بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ23/11/1429 ھـ / 2008-يىلى11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، بۇ خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ساھابىلارنىڭ پەزىلىتى، ئۇلارنىڭ دىندىكى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنى، ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەر ئالەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈسى، دىننى تارىتىش يولىدىكى پىداكارلىقلىرى قاتارلىق بىلىش زۆرۈر بولغان مەلۇماتلارنى ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنىدۇ.
ساھابىلارنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)
پەيغەمبەر كىم؟ (بالىلار ئۈچۈن) - (ئۇيغۇرچە)
«پەيغەمبەر كىم؟» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەردە، پەيغەمبەرلەر كىملەر؟ نەبى بىلەن رەسۇل ئاتالغۇسىنىڭ پەرقى نېمە؟ پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟ مۆجىزە دېگەن نېمە دېگەندەك پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەلۇماتلار سۇنۇلدى.
ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش نېمىدېگەن خەتەرلىك ھە! - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ14/6/1431 ھـ 2010-يىلى05-ئاينىڭ28-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئاتا-ئانىنى قاقشاتقانلىقنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى خەتىرى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇپ، ئازار قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغانلىقى، ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقان كىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ۋە ھەدىس روھىغا ئۇيغۇن روشەن....
ئىنسانىيەت ئىسلام شەرىئىتىگە مۇھتاج - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 24/10/1429ھـ 2008-يىلى10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ئىسلامنىڭ ئنسانىيەت ئۈچۈن بۈيۈك نېمەت ئىكەنلىكى، ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىقتىساد كرزىسىنى ھەل قىلىشتا ئىنسانىيەتنىڭ ئىسلام شەرىئىتىگە مۇراجىئەت قىلىشىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە ئىكەنلىكى، ئىنسانلارنىڭ نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان....
دىن دېگەن نېمە؟ (بالىلار ئۈچۈن) - (ئۇيغۇرچە)
«دىن دېگەن نېمە؟» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەردە، دىننىڭ ماھىيىتى ۋە بەندىلەر ئۈستىدىكى ئاللاھ يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت، ئىسلام ۋە كۇفىر، شېرىك ۋە بىدئەت قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ قىسىملىرى - (ئۇيغۇرچە)
«تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ قىسىملىرى» ناملىق بۇ ماقالىدا، ئاللاھ تائالانى بىر دەپ تونۇش ۋە ئۇنى تەربىيەتچىلىكتە، ئىسىم ـ سۈپەتتە يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلىش، سۆز ياكى ھەرىكەتتە بولسۇن ئىبادەت قىلىشقا لايىق بىردىن بىر زات ئاللاھ دەپ بىلىش قاتارلىقلار ئىسلامنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن ئىسلامنىڭ بارلىق نىزاملىرى، ھۆكۈملىرى، بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىنىڭ بىخلىنىپ....
ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى - (ئۇيغۇرچە)
«ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى» ھايات بىر دېڭىز، ئىنسان ئۇ دېڭىزدا كېمىدە يولغا چىققان بىر سەيياھ، دىنى ئېتىقاد ئۇ كېمىنىڭ كاپىتانى. كاپىتانسىز كېمىنىڭ مەنزىلگە يېتىپ بېرىشى ئىمكانسىز بولغىنىدەك، دىنى ئېتىقادسىز ئادەممۇ ئۆمۈر مەنزىلىگە يېتىپ بارالمايدۇ. ئۇنداق بولغاندا دىنىي ئېتىقاد ئىنساننىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى ۋە ئايرىلالماس ھايات قوماندانى.
كۇپۇرنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە - (ئۇيغۇرچە)
ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جانلىق ۋە جانسىز ھەر قانداق نەرسە بىر ئىلاھى قانۇن بىلەن ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلماقتا ئىكەنۇ.. ، بۇ ئىنساننىڭ كۆزى ۋە ئەقلى خۇددى غۇۋا پەردىلەر بىلەن توسۇلۇپ قالغاندەك بۇ ھەقىقەتلەرگە كۆز يۇمغان ۋە ئۇنىڭغا خىلاپ چۈشەنچىدە بولۇش بىلەن بىرگە كۇپۇرنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا ئەتراپنى تىمىسقىلاپ يۇرمەكتە.
ئىسلامدا نامازنىڭ ئورنى ۋە پەزىلىتى - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 20/10/1430ھـ 2009-يىلى10-ئاينىڭ09-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا نامازنىڭ ئىككى گۇۋاھلىق سۆزىدىن كىيىنكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىبادەت ئىكەنلىكى، ناماز تارىختىن بۇيان ئىنسانىيەتكە بۇيرۇلۇپ كەلگەن ئىبادەت ئىكەنلىكى، نامازنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئاللاھ تەرىپىدىن ۋاستىسىز پەرز قىلىنغانلىقى، نامازنىڭ ئىنسان ھاياتى ۋە جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان....
مۇناپىقلىق ئەڭ ئېغىر كېسەلدۇر - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 7/6/1431ھـ 2010-يىلى05-ئاينىڭ21-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا نىپاقلىقتىن ئىبارەت بۇ ناچار قىلمىشنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زېيىنى ۋە خەتىرى، نىپاقلىقنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭغا دائىر بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بەزى مۇھىم مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن دەلىللەپ چۈشەنچە بېرىدۇ.
بىدئەت ھەققىدە چۈشەنچە - (ئۇيغۇرچە)
«بىدئەت ھەققىدە چۈشەنچە» ناملىق بۇ ماقالىدا، مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ پارلاق دىنىنىڭ روھىدىن ئۇزاقلاشقاندىن كېيىن، بارچە ئەقلىي كۈچىنى بىدئەتلەرنى ئىختىرا قىلىش بىلەن زايا قىلىپ ئىختىرا ۋە ئىجاد قىلىشى تەلەپ قىلىنغان دۇنيا ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇرچىنى ئونۇتقانلىقى، ئەسلىدە، دىنىي ئىشلاردا شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن چەتنىمەسلىك؛ دۇنيا ئىشلىرىدا بولسا تەرەققى قىلىپ ئىلگىرىلەش،....
مەككە مۇكەررىمىنىڭ پەزىلىتى ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرى - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ10/12/1430ھـ2009-يىلى11-ئاينىڭ27-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا مەككە مۇكەررىمىنىڭ ئۇلۇغ زېمىن ئىكەنلىكى، ھەرەم زېمىنىنىڭ پەزىلىتى، قۇربان ھېيت كۈنلىرى ۋە پائالىيەتلەر، ھېيت پەقەت يېڭى كىيىم-كېچەك كېيىش، ئويۇن-تاماشا قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلماستىن بەلكى مۇسۇلمانلارنى ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتسۇن ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقى، مۇسۇلماننىڭ....