ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى
كاتوگورىيەلەر
Full Description
دىنى ئېتىقاد ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى
ت. شهدي
العقيدة الصحيحة ودورها في الحياة الإنسانية
ھايات بىر دېڭىز، ئىنسان ئۇ دېڭىزدا كېمىدە يولغا چىققان بىر سەيياھ، دىنى ئېتىقاد ئۇ كېمىنىڭ كاپىتانى. كاپىتانسىز كېمىنىڭ مەنزىلگە يېتىپ بېرىشى ئىمكانسىز بولغىنىدەك، دىنى ئېتىقادسىز ئادەممۇ ئۆمۈر مەنزىلىگە يېتىپ بارالمايدۇ. ئۇنداق بولغاندا دىنىي ئېتىقاد ئىنساننىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى ۋە ئايرىلالماس ھايات قوماندانى.
قانداقكى قۇماندانسىز ئەسكەر ئۇرۇشتا تەمتىرەپ قالغىنىدەك، دىنى ئېتىقادسىز ئادەممۇ ھايات جەڭگاھىدا ھودۇقۇپ قالىدۇ.دىنى ئېتىقاد پەقەتلا پىكىر ياكى بىر نەزەرىۋىي كۆز قاراشلا ئەمەس، بەلكى ئۇ، ئىنساننىڭ قەلبىگە مۇناسىۋەتلىك ھايات مىزانى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئالاقىدار ئىدېئوگىيىلىك قانۇن مەنبىئىگە ئىگە ئىقرار ۋە تەستىقتىن ئىبارەت روھىيەت ئۇزىقى. دىنىي ئېتىقاد تۇغما ئىقتىدارى يوق ئادەم بولمايدۇ، چۈنكى دىنىي ئېتىقاد ھەر كىمدە كەم بولسا بولمايدىغان روھى ئۇزۇق، ياكى خۇسۇسىلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئادەمنىڭ ئۆزلۈك روھىيىتى ۋە تەبىئىتىنىڭ بىر قىسمى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى ۋە بۆشۈكى.ئىنسانىيەت يارىتىلغاندىن بېرى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان تارىخنىڭ ئۇچۇق ئىكرانى شۇنىڭغا جانلىق شاھىدكى، ئىنسانىيەت ئۆزلىرى ئىختىرا قىلغان باتىل دىن بولسۇن ياكى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ساماۋى دىن بولسۇن ھېچ بىر زامان دىنىي ئېتىقاددىن خالىي قالغان ئەمەس. تۇنجى مەدەنىيەتنىڭ ئاساسى ۋە خېمىرتۇرۇچىمۇ تامامەن دىنىي ئەقىدە، دىنى پرىنسىپ ۋە دىنى ئاساسقا يۈلىنىدۇ ھەمدە ھاياتنىڭ ھەر قىسمىدا تەسىرى كۈچكە ئىگە.
ئىراقلىق مۇسا مۇسەۋى ئۆزىنىڭ "ئەرەب پەلسەپىسى" ناملىق ئەسىرىدە: ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن ئىككى ئەسىر كېيىن ئۆتكەن دىئوگېنېس لارشىفنىڭ ھەر قايسى مەشھۇر پەيلاسۇپلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىدىيىسى خاتىرىلەنگەن بىر مەشھۇر ئەسىرىدە،
پەلسەپىنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى قەدىمى شەرق مەدەنىيىتىنىڭ شاھانە مىراسى دەپ بىلگەنلىكىنى، بۇ خىل قاراش نۇرغۇن ئالىملارنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەنلىكىنى، شۇنىڭلىق بىلەن بىرلىككە كەلگەن پىكىر يەنى قەدىمى شەرق گرېتسىيىدىن بۇرۇن باي ۋە سەلتەنەتلىك مەرىپەتنى يارىتىپ ئۆتكەن دېگەن خۇلاسە كېلىپ چىققانلىقىنى ۋە بۇ مەرىپەت تويۇنغان ئەمەلىي پەنلەر ۋە بىباھا دىنىي تەتقىقاتلارنىڭ مېۋىسى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. ھەتتا پەن توغرىسىدا گەپ بولغاندا مىسىرلىقلارنىڭ ماتېماتىكا، مېخانىكىنى ئەڭ بالدۇر