×
ئاپتۇر ماقالىسىدا، چاشگاھ نامىزىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى، قايسى ۋاقىتتا ئوقۇلىدىغانلىقى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرى، رەكئەت سانى قاتارلىق پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى، قۇرئان ۋە سۈننەتتىن دەلىللەرنى كەلتۇرۇپ ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

    چاشگاھ نامىزىنى مۇھاپىزەت قىلغان كىشىگە خۇش بىشارەت بولسۇن!.

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    مىنەۋۋەر بىنتى نېئمەتۇللاھ

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2013 - 1434

    هنيئاً لمن حافظ على صلاة الضحى

    « باللغة الأويغورية »

    منورة بنت نعمة الله

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2013 - 1434

    چاشگاھ نامىزىنى مۇھاپىزەت قىلغان كىشىگە خۇش بىشارەت بولسۇن!.

    بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان قۇدرەتلىك ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە پاك ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن.

    تۇرمۇش قايناملىرىنىڭ جىددىيچىلىكى بىلەن ئىش ئورۇنلىرىمىزدا، مەكتەپ ۋە ئائىلىمىزدە ئالدىراشچىلىق سەۋەبىدىن ئۇنتۇلۇپ قىلىۋاتقان بەزى نەپلە ئىبادەتلەرگە ۋاقىت ئاجراتساق نېمە دېگەن گۈزەل-ھە!.

    ئىنسان كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئالدىراش ۋە زىچ ۋاقىتلىرىدىن ئازراق ۋاقىت ئاجرىتىپ، پەرۋەردىگارىدىن بۈيۈك ساۋاب ۋە مۇكاپاتنى ئۈمىد قىلىپ يەككە-يېگانە ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرغان بىرنەچچە مىنۇت مۇسۇلمان ھاياتىدىكى ئەڭ ئەۋزەل ۋاقىت ئىكەنلىكىدە شەك يوقتۇر.

    مۇسۇلمان ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان پەرز نامازلارنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەسجىدگە ئالدىرىغىنى گۈزەل بولسا، پەرز ناماز ۋاقىتلىرىدىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ئۆزى بىلەن ياراتقۇچىسى ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئۈزلۈكسىز باغلايدىغان ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇپ تۇرغىنى ئۇنىڭدىنمۇ گۈزەلراقتۇر.

    رەببىمىز بىلەن ئارىمىزنى يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ بىرى چاشگاھ نامىزىدۇر. چاشگاھ نامىزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەۋۋابين نامىزى، (ئاللاھقا قايتقۇچىلار ، تەۋبە قىلغۇچىلار نامىزى) دەپ ئاتىغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە ئۈچ ئىشنى ۋەسىيەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىم ماڭا: ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشۇمنى، ئىككى رەكئەت چاشگاھ نامىزى ئادا قىلىشىمنى، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ۋىتىر نامىزىنى ئادا قىلىشىمنى ۋەسىيەت قىلدى.» [بۇخارى رىۋايىتى].

    مانا بۇ ناماز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قىلغان ئۈچ ۋەسىيەتنىڭ بىرى بولۇپ، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھاياتلا بولسام تەرك قىلمايمەن، دېگەن.

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەزكۇر نامازنى ئادا قىلىشقا تولىمۇ ھېرىسمەن ئىدى. چاشگاھ نامىزى بولسا ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى رەكئەت ئوقۇلىدۇ، يۇقىرى سانىنىڭ چەكلىمىسى يوق. نامازنىڭ ۋاقتى بولسا، كۇن چىقىپ بولغاندىن كىيىن باشلىنىپ ناماز پېشىندىن بۇرۇن (زاۋال ۋاقتىدا) تۈگەيدۇ. قۇياش ھارارىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققاندا بۇ نامازنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. چاشگاھ نامىزى نۇرغۇن سەدىقىلەرگە كۇپايە بولىدۇ. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «تاڭ ئاتقان ھەر كۈنى سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ھەربىر ئۈگىسىگە سەدىقە كېلىدۇ، ھەر تەسبىھ سەدىقىدۇر، ھەر ھەمدۇ-سەنا سەدىقىدۇر، ھەر لائىلاھە ئىللەللاھۇ سەدىقىدۇر، ھەر تەكبىر سەدىقىدۇر، ياخشى ئىشقا بۇيرۇش سەدىقىدۇر، يامان ئىشتىن توسۇش سەدىقىدۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە چاشگاھ ۋاقتىدا ئوقۇلغان ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز كۇپايە قىلىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

