بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 19/9/1429 ھىجرى 2008-يىلى-09-ئاينىڭ-19 كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا رامزاننىڭ ۋە قەدىر كېچىنىڭ پەزىلىتى، رامىزان ئېيى قۇرئان تىلاۋەت ۋە ھەر تۈرلۈك ئىبادەتلەر بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىسى ئىكەنلىكى، مۇسۇلمان بۇ تېپىلماس پۇرسەتنى قولدىن بەرمەستىن....
رامىزان ئىبادەت ئۈچۈن پۇرسەت - (ئۇيغۇرچە)
ئاپتۇر ماقالىسىدا، چاشگاھ نامىزىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى، قايسى ۋاقىتتا ئوقۇلىدىغانلىقى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرى، رەكئەت سانى قاتارلىق پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى، قۇرئان ۋە سۈننەتتىن دەلىللەرنى كەلتۇرۇپ ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن دىنىي ۋە تىببىيدىن 20 نەسىھەت - (ئۇيغۇرچە)
ئاپتور بۇ ماقالىسىدا روزىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، روزىنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھىكمەت، روزىنىڭ سالامەتلىككە دائىر پايدىلىرى ۋە روزىدارلار ئۈچۈن مۇھىم بەزى نەسىھەتلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا، تىببىي ئىلىملارنىڭ يەكۈنلىشى بىلەن ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنىدۇ.
قۇربان ھېيتى - (ئۇيغۇرچە)
«قۇربان ھېيتى»ناملىق بۇ ماقالىدا ئاپتۇر سۆزىنى تۆۋەندىكىدەك باشلايدۇ: مۇسۇلمان قېرىندىشىم! شۇ نەرسىنى ئېنىق بىلىڭكى، مۆمىنلەر ئۈچۈن دۇنيادا پەقەتلا ئۈچ ھېيىت بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ھەر ھەپتىدە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان جۈمە كۈنى، قالغان ئىككىسى يىلدا بىر قېتىمدىن كېلىدىغان رۇزا ۋە قۇربان ھېيتلىرىدىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئوينايدىغان ئىككى كۈنى....
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 6/10/1430ھـ 2009-يىلى09-ئاينىڭ25-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا مۇسۇلماننىڭ رامزان ئېيىدىن كېيىنمۇ تائەت-ئىبادەتتە بوشاشماستىن ۋە سۇسلۇق قىلماستىن داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ لازىملىقى، رامزان ئېيىدا ئىبادەتكە ھەقلىق بولغان ئاللاھ باشقا ئايلاردىمۇ ئىبادەت قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
ئاللاھ يولىدا ۋەخپە تۇرغۇزۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ14/2/1431ھـ 2009-يىلى01-ئاينىڭ29-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. خۇتبىدا ۋەخپىنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى، ۋەخپە تۇرغۇزۇشنىڭ پەزىلىتى، ۋەخپە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان بەزى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىق تۇرغۇزۇشى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ساپاسىنى كۆتۈرۈپلا قالماستىن....
ئاپتور بۇ ماقالىسىدا روزىنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە يولغا قويۇلىشى، روزىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە ئەھمىيىتى، تەراۋىھ نامىزىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئەھمىيىتى، روزىدارنى ئىپتارلاتقاننىڭ ساۋابى،قەدىر كېچىسى ۋە پىتىر سەدىقىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئەھمىيىتى، روزىنىڭ تۈرلىرى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بېلىشى زۆرۈر بولغان رامىزان ۋە روزا تۇتقۇچىغا ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر تەپسىلى چۇشەندۇرۇلىدۇ.
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ24/2/1432ھـ2011-يىلى01-ئاينىڭ28-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا گۈزەل ئەخلاقنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى رولى، مۇلايىملىق-كەڭ قورساقلىق ئەخلاقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى، مۇلايىملىق- كەڭ قورساقلىق، ئاللاھ يولىدا كەلگەن ئەزىيەتلەرگە سەبرى قىلىش ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلاردىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەھمىيەتلىك تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
مۇسۇلمانلار ئەجدادلار تارىخىنى بىلىشى كېرەك - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 2/5/1431ھـ/2010-يىلى04-ئاينىڭ16-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ساھابە كىراملارنىڭ ھاياتى ئارقا كۆرۈنۈشلىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ نۇسرەت ۋە ياردەمگە ئېرىشىشى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا پايدىلىنىشقا ئەرزىيدىغان جانلىق تارىخى مىساللار بىلەن يورۇتۇپ بېرىدۇ.
ئەھدىگە ۋاپا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ25/1/1432ھـ2010-يىلى12-ئاينىڭ31-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئەھدىگە ۋاپا قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، ئەھدىگە ۋاپا قىلىشتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆرنەك ئىكەنلىكى، رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابە كىراملارنىڭ ھاياتىدىن ئەھدىگە ۋاپا قىلىشىدىكى جانلىق مىساللارنى بېرىشتىن تاشقىرى، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش بولسا، ئەركەكلىك، ئەخلاق-پەزىلەت، پاك....
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ4/1/1432ھـ 2010-يىلى12-ئاينىڭ10-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرىلىدىغانلىقى، ئۆزىگە كۆيۈنگۈچى ئىنسان روھانىيىتىنى ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە پۇرسەت كېتىشتىن ئىلگىرى تەۋبىگە ئالدىرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
ئىسلام ۋە كەمبەغەللىك - (ئۇيغۇرچە)
«ئىسلام ۋە كەمبەغەللىك»ناملىق بۇ ماقالىدا، ئىسلام دىنىنىڭ بىكار تەلەپلىكنى ياقتۇرمايدىغانلىقى، خىزمەت قىلىشقا ۋە دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدىن رىزىق ئىزدەشكە قىزىقتۇرىدىغانلىقى، رىزىق ئۈچۈن جاھان كەزگەنلىكنى-نىيەت توغرا بولسا، ئامانەتكە رىئايە قىلىنسا، ئىبادەت ۋە جىھاد دەپ قارايدىغانلىقى، زاكات ۋە ئىقتىسادلىق كىشىلەرنىڭ يوقسۇللۇقنى تۇگۇتۇشتىكى رولى قاتارلىقلارنى ئىسلامى كۆز قاراشنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تەپسىلى بايان قىلىدۇ.