الْأَعْدَاءِ) تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! مەن ساڭا سىغىنىپ بالا- قازالاردىن، قاتتىق ئازغۇنلىقتىن، ماڭا چۈشكەن مۇسىبەت سەۋەبلىك دۈشمەنلەرنىڭ خوشال بولىشىدىن ۋە ئېغىر سىناقتىن پاناھ تىلەيمەن.» [بۇخارى رىۋايىتى 6347-ھەدىس].

    مال- مۈلۈك ۋە پەرزەنت قاتارلىقلارنى ئوغرى ۋە بۇلاڭچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى دۇئا ئوقۇلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: (أستودعكم الله الذي لا تضيع ودائعه) تەرجىمىسى: «سىلەرنى ئامانەتنى زايا قىلمايدىغان ئاللاھقا تاپشۇردۇم.» [ئىمام ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى].

    ئىبنى ئومەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر نەرسە ئاللاھ تائالاغا ئامانەت قويۇلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى چوقۇم ساقلايدۇ.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

    ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىمكى سەپەرگە چىقىشنى ئىرادە قىلغان بولسا ئائىلىسىدىكىلەرگە، سىلەرنى ئامانەتنى زايا قىلمايدىغان ئاللاھقا تاپشۇردۇم دېسۇن،» دېگەن. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى]. بۇ دۇئا سەپەر ياكى مۇقىم ۋاقىتتا بولسۇن ئوقۇلىدىغان ئورتاق دۇئا بولۇپ، بەندە ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا رەببىنىڭ ھىمايىسىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىنى تەقەززا قىلىنىدۇ.

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئىشىكتىن چىققاندا، "بىسمىللاھ تەۋەككەلتۇ ئەلەللاھ ۋەلا ھەۋلە ۋەلاقۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ" دىسە، ئاسماندىن چاقىرغۇچى نىدا قىلىپ ھىدايەت قىلىندىڭ، (ھەقىقەتكە ۋە توغرا يولغا يېتەكلەندىڭ) كۇپايە قىلىندىڭ (سەندىن يامانلىقلار يىراق قىلىندى) ۋە قوغدالدىڭ (ساڭا يېتىدىغان يامانلىق ۋە ئەزىيەتلەردىن ھىمايە قىلىندىڭ) دەيدۇ ۋە شەيتان ئۇ كىشىدىن يىراق قىلىنىدۇ. ئەگەر شەيتانلارنىڭ بەزىسى ئۇ كىشىگە ۋەسۋەسە قىلىشقا ئۇرۇنسا، باشقا شەيتانلار ئۇنىڭغا: قانداقمۇ ھىدايەت قىلىنغان، كۇپايە قىلىنغان، قوغدالغان كىشىگە يېقىنلىشىسەن، ئۇ ئاللاھنىڭ ھىمايىسىدە تۇرسا دەيدۇ.» [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئالبانى سەھىھ دېگەن].

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بامدات نامىزىدىن كىيىن : (لاإله إلا الله وحده لا شريك له الملك وله الحمد وهو على كل شئ قدير) تەرجىمىسى: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ھەق ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە يىگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، بارلىق ھەمدۇ-سانا ۋە پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەرنەرسىگە قادىردۇر،» دېگەن زىكىرنى يۈز قېتىم ئېيتسا، ئۇنىڭغا ئون قۇل ئازات قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە يۈز ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى يازىدۇ، يۈز يامانلىقنى ئۆچۈرىدۇ، ئۇ شۇ كۈنى كەچ كىرگىچە شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن قوغدىلىنىدۇ. مەزكۇر زىكىرنى ئۇنىڭدىن جىق ئېيتقان كىشىدىن باشقا ھېچكىم ئۇنىڭدەك ئەۋزەل ئەمەلنى كەلتۈرەلمەيدۇ.» [شەيخ ئالبانى سەھىھ دېگەن].

    ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەتىگەن ۋە كەچتە بۇ دۇئالارنى ئوقۇشنى تەرك قىلمايتتى. «ئى ئاللاھ! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سەندىن خاتىرجەملىك تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! سەندىن دىن ۋە دۇنيالىقىمدا، ئائىلە ۋە مال-مۈلكىم ھەققىدە (ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمنى) كەچۈرۈشىڭنى ۋە مەزكۇر نېمەتلەردە سالامەتلىك ئاتا قىلىشىڭنى تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! ئەيىپلىرىمنى ياپقىن قورقۇنۇچلاردىن خاتىرجەم قىلىغىن. ئى ئاللاھ! مىنى ئالدىمدىن ۋە ئارقامدىن، ئوڭ-سول ۋە ئۈستۈمدىن كىلىدىغان بالا-قازالاردىن ساقلىغىن. ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئۇلۇغلىقىڭغا سىغىنىپ ئاستى تەرىپىمدىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىنىشتىن پاناھ تىلەيمەن.» [ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى].

    ئابدۇللاھ ئىبنى خۇبەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سۈرە ئىخلاس، سۈرە فەلەق، سۈرە ناسنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇساڭ، پۈتۈن يامانلىقلارغا كۇپايە بولىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى].

    يۇقىرىدىكى دۇئا ۋە زىكىرلار بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان ئىنساننى جىن شەيتاننىڭ ھېسسى ۋە مەنىۋى زىيانكەشلىكىدىن قوغدايدىغان، سىھىر ۋە كۆز تىگىشلەردىن قورۇيدىغان، تۇيۇقسىز كىلىدىغان تۈرلۈك بالا-قازا مۇسبەتلەردىن (ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن) ئامان قىلىدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆپ ئوقۇغان ۋە ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلغان تەسىرى كۈچلۈك ئەڭ مۇھىم زىكىرلارنىڭ بىرقىسمىدۇر.

    بەندە قايسى ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلىش ئۇچۇن لېۋىنى مىدىرلاتسا، شۇ زامان ئاللاھ ئۇ بەندىگە ھەمراھ بولىدۇ، ھەربىر ئىشلىرىغا يول كۆرسىتىدۇ، بارلىق يامانلىقلاردىن ساقلايدۇ. ئاللاھنىڭ ھەمراھلىقى بولغان ۋە ئۇنىڭ ھىمايىسىگە ئىلىنغان بىر كىشىگە باشقا مەخلۇقلار زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ ئەلۋەتتە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىمىزنى مەكتەپ ۋە يەسلىگە، كەسىپ ئۆگىنىش ئورۇنلىرىغا، سىرتقا ئوينىغىلى چىقىرىشتىن ئىلگىرى، ئاخشىمى ئۇخلىتىشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا چوقۇم دۇئا ۋە زىكىرلارنى ئوقۇپ ئۇلارغا دەم سېلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرساق، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بارلىق ھېسسىي ۋە مەنىۋىي زىيانكەشلىكلەردىن ساقلىنىپ قىلىنىشىدا ھېچ شەك يوق.

    ئاتا-ئانىلار ئەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە تىگىشلىك مۇھىم ئىشلاردىن يەنە بىرى؛ پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىنى ئاللاھ سۆيگۈسىگە باغلاش ۋە ئاللاھ زىكرى بىلەن سۇغۇرۇش، ئەتتىگەن ۋە ئاخشامدا ئوقۇيدىغان دۇئا ۋە زىكىرلەرنى يادلاتقۇزۇش، شۇنداقلا بىرەر تەسادىپىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە ئاللاھقا سېغىنىشقا، ئاللاھتىن ياردەم تىلەشكە، ئاللاھقا دۇئا قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈش، قىيىنچىلىقنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كۆتۈرۈلىدىغانلىقىغا ۋە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىشەنچ ۋە ئېتىقادىنى كۈچەيتىش، ئۇلاردا يەككە-يېگانە ئاللاھقىلا تايىنىش ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىدىغان روھ پەيدا قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

    بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى ئېجتمائى ئالاقە توربەتلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر ۋەقەنىڭ بولغانلىقىنى ئوقۇغان ئىدىم. تۆۋەندە ۋەقەلىكنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ئېيتىپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۇم. "يەمەندىمۇ ئەيتاۋۇر بىر ئەرەب دۆلىتىدە بولغان بىر ۋەقە بولۇپ، 14ياشلىق بىر قىزنى ئىككى ياش كېتىپ بارغان يېرىدىن بۇلاپ ماشىنىنىڭ كەينىگە سولاپ ئىلىپ قاچىدۇ ۋە ئۆزى تۇرىدىغان يەرگە بارغاندىن كىيىن ماشىنىنىڭ كەينىنى ئاچماقچى بولغاندا ماشىنا ئېچىلمايدۇ، ئۇلار ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئېچىشقا شۇنچە كۆپ ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ پەقەتلا ئاچالمايدۇ. ئاخىرى ئۇلار ئۇ قىزنىڭ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ساقچىخانىغا بارىدۇ، ساقچىلارمۇ ماشىنىنى ئېچىشقا كۈچىگەن بولسىمۇ ئاچالماي ئاخىرى مەسچىتنىڭ ئىمامىغا ئەھۋالنى بايان قىلىدۇ، ئىمام بولسا ئايەتەلكۇرسى ۋە بىر قىسىم سۈرىلەرنى ئوقىغاندىن كىيىن ماشىنىنىڭ كەينى ئىچىلىدۇ ۋە ئۇ قىز چىقىدۇ. ئىمام، ئۇ قىزغا: قىزىم بايا نېمە قىلغان ئىدىڭ؟ بىز شۇنچە قىلىپمۇ ماشىنىنىڭ ئىشكىنى ئاچالمىدۇققۇ دېگىنىدە، ئۇ قىز: ئانام ماڭا بىرەر ئەھۋالغا يولۇققاندا ئايەتەلكۇرسىنى ئوقۇساڭ ئاللاھ سىنى بالا-قازالاردىن قوغدايدۇ دېگەن ئىدى، مەن شۇ ئايەتنى ئوقۇغان ئىدىم دەيدۇ". گەرچە بۇ ۋەقەلىكنىڭ راس ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمىساممۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ بارلىقىغا، ئۇنىڭ ھەرۋاقىت بەندىلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىگە، دۇئا قىلسا تىلەكلىرىنى ئىجابەت قىلغۇچى بۈيۈك زات ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتقان بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن، بەندە قىيىنچىلىققا يولۇققان ۋە ئامالسىز قالغان چاغلاردا ئاللاھ تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنىپ، زىيانكەشلىكلەردىن ئامان قىلىنىشىغا ئەجەبلىنىشىنىڭ ۋە شەكلىنىشنىڭ ھېچ ئورنى يوقتۇر.

    ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَمَّن يُجِيبُ الْمُضْطَرَّ إِذَا دَعَاهُ وَيَكْشِفُ السُّوءَ وَيَجْعَلُكُمْ خُلَفَاءَ الْأَرْضِ ۗ أَإِلَـٰهٌ مَّعَ اللَّـهِ ۚ قَلِيلًا مَّا تَذَكَّرُونَ﴾ تەرجىمىسى: «بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر ئازغىنا ۋەز - نەسىھەت ئالىسىلەر.» [سۈرە نەملە 62-ئايەت].

    ئىنسان ھاياتىدا ئويلاپ باقمىغان، تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان ھەرخىل قىسمەتلەرگە، بالا-قازا مۇسىبەتلەرگە ئۇچراش مۇمكىنچىلىكىدىن ساقلىنالمايدۇ، شۇڭا ئىنسان ھەرۋاقىت ھۇشيار تۇرۇپ ئەتتىگەن ۋە كەچلىك دۇئا -زىكىرلاردىن غاپىل قالماسلىقى، شۇنداقلا دۇئا-زىكىرلارنى ئوقۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئۆزىنى، پەرزەنتلىرىنى ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە تاپشۇرۇپ، ئاللاھتىن تۈرلۈك مۇسىبەتلەردىن ساقلاشنى تەلەپ قىلىشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى ھىمايە قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿فاللَّهُ خَيْرٌ حَافِظاً وَهُوَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر، ھەممىدىن مېھرىباندۇر.» [سۈرە يۇسۇپ 64-ئايەت].

    ئاخىرىدا ئاللاھ تائالادىن بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى تۈرلۈك بالا-قازالاردىن ۋە يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىشىنى تىلەيمەن. شۇنداقلا پەرزەنتلىرى يۈتۈپ كەتكەن ئاتا-ئانىلارغا سەبرى تىلەش بىلەن بىرگە يۈرەك پارىلىرى بىلەن ئەڭ يېقىن سائەتلەردە جەم بولۇشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى ئۇلۇغ رەببىمدىن سورايمەن.