بەرپا قىلغانلىقىنى، خىمىيىنى كەشپ قىلىپ تىببىي ئىلىمنى شەكىللەرندۈرگەنلىكىنى دەپ ئۆتىدۇ. يەنە يېزىق توغرىسىدا گەپ بولغاندا، يېزىقنى بىرىنچى بولۇپ مىسىرلىقلارنىڭ ئىجاد قىلغانلىقىنى، كۇتۇبخانىلارنى قۇرۇپ كىتابخانىلار ئاچقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئەمەلىي پاكىت سۈپىتىدە، بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىزنالىرىنى 6000 يىللىق تارىخقا ئىگە مىسىر ئېھراملىرى موميالىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ[1] ھەم قەدىمىي شەرق مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى پەقەت مىسىرلا ئەمەس، بابىلۇنلۇقلار، چالدىلىقلارمۇ پلانىتلارنى تەتقىق قىلىپ ئاسترونومىيىنى بەرپا قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ ۋە دىنى نەزەرىيىلەرنىڭ ئۆرە بولىشىدا شەرق غەربتىن تېخىمۇ ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ بۇ پىكرىنى دەلىللەپ: "قەدىمىي شەرقلىقلەر بىزگە ئىلاھىي سۈپەت، ياخشى ـ يامان ۋە تەقدىر ھەققىدىكى ئاقىلانە قاراشلارنى قالدۇرغان. كېيىن يۇنان پەيلاسوپلىرى ئارىسىدا قايتا ـ قايتا تىلغا ئېلىنغان نەرسىلەر دەل مۇشۇ قاراشلارنىڭ ئىنكاسى"[2] دەپ كۆرسىتىدۇ. مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ بۇ پىكىرىنى پاكىت جەھەتتە تېخىمۇ كۈچلەندۇرۇپ، 3300 يىل بۇرۇنقى مىسىردا ئەۋج ئالغان كۆپ ئىلاھلىق دىنىغا ئۆكتە قوپۇپ بىر ئىلاھلىق تەلىماتىنى تىكلىگەن، ئۇ ئىلاھ دەل قۇياش ئىلاھى " ئاتون " دەپ ئېلان قىلغان ۋە بۇ ئىلاھقا مەدھىيە ئوقۇپ ئوتلۇق شېئىر يازغان ئەخناتوننىڭ پارچىلىرىدىن بىر قانچە مىسرا نەقل قىلىپ كەلتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ، جانابى ئاللاھ ئىنسانلارغا بۇ دۇنيانى گۈللەندۈرسۇن، باشقىلارغا پايدىلىق ئەمەلى پائالىيەت بىلەن مەدەنىيەت بەرپا قىلسۇن دەپ، بەش ئەزا، ئەقىل ـ ئىدراك، قابىلىيەت ۋە تۈرلۈك ئىقتىدار ئاتا قىلغان. شۇ سەۋەپلىكمۇ جانابى ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى نەزەرىيەنى
ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسەتسۇن، ئەمگەك ۋە كەسىپ ئارقىلىق جەمئىيەت ئۈچۈن، باشقىلار ئۈچۈن، كېيىنكىلەر ئۈچۈن ياخشى ئىشلاردا نەمۇنە بولسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى بىرەر ئارتۇقچىلىق ۋە ئۆزگىچە قابىلىيەت ۋە ئىقتىدار ئىگىسى قىلىپ ئەۋەتكەن. مەسىلەن، نۇھ ئەلەيھىسسالام كېمە ياساش بىلەن دېڭىز ـ ئوكيانلاردا ئۈزۈشنى تەلىم بەرگەن، داۋۇد ئەلەيھىسسالام پولات ـ تۆمۈر ئېرىتىش جەھەتتە ئەمەلىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قەدىمكى كەئبىنى ياسىغان، شۇنىڭدەك بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋردە قوي باققان بولسا، ياش قۇرامىغا يەتكەندە شامغا بېرىپ تىجارەت قىلغان، قۇبا مەسجىدى ۋە مەدىنە مەسجىدىنى ياساش ۋاقتىدا ئاممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ تاشلارنى قۇرۇلۇش ئورنىغا يۈدۈپ توشىغان.