    پەزىلەتتە 360 قېتىم سەدىقە بەرگەنگە باراۋەر بولىدىغان پەزىلەتلىك ئەمەل دەل چاشگاھ نامىزىدۇر. بەزىدە ئىنسانغا تۇيۇقسىز ھادىسىلەر سەۋەبى ئېنىق بولمغان كوڭۇلسىزلىكلەر، ئائىلىدە ھوزۇرسىزلىق ۋە ناھايىتى ئېغىر مۇسىبەتلەر كېلىدۇ. بۇ چاغدا قانداق قىلىش كېرەك؟. دەل مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا چاشگاھ نامىزى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. چاشگاھ نامىزى بولسا بارلىق مۇسىبەتلەرنىڭ كېتىشىدىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر. نېمە ئۇچۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چاشگاھ نامىزىنى (تەۋبە قىلغۇچىلار نامىزى) دەپ ئاتىغان؟. چۈنكى بالا-قازا مۇسىبەتلەر ئاللاھقا تەۋبە قىلمىغۇچە كۆتۈرۈلمەيدۇ، شۇنداقلا گۇناھ سادىر بولمىغىچە مۇسىبەت چۈشمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا أَصَابَكُم مِّن مُّصِيبَةٍ فَبِمَا كَسَبَتْ أَيْدِيكُمْ وَيَعْفُو عَن كَثِيرٍ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەرگە (يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ (ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا ئىدى، بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلالماس ئىدىڭلار)[سۈرە شۇرا 30-ئايەت].

    چاشگاھ نامىزى تەۋبە قىلىش ۋە ئاللاھقا قايتىش بولۇپ، بىرەر گۇناھ-مەئسىيەتگە ئادەتىلىنىپ قالغان كىشى مەزكۇر قىلمىشنى تاشلىيالمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئۇچۇن ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋادۇر. ئۇ كىشى چاشگاھ نامىزى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرسا، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن، ئۇنىڭ گۇناھتىن قول ئۈزۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بەندىلەرىن بىرەرسى گۇناھ سادىر قىلغاندىن كىيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئەستەغپۇرۇللاھ دىسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.» [تىرمىزى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس].

    ھەرقانداق بالا-قازا مۇسىبەتلەر ئوز سەۋەنلىكىمىزدىن بولغان ئىكەن، تىزدىن ئۆز خاتالىقلىرىمىزنى تونۇپ چاشگاھ نامىزىنى كۈندىلىك ئىبادەتلىرىمىز جەدۋىلىگە كىرگۈزۇپ، بۇ ئارقىلىق مۇسىبەتلەردىن ئامانلىق تىلەپ، ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە نۇسرىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلشىمىز كېرەك. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلسۇن. سۆيۈملۈك رەسۇلىمىزنىڭ سۈننەتلىرىنى كۈندىلىك ھاياتىمىزدا ئىجرا قىلىشقا نېسىپ قىلسۇن. ئامىن...

    چاشگاھ نامىزىنى مۇھاپىزەت قىلغان كىشىگە خۇش بىشارەت بولسۇن!.

    جانابى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەسىيىتىگە ئەمەل قىلغان كىشىگە خۇش بىشارەت بولسۇن!.

    ئالدىراشچىلىق ھايات ئىچىدە چاشگاھ نامىزىغا ئەھمىيەت بەرگەن كىشىگە خۇش بىشارەت بولسۇن!.