ئىنساننىڭ يارىتىلىشى ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئىگىسى بۈيۈك ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش[3] بولغانلىقى ئۈچۈن، جانابى ئاللاھ ئەسلىدە ئۇلارنى ئوخشاش ئەقىدىگە مەنسۇپ بىر پۈتۈن ئۇممەت قىلىپ ياراتقان[4]. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنسانغا يڭيش ـ ئىچىش، نىكاھلىنىش ۋە نەسىل قالدۇررۇش قاتارلىق شەھۋەت ۋە ھەۋەسكە مايىللىق كۈچى، ھەر خىل ئاپەتلەرگە، دۈشمەنلىككە ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئۇچۇن مۇداپىئەلىنىش، قوغدىنىش كۈچى، غەزەپلىنىش، نەپرەتلىنىش ۋە كۈرەش قىلىشتەك غەزەپ ـ نەپرەت كۈچى، ھېس قىلىش، چۈشىنىش، ئويلاش تەپەككۇر قىلىشتەك ئەقىل كۈچى ئاتا قىلغان. ئىنسان روھىيىتىدىكى بۇ خىل فۇنكسىيىلەرنى پارابى ئۆزىنىڭ: " كلاسسىك پەلسەپە پرىنسىپلىرى " ناملىق ئەسىرىدە: " ئۇزۇقلىنىش فۇنكسىيىسى، سېزىش فۇنكسىيىسى، خاھىش فۇنكسىيىسى، تەسەۋۋۇر فۇنكسىيىسى، تەپەككۇر فۇنكسىيىسى " دەپ بەش خىل فۇنكسىيىگە خۇلاسىلىغان ۋە بۇ فۇنكسىيىلەرنىڭ ھەرگىز بىر دەرىجىدە ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مانا بۇ فۇنكسىيىلەر ئىنساننىڭ ئۆمۈر مەنزىلىنى بېسىپ، ھايات سەھنىسىدە نۇمۇر كۆرسىتىشى، ماددىي ۋە مەنىۋىي تەكامۇللۇقىنى تەدرىجى يېتىلدۈرىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان پائال كۈچكە ئىگە ئاكتىپ ئامىل ھېساپلىنىدۇ. ئىنسان ئۆز پىترىتىدىكى بۇ ئالاھىدە سۈپەتلەرنىڭ رولىنى جارى
قىلدۇرۇشتا ئىرادە ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئۆزى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلسا بولىدۇ، قانداق ئىشلەتسە، نېمىگە ئىشلەتسە... قىسقىسى ياخشىلىققا ئىشلىتەمدۇ ياكى يامانلىققا ئىشلىتەمدۇ ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە خاھىشىغا باغلىق. چۈنكى بۇ سۈپەتلەرنى ئىنسان خاراكتېرىغا مۇجەسسەملەشتۈرگەن زات جانابى ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بۇ سۈپەتلەرنى تەسەررۇپ قىلىشىدا ھېچ بىرىگە بىرەر مەجبۇرىي بەلگىلىمە ياكى ئىجبارىي چەكلىمە قويمىغان. ئەمما پەيغەمبەر ۋە كىتاپ ئەۋەتىپ، شەرىئەت ۋە قانۇن بەلگىلەپ، ياخشى ـ يامان يوللارنى ئېنىق كۆرسىتىپ، قايسىنى تاللىوېلىش ئىختىيارلىقىنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئىرادە ئەركىنلىكىگە تاپشۇرغان، شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ ئەقىل، ئىدراك، ھېس ـ تۇيغۇ، سۆيگۈ ـ مۇھەببەت، غەزەپ ـ نەپرەت، ھەۋەس ـ شەھۋەت، ئارزۇ ـ ئىستەك، قابىلىيەت ـ ئىستىدات، كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە ئىمكانىيەت مەلەكەلىرى مىقدار، سەۋىيە ۋە تۈر جەھەتتە بىر ـ بىرىدىن پەرقلىق يارىتىلغان ھەمدە زامان، ماكان ۋە مۇھىت رېتىمى بىردەك بولمىغان. شۇڭلاشقا ھەر دەۋردە يېتىشكەن ئەقىل ئىگىلىرى، دانىشمەن ۋە يېتىك شەخىسلەرنىڭ كائىنات ۋە كائىناتتىكى مەۋجۇداتلارنى چۈشىنىپ تەتقىق قىلىشى، قانۇنىيەتلەرنى بايقىشى بىر ـ بىرىدىن پەرقلىق ئىپادىلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى، ئېتىقاد قارىشى، تۇرمۇش قارىشى ھەر خىل تۈردە شەكىللەنگەن. شۇ سەۋەپلىك، ئىنسانلار ئېڭىدا ئاستا ـ ئاستا ئېتىقاد ئىختىلاپلىرى پەيدا بولۇپ، بەزىسى ئۆز پىترىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ساماۋىي دىنغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن، بەزىسى ئۆزىنىڭ تەبىئى خاراكتېرىغا يات ھالدا، ئوت، يۇلتۇز، ئاي ۋە كۈنگە ئوخشاش تەبىئەتتىكى كونكېرت شەيئىلەرگە ئېتىقاد قىلغان، يەنە بەزىسى ئۆزلىرى ياسىۋالغان تاش بۇتلارغا ئېتىقاد قىلغان. دېمەك ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمى جانابى ئالاھنىڭ ئىنسانلىق پىترىتىگە مۇناسىپ شەكىلدە كۆرسەتكەن يولدىن چەتنەپ ئېتىقاد، ئاڭ، پىكىر، چۈشەنچە ۋە كۆز قاراش جەھەتتە ھەر خىل خاتا ۋە تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلار ئېتىقادى ئوخشىمايدىغان، ئەقىدىسى پەرق قىلىدىغان نۇرغۇن بۆلەكلەرگە ئايرىلىپ كەتكەن. شۇڭلاشقا ئىنسانلار تارىخىدا ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ئېتىقاد توقۇنۇشى، دىنى كۈرەش ۋە ھەر خىلدىكى ئېدىئولوگىيىلىك پىكىر غەۋغالىرى بېسىلماي كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى،
توغرا ۋە دۇرۇس ئېتىقاد بىلەن ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ قىسقا ئەقلى بىلەن ھەر خىل مەنپەئەت توقۇنۇشى ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن باتىل ئېتىقاد ۋە مەزھەب ئېقىملىرى ئارىسىدىكى كۈرەش تا قىيامەتكىچە ئۆزلۈكسىز داۋامشىلىدۇ. شۇنداق، پىتنە ۋە زىيانكەشلىك يوقىلىپ، ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىستىقبالىدىن خاتىرجەم بولالايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ۋە پۈتۈن دۇنيادا ئومۇمنىڭ تىنچلىقى كاپالەتلىككە ئېلىنىپ، پاراۋانلىق ۋە خاتىرجەملىك ساقلانغانغا قەدەر بۇ كۈرەش ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ قۇر ئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: "تاكى پىتنە (زىيانكەشلىك) تۈگەپ زېمىندا يالغۇز ئاللاھنىڭ دىنى ھاكىم بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار." (سۈرە بەقەر 193 ـ ئايەت)
جانابى ئاللاھ كائىنات ۋە كائىناتتىكى جانلىق ۋە جانسىز پۈتۈن شەيئىلەرنى يوقتىن يارىتىپ، ماھىيىتىدە مۇتلەق قانۇن، ئىنچىكە ئىنتىزام، زىل قۇرۇلما ۋە سىستېمىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىنساننىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بويسۇندۇرۇپ بەرگەن. بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، يامغۇر سۈيى بىلەن سىلەرگە رىزىق قىلىپ نۇرغۇن مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز ئەمرى بويىچە دېڭىزدا قاتنايدىغان كېمىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە دەريالارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە ئاي بىلەن كۈننى تەرتىپلىك دەۋر قىلىپ تۇرىدىغان قىلىپ بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە كېچە بىلەن كۈندۈزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى"[5] شۇنىڭ ئۈچۈن سەييارە ـ پلانېتلاردىن تا ئاتوم، ئېلېكترون ۋە رادىئو ئاكتىپ مكرو ماددىلارغا چاغلىق كائىناتتىكى پۈتۈن شەيئىلەر ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشىنىڭ غايىسى ۋە ھېكمىتىدىن ئىبارەت ئىنسانغا خىزمەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆزلىرىنىڭ ماھىيىتىدە قويۇلغان بىر قىسىم قانۇن ۋە ئىنتىزام بويىچە جارى قىلدۇرۇپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. جانابى ئاللاھ كائىنات ۋە كائىناتتىكى شەيئىلەرنىڭ جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭمۇ ئومۇمى نىشانى بولغان (يەنى شەيئىلەرنىڭ ئىنسانغا خىزمەت قىلىشى، ئىنساننىڭ ئۇ شەيئىلەردىن مۇناسىپ شەكىلدە پايدىلىنىپ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشى) ئۈچۈن ئۇلار ئارىسىدا ماسلىق، ئۇيغۇنلۇق، ھەمكارلىق ۋە
ئالاقە تۇرغۇزغان. شۇ سەۋەبلىك ئىنسان كائىناتتىكى زەررىدىن سەييارىلارغىچە پۈتۈن شەيئىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا ھەم ئۇلارنىڭ سىرىنى بىلىپ پايدىلىنىشقا ھاجىتى بار.
ئىنسانىيەت يارىتىلىپ يەر شارىدا ياشاشقا باشلىغاندىن بېرى ئۇلارنىڭ ياشاش ئەھۋالى بىر نەچچە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ بۈگۈنگە قەدەور يېتىپ كەلدى ۋە نەتىجىدە ئاجايىپ كەشپىيات ۋە ئىختىرالارنى بارلىققا كەلتۈردى. چۈنكى ئىنسان كائىناتتىكى شەيئىلەرنىڭ جەۋھىرى ۋە ئاساسى. شۇنىڭ ئۈچۈن كائىناتتىكى پۈتۈن شەيئىلەر ئىنساننىڭ خىزمىتى ئۈچۈن يارىتىلغانلىقى ۋە ئىنسانغا بۇ شەيئىلەردىن پايدىلىنىش ۋە ئىدارە قىلىش قابىلىيىتى بېرىلگەنلىكى بىر ھەقىقەت. جانابى ئاللاھ ئىنسانلارغا ئەقىل ـ ئىدراك، ھېس ـ تۇيغۇ ئاتا قىلىش ئارقىلىق باشقا ھەرقانداق مەخلۇقلاردىن ئۈستۈن قىلىپ ياراتقان. ئىنسان كائىناتتىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ئۇلۇغى، ئەۋزىلى، قابىلىيەت ۋە ئىستىداتلىقى. ئىنساننىڭ باشقا مەخلۇقلاردىن بۇ قەدەر ئالاھىدە ئىمتىياز ۋە ئارتۇقچىلقلارغا ساھىپ بولۇشنىڭ ھېكمىتى، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلاردىن تەلەپ قىلىنغان ۋەزىپىسى جانابى ئاللاھ ئۇلارنىڭ خاراكتېرىدا قويغان توغرا دىنى ئېتىقاد ئاساسىدا خالىس ئىبادەت ۋە مۇتلەق ئىتائەت قىلىپ بويسۇنۇشتىن ئىبارەت. شۇ سەۋەبلىك جانابى ئاللاھ ئىنسانىيەت تارىخى باشلىنىش بىلەن تەڭ ئۇلارغا توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى پەيغەمبەر ۋە كىتاپ ئەۋەتىپ مۇتلەق ئىتائەت قىلىش ۋە بويسۇنۇش مەزمۇنىدا ئىپادىلەنگەن «ئىسلام» ئېتىقادىدىن ئىبارەت بىر ئىلاھلىق ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلغان «تەۋھىد دىنى» يەنى ئىسلام دىنى كۆرسەتمىسى بويىچە ئىبادەت ۋە بەندىچىلىك قىلىش يوللىرىنى كۆرسىتىپ كەلگەن. ئەسلىدە، توغرا ئەقىدىنى قوبۇل قىلىش ئۇچۇن ئۇنى بىلىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئەقىدە ۋە ئەقىدىگە ئۇلاشتۇرىدىغان يول ھەر خىل بولۇپ، تۈرلۈك ئۇسۇل ۋە مېتودلاردىن خالىي ئەمەس، شۈبھىسىزكى ھېچ بىر ئىنسان بۇ ئۇسۇل ۋە يوللارنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس ۋە شۇنىڭدەك بۇلارنىڭ ھېچ بىرىنى قوبۇل قىلماي ئايرىلىپ قېلىشى ھەم مۇمكىن ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسىلام بۇ ھەقىقەتنى ئۆز ئۈممەتلىرىگە تەلىم بىرىش مەقسىتىدە، بىر كۈنى بىر قانچە ساھابە كىراملار ئارىسىدا
تۇرۇپ، تۈز بىر سىزىقنى سىزغاندىن كېيىن ئۇ سىزىقنىڭ ئەتراپىغا بىر قانچە سىزىقلارنى سىزىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ رۇس سىزىق ھەق يول، ئەتراپىدىكى سىزىقلار بولسا باتىل يول، بۇ باتىل يوللارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بېشىدا شەيتان تۇرغان بولۇپ، (توغرا ھەق يولدا ماڭغان) مۇسۇلماننى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئۇ باتىل يوللارغا چاقىرىدۇ. شۇ سەۋەبلىكمۇ جانابى ئاللاھ يەر شارىدا، تۇنجى ئىنسان ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسىلامنى يارىتىش بىلەن تەڭ ئۇ زاتنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسىلامدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ جەمئىيەتلىشىشىگە ئۇلاپ ئۈزلۈكسىز ھالدا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، كىتابلارنى نازىل قىلىپ ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيە بىرلىكى ئاساسىدا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھايات نىزامى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە بەخىت ـ سائادىتىنى قولغا كەلتۈرىشى ئۈچۈن، «دىن» نامى بىلەن ئۇلارنىڭ ئېتىقاد قارىشىنى تۇرغۇزۇپ بەرگەن. ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ھەر باسقۇچىدا پەيغەمبەرلەر ۋاستىسى بىلەن ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈلگەن «دىن» نىڭ ئاساسى «ئىسلام» بولۇپ، پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئۆز ئۈممەتلىرىنى ئوخشاش دىن يەنى ئىسلام دىنى ئاساسىدا توغرا يولغا يېتەكلەپ كەلگەن. بۇ يەكۈن ۋە خۇلاسىمىزگە مۇناسىۋەتلىك جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «باتىل دىنلاردىن بورۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ» دېمەك ئىنسان ئەسلى يارتىلىشىدىلا دىنى پىترەت ۋە دىنى خاراكتېر بىلەن يارىتىلغان. ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئەنە شۇ مەزكۇر ئانا خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تارىختا تۈرلۈك سۈيقەستلەر پىلانلاندى، ئەسلا ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتى يوق ھەر خىل ئېقىم ۋە كۆز قاراش ئاساسىدا قانۇن ۋە نىزاملار تۇرغۇزۇلدى. ھەتتا تېرىك ـ تېرىك ھەرە بىلەن ئىككى تىلىم قىلىپ تاشلاندى، بەلكى ئورەك كولىنىپ، قوزۇق قېقىلىپ، قۇزۇقتا ئولتۇغۇزۇلۇپ ئارقىدىن كۆيدۈرۈپ تاشلاندى. بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە قۇرئان كەرىمنىڭ «ئەسھابۇل ئۇخدۇد» سۈرىسىدە ئومۇمى شەكىلدە تېلغا ئېلىنىدۇ. بۇ پاجىئەلىك ۋەقە بۈگۈنكىدەك مەدەنىيەتلىك، ساپاسى ئۈستۈن ئىنساسنلار شەكىللەندۈرگەن جەمئىيەتتىمۇ يۈز بەرمەكتە، بەلكى ئەينى چاغدىكىدىن تۈركەملەپ، ھەسسىلەپ ئېشىپ مىليونلىغان
ئىنسانلارنىڭ، ھەتتا مىللەتلەرنىڭ تۇخۇمىنى قۇرۇتىۋېتىش مەقسىتىدە ھەر خىل باھانە سەۋەبلەر ئويدۇرۇلماقتا. ئالىدىغان بولساق 20 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بولشىۋىكلاردىن كېيىن دەۋر بېشىغا چىققان لېنىن يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان دېكتاتۇر ستالىن ھاكىمىيىتىنىڭ قانلىق قۇلى ئارقىسىدا نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ قېنى ئاققان بولسا، ئارقىدىن ماۋزېدۇڭ باشچىلىقىدا قانچىلىغان خەلقنىڭ كۈلى كۆككە سورۇلدى...! بۈگۈنكى كۈنىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە ھەر تۈردە مەقسەتلىك تۆھمەتچىلىك، ئەسەبى مىللەتچىلىك، ئېتىقادى تەئەسسۇبىيەتچىلىك، سىياسى غەرەز ۋە مەنپەئەت توقۇنۇشى ئاستىدا پەلەستىن، بوسنا، كوسوۋا، چېچەنىستان، ئافغانىستان، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن ۋە يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر ئادەمنى تۇلىمۇ سەسكىندۈرىدۇ. دېمەككى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۇ تراگېدىيەلىك ھادىسىلەر، زۇلۇملار، ئىنسانلارنىڭ جانابى ئاللاھ ئىنسان، شۇنداقلار پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ھايات نىزامى ۋە بەخىت ـ سائادىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەر ۋاستىسى بىلەن كۆرسەتكەن توغرا يولدىن چەتنەپ، ئۇ لىزم بۇ لىزم دەپ داۋراڭ سېلىپ، ھەيۋە قىلىشلىرى، ئىنسانلارغا يالغاندىن جەننەت ۋەدە قىلىشلىرى ئادەتتە قۇرۇق سەپسەتە ۋە ئەمەلىيەتسىز قۇرۇق داۋراڭدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنىڭ، ھەرقانداق نىزام ۋە سىستېمىلارنىڭ ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنىڭ ئەمەلى پاكىتى.